خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھەربىي مۇناسىۋەتلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ باردى
2005.02.01
تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ھەربىي سۆھبېتىدىكى ئەڭ سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولغان. ئامېرىكا ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى رىچارد لاۋلېز يىتەكچىلىك قىلدى. خىتاي تەرەپكە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تاشقىي ئىشلار ئىدارىسى باشلىقى جاڭ باڭدوڭ باشچىلىق قىلغان. بۇ قېتىمقى سۆھبەتنى ھەر ئىككىلا تەرەپ " سىياسەت مەسىلىلىرى بويىچە رەسمى دېئالوگ" دەپ ئاتىدى.
تەيۋەن مەسىلىسى
دۈشەنبە كۈنى باشلانغان سۆھبەت تېمىسى تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش، رايون خاراكتىرلىك بىخەتەرلىك شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىدىكى جىددى ۋەزىيەتكە چېتىلغان. "جوڭگو" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئەمەلدارى پولكوۋنىك تۇ چىمىڭ، ئىككى تەرەپنىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە توسالغۇ يارىتىۋاتقان مۇھىم ئامىللىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننى قورال - ياراق بىلەن تەمىنلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ كەلدى. ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقىنىڭ ھەربىي كۈچ جەھەتتىكى تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش، تەيۋەن بوغۇزىدىكى مۇقىملىقنى قوغداشقا پايدىلىق، دەپ كۆرسەتمەكتە. چۈنكى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەيۋەن مۇستەقىللىق جاكارلىسا ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن.
ئۇيغۇرلار مەسىلىسى
تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە قانداق كونكېرت مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ھەر ئىككىلا تەرەپ ئېلان قىلمىدى. بۇ جەھەتتە ئامېرىكا ئافغانىستاندا ئەسىرگە ئېلىنغان گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئاشكارە جاكارلىغان. گۇئانتانامودىكى ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتى، ئامېرىكىنى تېرورچىلىق مەسىلىسىدە قوش ئۆلچەم قوللىنىش بىلەن ئەيىپلىمەكتە. ئامېرىكا، گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇرلار خىتايلارغا قايتۇرۇپ بېرىلسە تەن جازاسىغا ئۇچرايدىغانلىقىنى شۇنداقلا ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىنىش ئىھتىماللىقى ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىپ كەلدى.
قورال-ياراق مەسىلىسى
خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ يەنە بىرى، شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا قويغان قورال - ياراق ئىمبارگوسى ھىساپلىنىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى 1989 - يىلى تيەن ئەنمىندىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى باستۇرۇلغاندىن كېيىن خىتايغا ئىمبارگو قويغان . ئامېرىكا خىتايغا قويۇلغان قورال - ياراق ئىمبارگوسىنى بىكار قىلىشقا قارشى چىقماقتا. ۋاشىنگتون، خىتاينىڭ ياۋروپادىن سېتىۋالغان قوراللار بىلەن تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. بىراق خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كوڭ چۈئەن، ئامېرىكىنىڭ ئەندىشىسىنى " ئورۇنسىز " دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، "ئىمبارگونى بىكار قىلىش 3 - بىر دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ شۇنداقلا زىيانغا ئۇچراتمايدۇ،" دەپ سۆزلىدى . كوڭ چۈئەن ، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3 - بىر دۆلەتنىڭ بۇ مەسىلىگە توسقۇنلۇق قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلغان
بىراق خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىدىكى ئەمەلدارلار، ئىمبارگو مەسىلىسىنىڭ خىتاي - ئامېرىكا ھەربىي ۋەكىللەر سۆھبىتىدىكى مۇزاكىرە تېمىسى ئەمەس، دەپ كۆرسەتمەكتە. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پولكوۋنىك تۇ چىمىڭ سۆھبەت تېمىسىنىڭ قورال - ياراق ئىمبارگوسى بىلەن شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسىگە چېتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت سەيشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى.
تەيۋەن مەسىلىسى خىتاي –ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئامىل
ئامېرىكا ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى رىچارد لاۋلىز، شۇ كۈنى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى شيوڭ گۇئاڭكەي بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رىچارد لاۋلىز ئامېرىكا " تەيۋەن مەسىلىسىنىڭ تىنچ يوللار بىلەن ھەل بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ،" دەپ كۆرسەتكەن. شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى شيوڭ گۇئاڭكەينىڭ " تەيۋەن مەسىلىسى جوڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زىمىن پۈتۈنلىكىگە ئالاقىدار، جوڭگو خەلقىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك پرىنسىپال مەسىلە شۇنداقلا جوڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى،" دەپ سۆز قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئامېرىكا تىنبچ ئوكيان ئارمىيىسى 7 - پىلوتىنىڭ قوماندانى مۇئاۋىن ئادمىرال جوناتان گرېينېرتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى ئۇرۇش خەۋپىي، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتى شۇنداقلا خىتاي - ياپونىيە مۇناسۋىتىنىڭ يىرىكلىشىشى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى ئەندىشىگە سېلىشقا باشلىغان. پولكوۋنىك تۇ چىمىڭ، ئىككى تەرەپ ھەربىي ۋەكىللىرىنىڭ ئۆز- ئارا ئىسسىق لىنىيىلىك تېلېفون ئالاقىسى ئورنىتىش، 2005 - يىلدىكى ھەربىي ئالماشتۇرۇش پىلانى شۇنداقلا ھەربىي بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاي - ئامېرىكا ھەربىي مۇناسۋىتى 2001 - يىلى 4 - ئايدا خىتاي ئۇرۇش ئايرۇپىلانى بىلەن ئامېرىكا رازۋىتكا ئايرۇپىلانىنىڭ سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسىدىن كېيىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ، 2003 - يىلى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىدىكى مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە قانداق قارايدۇ؟
- ئامېرىكا -خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلدارلىرى بېيجىڭدىكى سۆھبىتىنى ئاياقلاشتۇردى
- كېيىنكى تۆت يىلدىكى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى
- پرېزىدېنت بۇشنىڭ رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقى
- ئامېرىكا يەتتە خىتاي شىركىتىگە ئىقتىسادىي جازا بەردى
- ئامېرىكا سودا مىنىستىرى خىتاينى زىيارەت قىلدى