خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجراسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە


2006.08.31

Wall Street ژورنىلىدىكى ماقالىدا، يېقىنقى بىر نەچچە ئايدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي شىركەتلىرى بىلەن بىرلىشىشىگە قارىتا تەكشۈرۈشنى ئالاھىدە كۈچەيتىپ، چەتئەل مەبلىغىنىڭ خىتاي بانكىلىرىغا كىرىشنى توسايدىغان بىر يۈرۈش بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈپ چىققان.

خىتاينىڭ يۇقىرى قاتلامدىكى رەھبەرلىرى بولسا، خىتاينىڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى نەچچە يىللاردىن بۇيان چەتئەل مەبلىغىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، چەتئەل مەبلىغىغا قارىتا ئىشىكنى قەتئىي يېپىۋالمايدىغانلىقىنى، ئەمما يېڭى چىقىرىلغان بۇ چەكلىمە بەلگىلىمىلەرنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى ئىقتىسادىي تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئېھتىياجى بولۇپ، ھەرگىزمۇ مەلۇم چەتئەل شىركەتلىرىگە قارشى تەدبىر ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

چەتئەل مەبلىغىنى ئۆزىگە تارتىش ئەمدى خىتاينىڭ ئالدىنقى ۋەزپىسى ئەمەس

خەۋەردە مەلۇم بولىشىچە، بۇ يېڭى تەدبىرلەر خىتايدىكى پارچە ساتقۇچى سودىگەرلەرنىڭ تەلىپىگە بىنائەن چىقىرىلغان ئىكەن. ئەگەر بۇ بەلگىلىمىلەر ئەمەلىيلەشتۈرۈلسە، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان < ۋال-مارت> ۋە كالىفورغا ئوخشاش پارچە ساتقۇچى چەتئەل شىركەتلىرى پايدىسىز ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدىكەن. ئامېرىكا كارخانىلىرى شۇ سەۋەبتىن، خىتاينىڭ بۇ يېڭى بەلگىلىمىلىرىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بازىرىغا كىرىشىنى تېخىمۇ قىيىنلاشتۇرىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا. ياۋروپا "ساندېربېرد سودا ئىنىستىتۇتى" نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاسىيا ئىشلىرىدىكى مۇئاۋىن مۇدىرى لىن دۈن "خىتاي ھازىر چەتئەل شىركەتلىرىگە قاتتىق مۇئامىلە قىلالايدىغان مەزگىلگە كەلدى. چۈنكى چەتئەل مەبلىغىنى ئۆزىگە تارتىش ئەمدى خىتاينىڭ ئالدىنقى ۋەزپىسى ئەمەس" دەيدۇ.

نۆۋەتتە ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇزان شۋاب بېيجىڭدا زىيارەتتە بولىۋاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە بۇ مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە خىتاينىڭ چەتئەل شىركەتلىرىگە قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ بالدۇرلۇق قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇزان يەنە، ئامېرىكا خىتاي سودا مۇناسىۋەتلىرىدە توختىتىلىپ، ئامېرىكىنىڭ سودا گۇرۇپپىلىرى گەرچە خىتايدا مەلۇم دەرىجىدە پايدىغا ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ خىتايدا سودا قىلىشى نۇرغۇن توسالغۇلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى 3‏- چوڭ سودا دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەسلى دۇنيا سودىسىدا تېخىمۇ چوڭ ۋە تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينىشى كېرەك؛ تاموجنا بېجىنى ئىلگىرلىگەن ھالدا قىسقارتىپ سودا توسالغۇلىرىنى ئازايتىشى ۋە ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن دۇنيا سودىسىدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش ئورنىنى ئىپادىلىشى كېرەك.

ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىشى ئومۇمىيۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا خۇشاللىنارلىق بولمىغان

بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا-خىتاي سودا كومىتېتى چارشەنبە كۈنى بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلىپ، بۇ كومىتېتقا تەۋە كارخانىلار ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان بۇ يىللىق تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ خىتايدا تىجارەت قىلىشى ئومۇمىيۈزلۈك قىلىپ ئېيتقاندا خۇشاللىنارلىق بولمىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. دوكلاتتا مەلۇم بولىشىچە، خىتايدا تىجارەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ 81% ئى پايدىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار تىجارەت رەسمىيەتلىرىنى تەستە بېجىرىش، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى ياخشى قوغدالماسلىق ۋە نازارەت تۈزۈملىرى رۇشەن بولماسلىق قاتارلىق تۈرلۈك توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەن.

ئامېرىكا سودا ۋەكىلى سۇزان شۋاب بۇ نۆۋەت خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، گەرچە خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يۇقىرىدەك بىر يۈرۈش سودا ئىختىلاپلىرى مەۋجۇت بولسىمۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەرنى خىتاي بىلەن سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى، خىتايغا زىت تەدبىرلەرنى قوللۇنۇشنى ئەپ كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. سۇزان شۋاب سەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ، بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن يەر شارى سودا سۆھبىتىگە قاتناشتى. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، " مېنىڭ بۇ قېتىم خىتايدىكى سەپىرىمنىڭ مەقسىتى، خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرۇشقا ئۈندەش. ئۇنداق بولمىغاندا، ئەڭ زىيان تارتىدىغىنى خىتاي ئۆزى بولىدۇ" دەپ بىلدۈرگەن. نۆۋەتتە ئامېرىكا خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە جىددىي پوزىتسىيە تۇتماقتا. 2005‏- يىلى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا پاسسىپ بالانىسى 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.