ئامېرىكىنىڭ 'مىقدارنى كۆپەيتىش ' دېگەن ئىقتىسادىي تەدبىرىدىن قانداق نەتىجە چىقىدۇ؟

ھازىر ھىندىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، خىتاينىڭ بۈگۈن يەنە ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ 'مىقدارنى كۆپەيتىش' دېگەن تەدبىرى توغرىسىدا ئامېرىكىغا قىلغان ھۇجۇمغا قارىتا، قايتارما ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-11-08
Share
Dollar-Sale-305 ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﭘﯘﻝ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺩﯗﻛﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﺯﻣﯩﮕﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺩﻭﻟﻠﯩﺮﻯ.
AFP Photo

بۈگۈن بىز بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى ۋە سىنگاپور مەككۋارى بانكىسىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادشۇناسى شې گاۋجۇڭنىڭ 'مىقدارنى كۆپەيتىش' دېگەن تەدبىر توغرىسىدىكى مۇلاھىزىسىنىڭ مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن يېڭى دېھلىدىن بايان قىلىشىچە، ھازىر ھىندىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما، خىتاينىڭ بۈگۈنكى ھۇجۇمىغا قايتارما ھۇجۇم بىلەن جاۋاب قايتۇردى. ئۇ سۆزىدە 'مىقدارنى كۆپەيتىش دېگەن قارار ئامېرىكا فېدېرال خەزىنىسىنىڭ قارارى، ھەم مىنىڭ قارارىم، ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىگە توسقۇن بولۇۋاتقان نەرسىنى يوق قىلىش ئۈچۈن چىقىرىلغان قارار. بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈن ياخشى بولىدۇ دەپلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ ئويلاپ چىقىرىلغان قارار. ئەگەر بۇنىڭدىن يامان ئاقىۋەت چىقىپ قالسا، باشقىلارغىلا چىقمايدۇ، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگىمۇ چىقىدۇ' دەپ جاكارلىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى جۇ گۇاڭياۋ بۈگۈن 'ئامېرىكا پۇلنى كۆپلەپ بېسىپ تارقىتىپ، كاپىتال پاخاللىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا جاۋابكار بولۇشى كېرەك' دەپ جاكارلىغان. ئۇ باياناتىدا يەنە 'جۇڭگو ئەمدى ئامېرىكىنىڭ ئۆز ئىقتىسادىنى ياخشىلاش ئۈچۈن 600 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىنى ئارتۇق بېسىپ تارقاتقانلىق مەسىلسىى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ' دەپ بايان قىلغان.

جۇ شاۋچۇەن: ئامېرىكىنىڭ 'مىقدارنى كۆپەيتىش' سىياسىتى غەرەزلىك سىياسەت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، 11‏ - ئاينىڭ 5‏ - كۈنى خىتاي مەركىزى بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شاۋچۇەن ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ 'ئامېرىكا مەركىزى بانكىسىنىڭ مىقدارنى كۆپەيتىش دېگەن تەدبىرى ئۆز دۆلىتى ئۈچۈن مۇۋاپىق كېلىشى مۇمكىن، ئەمما پۈتۈن يەر شارىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ياخشى تەدبىر ئەمەس، بەلكى سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىدىغان تەدبىر' دەپ جاكارلىغان ئىدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شاۋچۇەن باياناتىدا ئامېرىكىنى تەنقىدلەپ 'ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادىغا مەسئۇل، يەنى ئۆز دۆلىتىدە ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىشقا ۋە دۆلەت ئىچىدە پۇل پاخاللىشىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن بولۇشىغا مەسئۇل. ھازىر ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئىنتايىن ئاستا، ئىشسىزلىق ناھايىتى يۇقىرى، فېدېرال مەبلىغىنىڭ ئۆسۈمى ناھايىتى تۆۋەن، يەنى نۆلگە چۈشۈپ قېلىۋاتقان ئەھۋالدا تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا "مىقدارنى كۆپەيتىش" سىياسىتىنى دەل مۇشۇنداق ئەھۋالغا يۈزلەنگەندە ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ بىر غەرەزلىك سىياسەت' دېگەن.

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شاۋچۇەن يەنە، ئامېرىكا دوللىرى خەلقئارالىق پۇل. ئۇ، ئامانەتتە قوللىنىلىدىغان پۇل بولۇپلا قالماي، بەلكى پۈتۈن يەر شارىدا مال ئالماشتۇرۇش ۋە مەبلەغ يۆتكەشمۇ، كۆپىنچە ھالدا ئامېرىكا دوللىرى ئارقىلىق بىجىرىلىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا دوللىرىدەك بۇنداق خەلقئارالىق پۇلنىڭ، ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى رولى بىلەن خەلقئارادىكى رولىدا توقۇنۇش چىقسا، پۈتۈن خەلقئارانىڭ پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىدا مەسىلە چىقىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

بۇ ھەقتە ئەنگلىيىدە چىقىدىغان 'مالىيە - ئىقتىسادىي خەۋەرلەر' گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەردە 'بېسىپ تارقىتىلىدىغان دوللارنىڭ مىقدارنى كۆپەيتىش تەدبىرىدىن خىتاينىڭ كۆچمە مەبلەغلىرى خەتەرگە ئۇچرىشى مۇمكىن'، 'پۇلنى قانچىلىك مىقدار كۆپەيتسە قانچىلىك مەسىلە ھەل بولىدۇ؟' دېگەندەك بىر قاتار ئوبزورلار ئېلان قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

شې گاۋجۇڭ: ئامېرىكىدىكى مەسىلىنىڭ يىلتىزى خىتايدا

-- ھازىر پۈتۈن يەر شارىدا، پۇل - مۇئامىلە ئۇرۇشى پەيدا بولۇش ئالدىدىكى پۇرۇخ ھېدلىرى دېماققا ئۇرۇلۇۋاتىدۇ، -- دەپ باشلايدۇ سىنگاپور مەككۋارى بانكىسىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادشۇناسى شې گاۋجۇڭ 'مىقدارنى كۆپەيتىش تەدبىرى بىلەن خىتاي جەھەننەمگە تاشلىنىشى مۇمكىن' دېگەن ئوبزورىنى. ئۇ، 1990‏ - يىلى ئامېرىكىدىكى ماسساچۇسېتس سانائەت پەنلىرى ئىنستىتۇتىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىق كەسپىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان، 97‏ - يىلىدىن بۇيان ئامېرىكىدىكى مورگان ستانلى بانكىسىدا ۋە سىنگاپور مەككۋارى بانكىسىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادشۇناسى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئەگەر دۇنيادا ھەممە دۆلەت، ئىقتىسادى جەھەتتە دۇچ كەلگەن مۈشكۈل مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن 'پۇلنىڭ تارقىتىلىش مىقدارنى كۆپەيتىش' تەدبىرىنى قوللانسا، بىرسى پۇلىنى تىرلىيونلاپ كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتسا، يەنە بىرسىمۇ شۇنداق قىلماي تۇرالمىسا، باشقا بىرىمۇ پۇلىنى تىرلىيونلاپ كۆپەيتىپ بېسىپ تارقاتسا، بۇنداق ئەھۋالنى دۇنيا ئىقتىسادى 'قىيامەت' كە يېقىنلاشتى دەپ تەسۋىرلەش مۇمكىن. ئۇ ۋاقىتتا، بايلار قەغەز پۇلىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ئۈچۈن توپلىۋالغان ئالتۇنلارمۇ ئەسقاتماسلىقى مۇمكىن.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىدا ھازىر ئامانەت قويغان پۇلغا بېرىدىغان ئۆسۈم نۆلگە چۈشۈپ قالاي دېدى. مالىيىدىكى قىزىل رەقەم ئومۇمى مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 10%گە يېتىپ قالدى. بۇنداق ئەھۋالدا، ئامېرىكا ئۈچۈن مەسىلىنى تېز ھەل قىلىدىغان ئەڭ ئۈنۈملۈك تەدبىر كېرەك. ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى قايتىدىن ئويغىتىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىۋاتىدۇ. ئەمما، خىتاي تەرەپ ئامېرىكىغا ئېكسپورت مىقدارىنى ھەدەپ كۆپەيتىپ، پەقەت ئۆزىنىڭلا ئىقتىسادىنى يۇقىرى ئۆستۈرۈۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكىدا سودىدىكى تەڭسىزلىك ئېشىپ كەتتى. دېمەك، ئامېرىكىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىنىڭ يىلتىزى خىتايدا. ئامېرىكىدىكى بۇ كېسەلنى داۋالاش ئۈچۈن خىتاي دورا يېيىشى كېرەك.

'مىقدارنى كۆپەيتىش ' دېگەن ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تەدبىر

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى بولسا سىياسىي ئىقتىساد، ئۇنى ھۆكۈمەت مونوپول قىلىۋالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى يىللاردىن بۇيان يەر - زېمىننى ئىگىلىۋېلىش ئارقىلىق بايلىق توپلاۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يەر - زېمىن سېتىپ تاپىدىغان پايدىسىلا پۈتۈن خەلق ئىگىلىكى ئومۇمى قىممىتىنىڭ 14%گە يېتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ 'مىقدارنى كۆپەيتىش ' دېگەن تەدبىرى، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان تەدبىر. خىتاي تەرەپ ئامېرىكىنىڭ، خىتاي پۇلىنىڭ ئوبوروتتىكى قىممىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدىكى تەشەببۇسلىرىنى رەت قىلىۋەرگەندىن كېيىن قوللانغان تەدبىر. ئەگەر خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتى ئۆستۈرگەن بولسا، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدە مال باھاسى ئەرزانلىشىپ، ئۇنىڭدىن خەلق كۆپ مەنپەئەت ئالغان بولاتتى، باشقا دۆلەتلەرگىمۇ پايدىسى تېگەتتى. ئەمدى ئامېرىكا 'پۇلنىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ تارقىتىش'قا مەجبۇر بولدى، بۇ تەدبىر بىلەن ئەمدى خىتاينىڭ ئىقتىسادى رەتتىن چىقىدۇ.

خىتاي خۇددى ئىسلاندىيىدەك قىلالامدۇ؟

سىنگاپور مەككۋارى بانكىسىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادشۇناسى شې گاۋجۇڭنىڭ قارىشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرۇپ مەسىلە پەيدا قىلغان ئەقىلسىز رەھبەرلەر داۋاملىق ھالدا ھوقۇق تۇتىۋەرسە، كرىزىس ھەل بولمايدۇ، بەلكى يېڭى كرىزىس قوشۇلۇپ، مەسىلە بارغانسېرى ئېغىرلىشىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا قالغان دۆلەت، خۇددى ئىسلاندىيە قىلغاندەك، ئىقتىسادىي مەسىلە پەيدا قىلغان باش مىنىستىرنى سوتقا تارتىشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق قىلمىسا، بەرىبىر 'سولالىنىڭ باش ۋەزىرىنى بېيجىڭدىكى سەيشىكۇ بازىرىغا ئېلىپ چىقىپ كاللىسىنى كېسىش' چارىسىنى تەكرارلىماقتىن ئۆزگە ئامال يوق، بۇنداق تارىخ بۇرۇن خىتايدا بولۇپ ئۆتكەنغۇ.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت