رامىسفېلد خىتايدىكى نىقاپلارنى ئېچىۋەتمەكچى

CHINA-US-DEFENSE-RUMSFEL-63.jpg
خىتاي ئارمىيە گېرىرالى ساۋ گۇئاڭچۈئەن بېيجىڭدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رامسفېلد ئەپەندىنى كۈتۈۋالدى. AFP

ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامىسفېلد ئەپەندى 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى خىتايدا 3 كۈنلۈك زىيارىتىنى باشلىغان. بۇ رامىسفېلد ئەپەندىنىڭ 2001 - يىلى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن، مۇشۇ سالاھىيەت بىلەن تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

"ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى" نىڭ خەۋىرىدە، رامىسفېلد ئەپەندى خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتلەرنىڭ ھەممىسىدە تەرەققى قىلىپ ، ئۇچۇق - يورۇق جەمئىيەتكە قاراپ ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىدغانلىقجنى بىلدۈرگەن. رامىسفېلد ئەپەندى مۇخبىرلارغا خىتايدا نېمە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭ رەھبەرلىرىنىڭ دۇنيادا خىتايغا ھېچقانداق تەھدىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا، يەنە ھەربىي خىراجەتنى شۇ قەدەر تىز كۆپەيتىلگەنلىكىنىڭ سەۋەبلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتلاردىكى سانلىق مەلۇماتلار

"ئامېرىكا ئاۋازى" نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، رامسفېلد ئەپەندى بۇ يىل 6 - ئايدا مۇخبىرلارغا "خىتاينىڭ ھەربىي خامچوتى ناھايىتى تىز كۆپەيتىلگەنلىكى بىر قىزىق ئىش. كىم بۇ دۆلەتكە تەھدىت ساپتۇ، شۇ قەدەر كۆپ خىراجەتنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ، زادى نېمە قىلماقچى، باشقا دۆلەتلەر بۇنى بىلىشنى خالايدۇ" دېگەن ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يىل 7 - ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ "خىتاي ھازىر ھەربىي خىراجىتىنى ئۆتكەن 5 يىللىق سانىدىن بىراقلا 3 ھەسسە ئاشۇرۇپ 90 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكۈزدى" دېيىلگەن ئىدى.

رامسفېلد ئەپەندى دۈشەنبە كۈنى "ئاسىيا ۋولد سىترىت گېزىتى" غا يېزىپ بەرگەن ئوبزورىدا "خىتاي رەھبەرلىرى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، دەۋر بىلەن ماسلاشقان، ئۇچۇق - يورۇق بولغان بىر خىل ھۆكۈمەت سىستېمىسىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك" دېگەن.

ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رامىسفېلد زىيارىتى جەريانىدا كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش مەسىلىسنىمۇ تىلغا ئالىدۇ. رامسفېلد ئەپەندىنىڭ بۇ قېتىم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىسەن رايونىغا جايلاشقان بىر مەخپى قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلىش تەلىپى خىتاي تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ئۇنىڭ 2 - توپچى قىسىم دەپ ئاتىلىدىغان باشقۇرىلىدىغان بومبا قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانلىق شىتابىنى زىيارەت قىلىشىغا ماقۇل بولغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلام ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ھەربىي پائالىيەتلىرى ئۇچۇق - يورۇق بولمايۋاتقانلىقىغا قاراپ ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ھەربىي بازىلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىش پەيدا بولۇپ، ئوت ئېچىلىپ كېتىدىغان ھادىسە يۈز بېرىشى مۇمكىن، دەپ قارىماقتا. شۇڭلاشقا رامسفېلد ئەپەندى بۇ قېتىم خىتايدا مەسىلىلەرنى ئۇچۇق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتايدىكى نىقاپلارنى ئېچىۋېتىشنى، ئاسىيادىكى ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى، ئۆز ئارا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشنى، دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئويلايدۇ.

رامسفېلد ھەققىدە

"گوگول خەۋەرلىرى" دە ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە بايان قىلىنىشىچە، 73 ياشلىق رامىسفېلد ئەپەندى بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىق تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش ئىستراتېگىيىسىنىڭ قەتئى ھېمايە قىلغۇچىسى ۋە يېڭى كونسېرۋاتىزىم ئېقىمىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى بولغان بۈركۈت مىجەزلىك ئەرباب. ئۇ ئادەتتە زىيارەتتە چاي ئىچىپ، رومكا سوقۇشتۇرۇپ يۈرۈش بىلەن قانائەتلىنىدىغان كىشى ئەمەس، بەلكى ئۇ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان كىشى. ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى بولماستا، خىتايغا ئەينى ۋاقىتتىكى سالاھىيىتى بىلەن نۇرغۇن قېتىم كەلگەن، خىتاينى چۈشىنىدىغان كىشى. ئۇ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغاندىن كېيىن، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ ھەربى بازىلىرىنى زىيارەت قىلىش جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنىڭ ھەممىسىنى قاندۇرغان. ئەمدى ئۇ خىتاينى زىيارەت قىلغاندا، خىتاي ئۇنىڭ مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ بېيجىڭنىڭ شاڭسەن تېغىدىكى مەخپى قوماندانلىق شىتابىنى زىيارەت قىلىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

بەزى ئۇچۇر ۋاستىلىرى بۇنى "خىتاينىڭ رامسفېلدقا كۆرسەتكۈدەك بىر نېمىسى يوق بولغانلىقتىن بولسا كېرەك، بولمىسا قارشى تەرەپكە ئۆزىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويۇش يامان ئىش ئەمەس ئىدى" دەپ تەھلىل قىلماقتا.

ماقالىدا بايان قىلىنىشىچە يەنە، رامسفېلد ئەپەندى بۇ قېتىم خىتايدىكى زىيارتىدە مەسىلىلەرنى كونكېرت ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا تۇتقان مۇئامىلىسىدىكى نىقاپلارنى ئېچىۋىتىشكە تىرىشىدۇ. ئەمما پەرەز قىلىنىشىچە، بۇ جەھەتتە بۆسۈش خاراكتېرلىق نەتىجە ھاسىل بولىشى ناتايىن. (ۋەلى)