ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان سودا ھەققىدىكى قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش تەييارلىقى ئېلىپ بېرىلماقتا
2006.12.21
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى سەيشەنبە كۈنى، كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودىدىكى تەڭسىزلىككە قارشى ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر ئېلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، بۇ مەقسەت بىلەن مەۋجۇت قانۇنلارغا ئۆزگىرىش كىرگۈزۈش ئۈچۈن تەييارلىققا باشلىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھۆكۈمەتنىڭ خىتايغا قارشى چارە-تەدبىر قوللىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەۋجۇت قانۇنلارنى ئۆزگەرتىش ھەرىكىتىنى، مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا خىتاي بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدا دۆلەت مەجلىسىگە سۇنغان دوكلاتىدىن كېيىن تېخىمۇ تېزلەشتۈرگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن دۆلەت مەجلىسىگە سۇنۇلغان دوكلاتتا، خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرسىدىكى سودىدا مەۋجۇت تەڭسىزلىكنىڭ ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى مەقسەتلىك ھالدا تۆۋەن تۇتقانلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقى، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتايدىن خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى سۈنئىي ھالدا تۆۋەن تۇتۇپ تۇرۇشنى توختىتىپ، ئۆزىنىڭ تەبئىي قىممىتىگە ئېرىشىشىگە يول قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا يۈز بېرىۋاتقان سودىدىكى تەڭسىزلىك كۈندىن كۈنگە جىددىيلىشىۋاتقان بولۇپ، يىلدا 200 مىليارد دوللارغا يەتكەن. يەنى خىتاي ئامېرىكىغا ھەر يىلى قىممىتى 200 مىليارد دوللاردىن ئوشۇق تاۋار ئېكسپورت قىلىدىكەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان قانۇن لايىھىسىنى دەرھال قوبۇل قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى دېموكراتلار نۆۋەتتە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتىنى سودا ئىختىلاپىدا خىتايغا قارشى قاتتىق تەدبىر قوللانمىدى دەپ ئەيىبلىمەكتە، ھەمدە ئۆتكەن ئاي ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۆلەت مەجلىسى سايلىمدا پرېزىدېنت بۇشنى تەنقىد قىلىش ئۈچۈن بۇ مەسىلىدىن پايدىلانغان.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى مالىيە ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىش ئالدىدا تۇرغان دېموكراتچىل سېناتور ماكس باۋكوس " خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئىسلاھ قىلىشى كېرەك. ھەممىمىزگە ئايانكى، بۇ مەسىلىدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەخىر قىلىش، ھەم خىتاي ئىقتىسادىغا ھەم ئامېرىكىغا ھەمدە خىتاي ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيانلىق" دېدى.
ئۇ مەۋجۇت قانۇنلارنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن دۆلەت پۇلىنىڭ قىممىتى مەسىلسىدە مەۋجۇت ئىختلاپلارنى بىرتەرەپ قىلىشقا جاۋاب بىرەلمەيدىغان ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسى يېڭى قانۇن لايىھىسى چىقرىشتىن بۇرۇن ئالدىمىزدىكى يىلدا ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش يېغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇپ، مالىيە مىنىستىرلىقى خادىملىرىنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈش ئۈچۈن تەكلىپ قىلىدىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدا تۇنجى ئىستراتېگىيىلىك ئىقتىسادىي سۆھبەت باشلاندى
- ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى بېيجىڭ زىيارىتىدە خىتاينى خەلق پۇلىنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشكە قىستىماقچى
- خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ماجراسى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە
- مۇتەخەسسىسلەر: جوڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئەمەلىيىتى "قاراڭغۇ ھاڭ"
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە خىتاينىڭ سودا مەسىلىسى ھەققىدە مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى