بېيجىڭدا خىتاي - ئامېرىكا يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ھەربىي سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلدى


2006-06-08
Share
ئامېرىكىنىڭ تىنچ ئوكيان ھەربىي قىسمىنىڭ باشلىقى Admiral William Fallon 2006 – يىلى 10 – ماي كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ساۋ گۇاڭچۇەن بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى. AFP

جۇڭگو - ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ھەربىي سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا ئىككى دۆلەت كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا مەسىلىلەر، رايون بىخەتەرلىكى، ھەربىي قىسىملارنىڭ ئالاقىسى ۋە ھەربىي قىسىملار قۇرۇلۇشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئاساس قىلغان ۋە ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مەسىلىسىدە يېقىندىن بېرى كۈچىيىشكە باشلىغان قىزىق تېمىلار بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ باردى.

بېيجىڭدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ باياناتچىسى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا، ئامېرىكا ياردەمچى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتىر رودماننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ھەربىي ئەمەلدارلىرى بىلەن پەيشەنبە كۈنى ئېلىپ بارغان بىر كۈنلۈك ھەربىي سۆھبىتى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1997- يىلدىن بېرى نۆۋەت بىلەن داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەربىي ئىشلار سۆھبىتىنىڭ بىر قىسىمى، دەپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ، سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلاشنى رەت قىلدى.

شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پېتىر رودمان سۆھبەتنىڭ ئېچىلىش نۇتۇقىدا "بىزنىڭ ھەربىيلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىزگە زۆرۈرىيەت بار. چۈنكى بۇ، بىزنىڭ پۈتۈن مۇناسىۋەتلىرىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى" دەيدۇ.

خىتاي: سۆھبەت "سەمىمىي، دوستانە ۋە ئىجادىي" ئېلىپ بېرىلدى

سۆھبەتكە قاتناشقان خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىگە جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ياردەمچى باش شتاب باشلىقى جاڭ چىنشىڭ يىتەكچىلىك قىلغان. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سۆھبەتتىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، سۆھبەتكە "سەمىمىي، دوستانە ۋە ئىجادىي" دەپ باھا بەردى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ شۇ كۈنكى باياناتىدا "بۇ خىلدىكى ھەربىي پىكىر ئالماشتۇرۇشلار جۇڭگو - ئامېرىكا ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچنى، ئىجادىي ۋە ھەمكارلاشقۇچى مۇناسىۋەتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەمچى بولىدۇ " دېدى. سۆھبەت توغرىسىدا "بۇنىڭدىن كېيىن قىلىشقا تىگىشلىك بولغان ۋە ئوخشىمىغان دەرىجىلىكلەر بۇيىچە بىز داۋاملاشتۇرىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بار " دەپ تەكىتلىگەن پېتىر رودمان، " بىز رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ۋە يادرو سىياسىتى ھەققىدە يۇقىرى سەۋىيىلىك مۇزاكىرىلەر ئېلىپ باردۇق " دەيدۇ. ئۇ، سۆھبەتتىن كېيىن خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنىڭ باش شتاب باشلىقى لياڭ گۇئاڭلېي بىلەن ئۇچراشقان. رودمان، "ھەربىي ئالاقىمىزنى ھەر قايسى ساھەلەر بويىچە كۈچەيتىشىمىز كېرەك " دەپ تەكىتلىگەن لياڭ گۇئاڭلېيگە "ئەگەر ئوتتۇرىدا مەسىلە ياكى ئەندىشىلىرىمىز بولسا توغرىسى ئۇنى سوراش ۋە سۆزلىشىشتۇر" دەپ كۆرسەتتى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۆتكەن ئايدا ئېلان قىلغان خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىيات كۆلىمى ۋە سۈرئىتى، ئۇزۇن مەنزىلنى كۆزدە تۇتقاندا ئامېرىكىغا تەھدىت شەكىللەندۈرمەكتە، دېگەن دوكلاتىدىن كېيىن، خىتاي - ئامېرىكا ئارىسىدا پەيدا بولغان سوغۇقچىلىقنى ئېرىتىشكە قارىتىلمىغان.

جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچىنى كەڭ - كۆلەمدە تەرەققى قىلدۇرۇشى قوشلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا "جۇڭگونىڭ ھەربىي تەرەققىيات كۆلىمى رايوندىكى ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى" دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. دوكلاتتا " جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيىلىك يادرو قوراللىرىنى ئۇزۇن مەزگىللىك زامانىۋىيلاشتۇرۇش پىلانى، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنى بازا قىلغان زەربە بېرىش كۈچى، دەل جايىغا تەككۈزىدىغان قوراللارغا ئىگە بولۇش رايوندىكى زامانىۋىي ھەربىي كۈچلەرگە يوشۇرۇن تەھدىت ئېلىپ كەلمەكتە "دەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىسادى ۋە بىخەتەرلىكنى كۆزىتىش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئامېرىكا كارخانا تەتقىقات ئورنىنىڭ خىتاي ئىشلار مۇتەخەسسىسى دانىيال بلۇمېنتالنىڭ قارىشىچە، جۇڭگونىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدىكى ھەربىي تەرەققىياتى كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. جۇڭگو ھەربىي خام چوتىنى كۆپەيتىش سۈرئىتى دۇنيا بويىچە ئەڭ يۇقىرى دۆلەت.

بلۇمېنتال، ئامېرىكا مىراس فوندى جەمئىيىتىدە چارشەنبە كۈنى چاقىرغان مۇھاكىمە يىغىنىدا " جۇڭگو ھەربىي ساھەسى نۆۋەتتە دېڭىز ئارمىيە كۈچىنى كۈچەيتىشكە كۆپ كۆڭۈل بۆلمەكتە. جۇڭگونىڭ مەقسىتى ئامېرىكىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىدىن سىقىپ چىقىرالايدىغان دېڭىز ئارمىيە كۈچىگە ئىگە بولۇش. ئامېرىكا نۆۋەتتە خىتاينىڭ تىنچ ئوكيان رايونىغا ئورۇنلاشتۇرغان سۇ ئاستى پاراخوتلىرىنىڭ ئاۋارىچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچىنى كەڭ - كۆلەمدە تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى ئۇنىڭ خوشلىرىنى ئەندىشىگە سالماقتا" دەيدۇ.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئانالىز قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىلقى ھەربىي خام چوتىنى 30 مىليارد دوللار، دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتىكى سوممىسى 70 مىليارد دوللاردىن 105 مىليارد دوللارغىچە بولۇشى مۇمكىن.

خىتاي: تەنقىد نى قوبۇل قىلمايمىز

ئامېرىكا خىتاينى ھەربىي ئىشلاردا ئاشكارا بولماسلىق ۋە خۇپىيانە ھەرىكەت قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. لېكىن بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى جۇڭگونىڭ ھەربىي كۈچى ۋە مۇداپىئە خام چوتىنى مۇبالىغىلەشتۈرمەكتە ۋە ئۇنىڭ دوكلاتى "سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى" بويىچە تەييارلانغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ليۇ جيەنچاۋ سەيشەنبە كۈنكى بىر باياناتىدا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفىلدنىڭ "جۇڭگو ھەربىي ئىشلاردا ئاشكارا ئەمەس. ھەربىي ئىشلىرىنى زىيادە مەخپىي تۇتماقتا " دېگەن سۆزلىرىنى رەت قىلىپ، " بىز دۇنيا بويىچە ھەربىگە ئەڭ كۆپ پۇل خەجلەيدىغان بۇ دۆلەتنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل قىلالمايمىز " دەيدۇ. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت