كېيىنكى تۆت يىلدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش ئىككىنچى قارار ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشى بىلەن، مەيلى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بولسۇن ياكى خىتاي -ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان چەتئەل تور بەتلىرىدە بولسۇن، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 4 يىلدا خىتايغا قاراتقان تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى ھەرخىل مۇلاھىزە ۋە قاراشلار كۆپلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان بېسىمى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن

... بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان بېسىمى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن.

بىز بۇ ھەقتە ئىلگىرىلىگەن ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئىلمىي تەتقىقات ئورگىنى بولغان برۇكىڭس ئىنىستىتوتى(Brookings Institution) نىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار سىياسىتى ۋە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى خۇاڭ جىڭ ئەپەندى بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزدۇق.

خۇاڭ جىڭ ئەپەندى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى 4 يىلدا ئاساسىي جەھەتتىن تۇراقلىق بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بەزى ئىختىلاپلارنىڭ يەنىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەتتا تېخىمۇ ئېغىرلىشىش ئېھتىماللىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلىمۇ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇشنىڭ بىرىنچى قارار پرېزىدېنتلىگىدىكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بىر قەدەر تۇراقلىق بولىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇشنىڭ قەسەم ئىچىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزلىرىگە قارىساق، ئۇ پۈتۈن دۇنيادا ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى بارلىق كۈچى بىلەن قانات يايدۇرىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بېرىدىغان بېسىمى تېخىمۇ كۈچىيىشى مۇمكىن. مەسىلەن كىشىلىك ھوقۇق، ئەركىن سودا ۋە سىياسىي تۈزۈلمە قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلار تېخىمۇ ئېغىرلىشىشى مۇمكىن."

خۇاڭ جىڭ سۆزىدە يەنە، ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ئۈستىدە تېخىمۇ تەپسىلىي توختىلىپ، ئەگەر ئامېرىكا تېز مەزگىلدە ئىراق مەسىلىسىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلالىسا، ئۇ ھالدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا تۇتىشىشى مۇمكىنلىكىنى، ناۋادا بۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ، ئىراق مەسىلىسىنى ئۇزۇن مەزگىلگىچە ھەل قىلالمىسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي مەسىلىسىنى بىر ياققا قويۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەيۋەن مەسىلىسى

خىتاي قەستەن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يوللۇق ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى بىر-بىرىگە چېتىۋالدى.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى يەنە بىر مۇھىم مەسىلە - تەيۋەن مەسىلىسى. سىياسىي ئانالىزچىلار ئۇزۇندىن بېرى بۇنى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى "مىنا " دەپ ئاتاپ كەلگەن. بۇشنىڭ ئىككىنچى قارار پرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىكى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ يۆنىلىشى ھەققىدە توختالغان خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ تەيۋەن ئىشلىرى تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ باشلىقى شۈ كېلى، ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن مۇھىم ستراتىگىيىلىك مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ھەمكارلىقىغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دىدى:

"ئەگەر ئامېرىكا، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بەرسە، ئۇ چاغدا ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىگە تۇتقان سىياسىتىدە كۆپ ئېھتىياتچان بولىشى كېرەك. ئەمما نۇرغۇن ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ھازىر مۆلچەرلىگى بولمايدۇ. شۇڭا بۇنىڭغا ئېنىق بىر نېمە دىيىش تەس. "

برۇكىڭس ئىنىستىتۇتىنىڭ تەتقىقاتچىسى خۇئاڭ جىڭ ئەپەندى بۇ ھەقتە باشقىچە قاراشتا بولۇپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلىشىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدە مەلۇم ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"بۇ ياۋروپا بىرلىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە باغلىق. ئەگەر ياۋروپا بىرلىكى قورال چەكلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن، خىتايغا كەڭ كۆلەمدە قورال سېتىپ بېرىپ، خىتاينى ئىلغار قوراللار بىلەن تەمىنلەپ قالسا، ئۇ چاغدا ئامېرىكا تەيۋەننى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق بۇ ۋەزىيەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا ئەلۋەتتە ئىككى دۆلەت ۋەزىيىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىدۇ. لېكىن بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك مۆلچەر، مېنىڭچە كېيىنكى 4 يىل ئىچىدە تەيۋەن مەسىلىسىدە چوڭ ھادىسىلەر يۈز بېرىشى ناتايىن."

كىشىلىك ھوقۇق ۋە تېررورىزم

بۇشنىڭ خەلقئارا تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان خۇاڭ جىڭ ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرى تۆۋەندىكىچە ئوتتۇرىغا قويدى:

" 'تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشئ دېگەننىڭ ئۆزى' كىشىلىك ھوقۇق ئ بىلەن پۇت تېپىشىدىغان نەرسە. تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇشنى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ئۇ ھامان مەلۇم دەرىجىدە كىشىلىك ھوقۇقنى چەتكە قاقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاي قەستەن تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يوللۇق ئېلىپ بېرىلغان مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى بىر-بىرىگە چېتىۋالدى. شۇڭا بۇ مەسىلە ھازىر تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىپ كەتتى. مېنىڭچە، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ئازراق ئاجىزلاپ قېلىشى مۇمكىن."

ئەمما بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار بۇشنىڭ ئىككىنچى قارار پرېزىدېنتلىقىنىڭ ئالدىنقىسىغا تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى، چۈنكى بۇش 20 - يانۋار كۈنى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا قىلغان نۇتۇقىدا، پۈتۈن دۇنيادا ئازادلىق، ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئاساسلىق تېما قىلىپ، بۇنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. ئۇلار يەنە شۇ سەۋەبتىن، كېيىنكى 4 يىلدا بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. (پەرىدە)