2009 - يىللىق ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى 'ھەمكارلىق ۋە سۈركىلىش ئىچىدىكى مۇناسىۋەت'

2009 - يىلدىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ئاخبارات ساھەسىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان بولۇپ، مەتبۇئاتلار بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە، "ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ يىل ئىچىدىكى مۇناسىۋىتى دۇنيا ئىقتىسادى ، يەر شارى كىلىماتىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى قوغداش، خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، يادرو قوراللىرىنى چەكلەش قاتارلىق خەلقئارالىق مەسىلىلەرگە دائىر كۆپ نۇقتىلاردا ھەل قىلغۇچ رول ئويناپ كېلىۋاتقان ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ھەم ھەمكارلىق، ھەم سۈركىلىش ئىچىدىكى مۇناسىۋىتى بولدى" دەپ باھا بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻣﯩﻬﺮﯨﺒﺎﻥ
2009.12.31
Obama-we-Xu-jintaw-xitayda-doletlik-ziyapette-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، 17‏ - ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ، ﺧﯩﺘﺎﻱ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺧﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎﯞ، ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎﻧﻰ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺧﻪﻟﻖ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻤﺎﻗﺘﺎ.
AFP Photo

بۇ يىل دېموكراتلار پارتىيىسىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىپ،  ئامېرىكا پرېزىدېنتى بولۇپ سايلانغان باراك ئوبامانىڭ ختايغا قاراتقان تۇنجى زىيارىتى 11 - ئاي مەزگىلىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، 17 - نويابىر كۈنى ئىككى دۆلەت رەھبىرى بىرلىكتە بايانات ئېلان قىلىپ، "ئامېرىكا بىلەن خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۆلەتنىڭ بۇندىن كېيىن ئۆز - ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، 21 - ئەسىر ئىچىدە ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆپ نۇقتىلاردىن ھەمكارلىق بىرلىكى ھاسىل قىلىنغان ئۆز - ئارا باراۋەرلىك ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىگە ئايلاندۇرۇش" نى جاكارلىغان ئىدى.

سودا مۇناسىۋىتى جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان 30 يىلدىن بۇيان 130 ھەسسە ئاشقان. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە باشقا جەھەتلەردىكى مۇناسىۋەتلەرمۇ يىللاردىكىگە نىسبەتەن جىددىيلەشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 2009 - يىلى 31 - دېكابىردىكى خەۋەر ئانالىزىدا يېزىلىشىچە، "ئامېرىكا 2009 - يىلنىڭ ئالدىنقى 3 پەسلىدە خىتاينىڭ 14 تۈردىكى تاۋار مەھسۇلاتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ ، ئەرز قىلىنغان بۇ تاۋار مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتى 5 مىليارد 840 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان بولۇپ ئىلگىرىكى يىللاردىكى تاۋار مەھسۇلاتلىرى ھەققىدىكى ئەرزلەردىن 639% ئاشقان."

ئامېرىكىنىڭ خىتايدىكى باش ئەلچىسى جون خۇنتسمان ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا، " ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە باشقا ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرىدە ھەمكارلىق ئىچىدە سۈركىلىشلەرنىڭ بولۇشى ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدە 400 مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى ئىمزالانغان بولۇپ، بۇ ئىككى دۆلەت سودا ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىدىكى ھەمكارلىقلار خەلقئارا سودا مۇناسىۋىتىدە مۇھىم نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ " دەپ جاۋاب بەرگەن.

ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىنىڭ تەھلىلىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئاساس قىلغان سودا مۇناسىۋىتىدە ، بۇ بىر يىل ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بالون ۋەقەسى، ئەقلىي مۈلۈك داۋاسى ۋە ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ پولات ماتېرىياللىرىغا بولغان باجنى كۆپەيتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تالاش - تارتىشلار بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىكى سودا مۇناسىۋىتىدىكى سۈركىلىشلەرنى پەيدە قىلغان ئاساسى ئامىللار ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئو ئىستانسىسىنىڭ 30 - دېكابىردىكى ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئانالىزىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلگەن: "ئامېرىكا بىلەن خىتاي نۆۋەتتە خەلقئارا ئىقتىسادى قىيىنچىلىق مەزگىلىدە گەرچە ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆز - ئارا ھەمكارلىق ئورنىتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، خىتايدا ئوخشىمىغان دېموكراتىك ئىدىيىدىكى كىشىلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىنتېرنېت ئەركىنلىكى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاينىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن پەرقلىق ھالدىكى دۆلەت تۈزۈمىنى قوللىنىشى سەۋەبلىك ، ھېلىمۇ بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئوخشىمىغان قاراش ۋە ئىختىلاپلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇپتۇ."

نيۇ -يورك ۋاقتى گېزىتىدە، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە، 2010 - يىلىدىكى تەرەققىياتقا باھا بېرىلگەن بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسى قاتارلىق خىتاي سىياسىتىگە تاقىلىدىغان مەسىلىلەر ھەم خەلقئارا مۇناسىۋەتتە مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئىران ۋە شىمالىي كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ يادرو قوراللىرى مەسىلىسى، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈكسىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، خەلقئارا ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق مەسىلىلەردە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئىختىلاپلىرى يۈز بېرىپ، يەنە بەزى سۈركىلىشلەر بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.