ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى دوستلىشىۋاتامدۇ؟
2007.11.07
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئالدىنقى كۈنى خىتاي زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى. گېيتېسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىران مەسىلىدىن باشقا يەنە ئىككى نۇقتا بولۇپ ؛ بۇنىڭ بىرى، ئامېرىكا-خىتاي ھەربىي ئىشلىرىدا قىزىق لىنىيە ئالاقىسى ئورنىتىشقا كېلىشىشى؛ يەنە بىرى بولسا، ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھەربىي ئىشلىرىدىكى خۇپىيانىلىككە قارىتا ئەندىشىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشىدۇر. مانا بۇ ئىككى نۇقتا، سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر تەرىپىدىن تۈرلۈك مۇلاھىزە قىلىنماقتا.
ئامېرىكا-خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدا قىزىق لىنىيە ئالاقىسى ئورنىتىش تەشەببۇسى ، 1990 -يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، 2004 -يىلى ئەمەلگە ئاشقان . ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلىرىدا قىزىق لىنىيە ئالاقە تەشەببۇسى بولسا، 2003 -يىلى ئامېرىكا تەرەپتىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان، خىتاي بۇنىڭغا بۇ يىل 6 - ئايدا ماقۇللۇق بىلدۈرگەن.
" قىزىق لىنىيە ئورنىتىش ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە قاراپ يېقىنلىشىشى ، ئەمما دوستلىشىشى ئەمەس "
2001 -يىلى ئامېرىكا -خىتاي ھەربىي ئىشلىرىدا خەينەن ئارىلى ۋەقەسى يۈز بەرگەن، بۇ ۋەقەدە، ئىككى تەرەپنىڭ چارلىغۇچى ئايروپىلانلىرى سوقۇلۇپ كېتىپ، خىتاي تەرەپنىڭ ئۇچقۇچىسى ۋاڭۋېي ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئامېرىكا تەرەپنىڭ 24 ئادىمى خىتاي تېررىتورىيىسىگە رۇخسەتسىز چۈشۈپ ھاياتىنى قوغداپ قالغان؛ بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئامېرىكا تەرەپ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئۇچۇر-ئالاقە يېتەرسىزلىكى دەپ كۆرسەتكەن. مانا بۇ جەريانلارنى نەزەردە تۇتقان ئانالىزچىلاردىن فۇ تايشىڭ" ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا قىزىق لىنىيە ئالاقىسى ئورنىتىلىشى نورمال بىر ئىش، ئۇ پەقەت ئۇچۇر دەۋرىدىكى خەلقئارا ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ نورمال ئېھتىياجى، ئۇنىڭ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە ئالاھىدە ئەھمىيىتى يوق" دەپ تەرىپلەيدۇ.
فۇ تايشىڭ تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇرۇش تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىغى ، ئۇ سۆزىدە يەنە ، " ئامېرىكا خىتاينىڭ دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىدۇ، قىزىق لىنىيە ئورنىتىش كېلىشىمى ئامېرىكىنىڭ دۈشمىنىگە قاراپ يېقىنلىشىشى ، ئەمما دوستلىشىشى ئەمەس ، ئامېرىكا ھەر ۋاقىت دۈشمىنىگە يېقىنلىشىپ تۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ" دەپ كۆرسىتىدۇ.
شاڭخەي شەرقى ئاسىيا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىغى جاڭ نيەنچى ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى تەيۋەن سىياسىتىنى " تەيۋەننى ئامېرىكا -خىتاي ئورتاق كونترول قىلىش سىياسىتى"دەپ ئىزاھلايدۇ ۋە ئامېرىكا - خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ، " تەيۋەن مەسىلىسىدە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزىگە خاس مەنپەئەتى بار، تەيۋەن مەسىلىسىدە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى يوق ، بۇ سەۋەبتىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ، قوللىنىلغان ئىبارىلەر قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەنپەئەت تالىشىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس."
" ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى خىتايدۇر "
خىتاينى ئىستراتېگىيىلىك شېرىك ياكى ئىستراتېگىيىلىك رەقىپ دەپ تونۇش ئامېرىكىدىكى خىتاي سىياسىتى ئۈستىدىكى ئىككى چوڭ ئوخشىمىغان قاراش. خىتاينى ئىستىراتېگىيىلىك رەقىپ قارىغۇچىلار ئارىسىدا " كۆك ئېقىم - Blue Team دەپ ئاتىلىدىغان بىر گۇرۇپپا بولۇپ، بۇلار، خىتاينى ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك كۇچ دەپ قارايدۇ. خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدا ھامان بىر كۈنى توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھازىردىن باشلاپ تىزگىنلىنىش كېرەك دەپ تەكلىپ بېرىدۇ. كۆك ئېقىمدىكىلەر ئامېرىكىنىڭ ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئاخبارات ۋە ئىدېئولوگىيە سېپىدە بەلگىلىك نوپۇزغا ئىگە بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىگە ھەر ۋاقىت ئاكتىپ تەسىر كۆرسىتىدۇ.
كۆك ئېقىمدىكىلەر، 1999 -يىلى 3 -ئايدا خىتاي ھەققىدە مەخسۇس دوكلات تەييارلاپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىدىن ھەربىي تېخنىكا ئوغرىلىغانلىقىنى پاش قىلغان، 2000 - يىل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە، تەيۋەننىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان "تەيۋەن بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش لايىھىسى" ناملىق لايىھىنىڭ ماقۇللىنىشىغا سەۋەب بولغان؛ 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن،كۆك ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمىنى خىتايدۇر" دېگەن قارىشى ئامېرىكا خەلقى ئىچىدە بەلگىلىك دەرىجىدە ئېتىبارىنى يوقاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكىنىڭ خىتاي سىياسىتىدىكى تەسىرىنى ئازايتمىغان.
بۇ قېتىم، روبېرت گېيتىس تىلغا ئالغان خىتاينىڭ ھەربىي ساھەدىكى خۇپىيانىلىك مەسىلىسى، كۆك ئېقىمدىكىلەر ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان مەسىلىدۇر. مانا بۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان مۇلاھىزىچىلەر، گېيتېسنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىشىدىن بىشارەت دەپ قاراشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايىس، 2000 - يىلى فېۋرالدا ، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى دېگەن ئۇقۇمنى قايتا شەرھىلەپ، ئامېرىكا مەنپەئەتى دېمەك،دۇنيادا ئامېرىكىنىڭ ھەربي كۈچىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى قوغداش دېمەكتۇر دەپ كۆرسەتكەن ھەم خىتاينىڭ ئاسىيا تېنچ -ئوكيان رايونىدا، خوجايىنلىق ئىشتىھاسى بىلەن باش كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. (شۆھرەت ھوشۇر)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاينىڭ ھەربىي مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى
- شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئاسىيادىكى ناتو (NATO) بولۇپ شەكىللىنەلەمدۇ؟
- ۋىلادىمېر پۇتىن رۇسىيىنىڭ ھاۋا ئارمىيە كۈچىنى نامايىش قىلدى
- داۋاملىشىۋاتقان ئىككى چوڭ ھەربىي مانېۋىر ئۈچ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى نازۇك مەسىلىلەرنى ئاشكارىلىماقتا
- خىتاينىڭ ھىندىستان بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزمەكچى بولغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ مەقسىتى نېمە؟
- خىتاي ۋە رۇسىيىنىڭ مانېۋىر ئارقىلىق ئېرىشمەكچى بولغان يوشۇرۇن مەقسەتلىرىمۇ بار
- خىتاي خەلقئارا قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇش ئورنىنى تىكلەشكە تىرىشىۋاتامدۇ ؟
- خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى ئامېرىكا بىلەن ئاۋسترالىيىنىڭ ئەندىشىسىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش پىلانى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتامدۇ ؟
- خىتاي -رۇسىيە قورال-ياراق سودىسى داۋاملاشماقتا
- ئامېرىكا خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتىغا دىققەت قىلماقتا