جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرى


2007.06.22

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىن كۈنسىرى كۈچىيىشى، ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىنىڭ ھەر ئىككى قانىتىدىكى سىياسەتچىلەر ۋە ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئەڭ كۆپ دىققىتىنى تارتىۋاتقان بىر مەسىلىگە ئايلانماقتا. شۇڭا 2008‏- يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نامزاتلىرى، خىتاي-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى ئالاھىدە بىر مەسىلە سۈپتىدە تىلغا ئېلىپ، پرېزىدېنت سايلىمى تەييارلىق يېغىنلىرىدا خىتايغا قارىتا قانداق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ بىشارىتىنى بەرمەكتە. ئۆتكەنكى پروگراممىمىزدا دېموكراتچى پارتىيە پرېزىدېنت كاندىداتلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان سۆزلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق. ئەمدى، جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

نيۇيوركنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى رۇدى جۇلىيانى

نيۇيوركنىڭ سابىق شەھەر باشلىقى رۇدى جۇلىيانى، 2008‏- يىلى ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ھازىرغىچە پرېزىدېنت سايلىمىغا تەييارلىق يېغىنلىرىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاي ھەققىدە مەيدانىنى ئوچۇق ئىپادىلىمىگەن. لېكىن 2007‏- يىلىنىڭ باشلىرىدا، ن ب س تېلېۋىزىيىسى مۇخبىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خېلەرى كىلىنتوننىڭ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا بولغان قەرز پۇل ئېھتىياجىنى ئازايتىشى كېرەكلىكى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىغا قوشۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا خىتايغا ئۆز مەھسۇلاتىنى سېتىشنى كۆپەيتىش ئۈچۈن سانائىتىنى كۈچلەندۈرۈشى كېرەك، دېگەن ئىدى.

ئەمما ئۇ 2001‏- يىلى نيۇيورك شەھەر باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋەتقان مەزگىلىدە، تەيۋەن پرېزىدېنتى چن شۈيبيەن بىلەن ئۇچراشقان ھەمدە تەيۋەننى ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بىر دۆلەت دەپ ئاتىغان ئىدى.

كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان جون ماككېي

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ نوپۇزلۇق ئەزالىرىدىن بىرى بولغان جون ماككېي، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇشىنى قوللايدىغان جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ بىرى. جون ماككېي 2005‏- يىلى بەرگەن بىر باياناتىدا، "ئامېرىكا خىتاينىڭ دۇنيادا تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. بۇ خىتاينىڭ دۇنيادا نوپۇزلۇق بىر دۆلەت بولۇپ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا توسقۇنلۇق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. لېكىن بىز ئامېرىكا مىللىي مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە قىممەت قاراشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن شەرقىي ئاسىيادىكى ھەربىي مەۋجۇدىيىتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇپ ياپونىيە ۋە باشقا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ۋە ئىتتىپاقداشلىقىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز كېرەك"، دېگەن.

باشقا جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە كاندىداتلىرى

2008‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدىكى جۇمھۇرىيەتچى نامزاتلارنىڭ يەنە بىرى بولغان توم تانكىرىدونىڭ، خىتايغا قاراتقان سىياسىي مەيدانى ئېنىق بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللايدىغان سىياسەتچىلەرنىڭ بىرى دەپ تونۇلغان. توم تانكىرىدو، 2007‏- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىگە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتىنى قايتىدىن تىكلىشى توغرىسىدا قانۇن لايىھىسى سۇنغان كىشى. توم تانكرىدو شۇنداقلا 2006‏- يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ دىنىي گۇرۇپپىلارنى باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەش قارارىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان سىياسەتچى ھېسابلىنىدۇ.

مايك ھۇكابى، 2008‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدىكى، تەيۋەننى قوللايدىغان جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە نامزاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ 2006‏- يىلى تەيۋەننى زىيارەت قىلىپ تەيۋەن پرېزىدېنتى چىن شۈيبيەن بىلەن ئۇچراشقان. گەرچە ئۇ باشقا نامزاتلارغا ئوخشاش خىتاي ھەققىدە كۆپ ئەندىشە قىلمىسىمۇ، لېكىن، خىتاينىڭ قائىدە-قانۇنلارغا ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

2008‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىدا ئۆزىنى نامزات كۆرسەتكەن جۇمھۇرىيەتچى پارتىيە نامزاتلىرى ئارىسىدا خىتايغا قارشى ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيىدە بولۇۋاتقان دۇنكان ھۇنتەردۇر. ئۇ، ئۇزۇندىن بېرى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينى ئەڭ قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان سىياسەتچى دەپ تونۇلغان. ھەتتا ئۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن 2000‏- يىلى قوبۇل قىلىنغان، ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرى قانۇنىغىمۇ قارشى چىققان. ھۇنتەر 2001‏- يىلى دۆلەت مەجلىسىگە بىر قانۇن لايىھىسى سۇنۇپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا قانۇنىنى بىكار قىلىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ئۇنىڭ تەكلىپى دۆلەت مەجلىسىدە رەت قىلىنغان ئىدى.

سام براۋنباك دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان جۇمھۇرىيەتچى پرېزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ فالۇنگۇڭ تەرىقىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا قوللاپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تەرىقەتكە قاراتقان باستۇرۇش سىياستىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان. سام براۋنباك شۇنداقلا 2004‏- يىلى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئەيىبلەپ خىتايغا قارىتا تەدبىر قوللانمىغانلىقى ئۈچۈن ئەينى چاغدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن. (ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.