ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھازىرقى مۇناسىۋىتى قايسى تەرەپكە زىيانلىق؟

ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ھازىر يېرىكلىشپ قالدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۇيىچە قوللانغان ۋاستىلىرىنىڭ قاتتىقلىقى، گېپىنىڭ توڭلىقى بىر - بىرىدىن قېلىشمايدۇ. بۇ ھەقتە 'ئەمەلىيەتتە كىم كىمدىن قورقىدۇ؟' دېگەن تېمىدا ئوبزورلار ئېلان قىلىنىۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-02-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 17‏ - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 17‏ - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

ئامېرىكا يېقىندا تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. خىتاي ئامېرىكىغا جازا قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇلارنىڭ بىر - بىرىگە قوللىنىۋاتقان دېپلوماتىيە ۋاستىلىرى، گېپىنىڭ توڭلىقى بىر - بىرىدىن قېلىشمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ قايسى قارشى تەرەپتىن راس قورقىدۇ؟ بۇ ھەقتىدىكى ئوبزورلارنى ئاڭلاپ باقايلى.

خىتاي تەرەپ، 'ئامېرىكىغا جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالغاننىڭ دەردىنى تازا تارتقۇزۇش كېرەك' دېسە...

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى 2 ‏ - ئاينىڭ 2 ‏ - كۈنى 'ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم تەيۋەنگە قورال سېتىپ بەرگەنلىكىگە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە قاتتىق پۇزىتسىيە قوللىنىپ، دۇنيانى ھەيران قالدۇردى، جۇڭگو بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىگە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تېخىمۇ زور بەدەل تۆلىگۈزىدۇ' دەپ جاكارلىدى. خىتاينىڭ 'يەر شارى ۋاقىتى گېزىتى' مۇ 'جۇڭگو ئەمدى ئامېرىكىنى جازالايدىغان توقماق بىلەن ئۆزىنىڭ نوپۇزىنى تىكلەيدۇ ۋە تەھدىت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

جۇڭگو خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى يىن خۇڭزېڭ 'ئامېرىكىغا تەيۋەنگە قورال سېتىپ جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان سالغاننىڭ دەردىنى تازا تارتقۇزۇش كېرەك' دەپ جاكارلىدى. خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پاكولتېتىنىڭ باشلىقى جىن شەنرۇڭمۇ 'ئامېرىكىغا تەيۋەنگە ساتقان قورالدىنمۇ كۆپ بەدەل تۆلىگۈزۈش كېرەك' دەپ جاكارلىدى.

خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى تەن كەيجا 'ئامېرىكا شىركەتلىرى بىر تەرەپتىن جۇڭگو بىلەن تىجارەت قىلىپ پايدا قازانسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەيۋەنگە قورال سېتىپ پايدا قازىنىۋاتىدۇ. ئەمدى ئامېرىكا شىركەتلىرىگە جازا قوللىنىپ، جۇڭگو بىلەن تىجارەت قىلسا ئۆزىگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپ قويۇش كېرەك' دەپ جاكارلىدى.

غەرب تەرەپ، 'خىتاي ھازىر ئۆزىگە بەكلا ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى' دەۋاتىدۇ

ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان بىر شىركىتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان 'پۇل - مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى'گە بايان قىلىشىچە، 'خىتاي بۇلتۇر تىبەت مەسىلىسىدە ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن سەتلەشتى. كوپىنھاگىندا ئېچىلغان كېلىمات يىغىنىدا يەنە بىر قانچە دۆلەت بىلەن سەتلەشتى. ئۇنىڭدىن كېيىن ھىنىدستان بىلەن ئېيتىشىشقا باشلىدى. ھازىر ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرگە ئاچچىقلاپ - چېچىلىدىغان، غەزەپ ئىپادىلەيدىغان بولۇپ قالدى. خىتاي ھازىر ھەر قانداق سورۇندا ئىقتىسادىي كۈچى ئۆسكەنلىكىنىلا پەش قىلىدۇ. ھەتتا بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدا خەلق سايلاپ چىققان ھەر قانداق ھۆكۈمەتنىڭ تەيۋەنگە قورال سېتىشىغا رۇخسەت قىلمايمىش. خىتاي ھازىر ئۆزىگە بەكلا ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى بىلەلمەيدىغان بولۇپ قالدى. پۈتۈن دۇنيا خىتاي بىلەنلا سودا قىلىشنى ئىزلەيدۇ، دەپ ھېسابلىسا كېرەك.'

ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتوندىكى مەسلىھەت خەزىنىسى بولغان خوپكىسنس ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كېننىس لىنسورنىڭ ئامېرىكا ئاۋازىدا بايان قىلىشىچە، 'خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر باشقا دۆلەتلەرگە غەزەب ئىپادىلەيدىغان مۇشۇنداق بىرخىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۆز خەلقىدە، خىتاي ھازىر يەر شارى خاراكتېرلىك چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىپ بولدى، دېگەن تۇيغۇ پەيدا قىلىماقچى بولۇۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە مۇلاھىزىچىلىرى ھازىر خىتاينىڭ سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى ياكى پەقەت گېپىدىلا ئۆزگىرىش بولۇۋاتقانلىقىنى، نېمىسىگە بۇنچىۋالا كېرىلىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بىلەلمەيۋاتىدۇ.'

بۇنداق رېقابەتنىڭ نەتىجىسى قايسى تەرەپكە پايدىلىق؟

نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ 2 ‏ - ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى بايان قىلىشىچە، خىتاي ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ مەبلىغىگە، پەن - تېخنىكىسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىدۇ. خىتاينى بازار ئىگىلىكىنى ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكنى راۋاجلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگۈزۈپ، دۇنيا بازىرىدىن ياپونىيە ۋە جەنۇنىي كورىيىلەر بىلەن تەڭ پايدىلاندۇرۇۋاتقان دەل ئامېرىكا. ئەگەر خىتاي بازىرىنى دېموكراتىك ئەللەرگە داۋاملىق ئاچسا، بۇنىڭدىن خىتايلا ئەمەس، ئامېرىكا ئىستىمالچىلىرى مەنپەئەت ئالىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا سودا ئۇرۇشى يۈز بەرسە، ئامېرىكا ئەمەس، بەلكى چەتئەل مەبلەغلىرى بىلەن ئەمدىلا يېرىم زامانىۋىيلاشقان خىتاي ئەجەللىك زىيانغا ئۇچرايدۇ.

ئەنگىليىدە چىقىدىغان 'مۇھاپىزەتچى گېزىتى' نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھازىر باشلانغان توقۇنۇش، بۇنىڭدىن كېيىن بارغانسىرى يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. ئەمما خىتاي بۇ توقۇنۇشتا چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللانماسلىقى مۇمكىن، خىتاي دىپلوماتىيىدە بەكلا ئېھتىياتچان ھەم ئىنتايىن ھېلىگەر، ئۇ قارشى تەرەپنىڭ ئاجىز ھالقىلىرىدىن پايدىلىنىپ، قاتتىق زەربە بېرىۋېلىشنى ئويلىغاندا، ئۆزىگە تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەت قالدۇرۇشنىمۇ ئۇنتۇلمايدۇ.

ئەنگىلىيىدە چىقىدىغان پۇل - مۇئامىلە گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئەگەر خىتاي، ئامېرىكىغا تەيۋەنگە قورال ساتتى دەپ جازا ئېلان قىلسا، خىتاينىڭ ئۇزۇندىن بۇيان ئامېرىكا شىركەتلىرى ئۈستىدە تۇرغۇزۇۋاتقان قارا تىزىملىكى كېرەككە كەلمەيدۇلا ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ ئارزۇيىغا قارشى نەتىجە پەيدا بولىدۇ، ئامېرىكا مەبلەغلىرى ئەمدى خىتايدا ئەمەس، بەلكى ئۆز دۆلىتىدە ناھايىتى كۆپ ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ئۆزىنىڭ 'دۇنيانىڭ ئىكىسپورت دۆلىتى' بولۇۋېرىش يولىنى توسۇپ قويىدۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت