ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۇنجى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت باشلاندى
2006.12.14
خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا تۇنجى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت 14 - دىكابىر كۈنى بېيجىڭدىكى بۈيۈك خەلق سارىيىدا باشلاندى.

خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ سودا شېرىكى، ئەمما ...
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھازىر ئامېرىكىنىڭ سودا شېرىكلىرى ئىچىدە، مېكىسكىدىن ئېشىپ كېتىپ، كانادادىن قالسا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان چوڭ سودا شېرىكى بولۇپ قالدى. ئەمما ھازىر ئامېرىكا -خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدا كېلىپ چىققان ناھايىتى كۆپ قىزىل رەقەم بار. بۇنداق قىزىل رەقەم بۇلتۇر 202 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن ئىدى. بۇ يىل 10 - ئايدا بۇلتۇرقىدىن 6.1% ئاشقانلىقى مەلۇم بولدى. تەخمىنلىنىشىچە، بۇ يىل بۇ قىزىل رەقەم 240 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىشى مۇمكىن.
ئامېرىكىنىڭ مالىيە مىنىستىرى خېنرى پاۋلسون ئەپەندى بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت باشلىنىشتىن بۇرۇن، خىتاينىڭ پۇل سىياسىتى مەسىلىسى، بازارنى خەلقئاراغا تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋىتىش مەسىلىسى، مۇھىتنى ئاسراش مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى؛ بۇ ئىكككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ناھايىتى كۆپ قىزىل رەقەم تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا سودىنى قانداق قىلىپ داۋاملىق يۇقىرى ئۆرلىتىشىنىڭ يولىنى تېپىشنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى شۋاب ئەپەندى بولسا 'خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرگەنلىكىنىڭ بەش يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، ئەمما دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىشى كۈتكەندىن ناچار' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى تىلغا ئېلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
خىتاي تەرەپنىڭ بۇ سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويغانلىرى ئامېرىكا تەرەپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەر ئەمەس. شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتە پەقەت خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغان ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك شەكىل ئىكەنلىكىنى؛ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىشلار بۇيىچە ئەڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىملىرى ئۇچرىشىدىغان پۇرسەت ئىكەنلىكىنى؛ رەئىس خۇ جىنتاۋ بۇلتۇر 8 - ئايدا جورجى بۇش بىلەن خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەتنى يولغا قويۇشقا كېلىشكەنلىكىنى؛ بۇيىل 9 - ئايدا، مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋۇيى بىلەن ئامېرىكا مالىيە مىنىسىتىرى پاۋلسون بۇ سېستىمىنىڭ ئىشقا چۈشكەنلىكىنى جاكارلىغانلىقىنى؛ بۇ قېتىم ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى قېتىملىق ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەتكە ئامېرىكىنىڭ غەزىنە رەئىسى، سودا مىنىستىىرى، ئەمگەك مىنىسىتىرى، سەھىيە مىنىستىرى، مۇھىتىنى قوغداش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋە ئامېرىكىنىڭ باش سودا ۋەكىلى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كەلگەنلىكىنى بايان قىلغاندىن باشقا، كونكرېت مەسىلىنى تىلغا ئالمىدى.
خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىسىتىرى ۋۇيى قىلماقچى بولغان ئىشلار توغرىلىق ۋەدە بېرىش بىلەن چەكلەنگەن
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە يەنە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىسىتىرى ۋۇيى بۇ قېتىمقى خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىستراتېگىيىلىك سۆزلىشىشتە سۆز قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بازار ئىگىلىكى تۈزۈملىرىنى تولۇقلاشقا، ئەقىلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوغداشقا، پۇل --مۇئامىلە، يەر-زېمىن، تېخنىكا، ئەمگەك كۈچى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ۋەدە بېرىش بىلەنلا چەكلەنگەن. ئەمما مەسىلىلەرنى قانداق ھەل قىلىش ياكى قانداق ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تىلغا ئالمىغان.
بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت ئۈچ دائىرىگە مەركەزلەشتى
ھىندىستان PTI ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك مەنپەئەتلەرنى كۆزلەپ ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت ئۈچ دائىرىگە، يەنى زور مىقدارلىق سودا بالانس بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سودىنى كۆپەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش مەسىلىسى؛ بازارنى تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋىتىش، مەبلەغ رىقابىتىگە يول قويۇش مەسىلىسى؛ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىت مەسىلىسىدىن ئىبارەت ئۈچ دائىرىگە مەزكەزلەشتى. بۇ سۆھبەتتە قوشۇمچە ھالدا يەنە، خىتاي پۇلىنىڭ پېرىۋوت قىممىتى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كونترول قىلىۋېلىنغانلىق مەسىلىسى، ئەقلىي مىراس ھوقۇقى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرە بولماقتا.
ئامېرىكىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان سودا مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچىلارنىڭ 27 تۈرلۈك تەكلىپى ھازىر دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتۇرىسىدىكى سودىدا كېلىپ چىقىۋاتقان قىزىل رەقەم يىلدىن -يىلغا كۆپىيىۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى يېقىندىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 'خەلق پۇلى' نىڭ پرىۋوت قىممىتىنى مەقسەتلىك ھالدا كونترول قىلىۋېلىش، ئىكىسپورتتا نامۇۋاپىق باھا قوللىنىش قاتارلىق ۋاستىلار ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ سانائىتىنى زىيانغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى قاتتىق تەنقىتلەپ كەلمەكتە. يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە ئامېرىكىدا باش كۆتۈرۈۋاتقان سودا مەنپەئەتىنى قوغدىغۇچىلار سىياسىي سەھنىگە چىقىشقا باشلىغان ئىدى. ھازىر ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان 27 تۈرلۈك تەكلىپ لايىھىسى دۆلەت مەجلىسىدە مۇزاكىرە قىلىنىۋاتىدۇ. (ۋەلى)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېيجىڭ زىيارىتىدە خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىماقچى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجراسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە
- مۇتەخەسسىسلەر: جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىيىتى "قاراڭغۇ ھاڭ"
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ سودا مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى تەڭشەشكە ئۈندىدى
- خىتاينىڭ تاشقى پېرىۋوت جۇغلانمىسى كىمنىڭ پۇلى؟
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى خەلق پۇلى قىممىتىنى تەڭشەشنى تەلەپ قىلدى
- پرېزىدېنت بۇش خىتاينى خەلقئارا سودا نىزامنامىسىغا ئەمەل قىلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدىكى بېسىمىنى كۈچەيتتى