
سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا خىتاينىڭ سودا مەسىلىسىدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى كېلىشىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە رەسمىي ئەرز سۇنۇپ، ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا سودا تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۇزەن سچوۋەب (Susan Schwab) - "ھازىر ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان كىنو- فىلىمى، مۇزىكىسى، كىتاب ۋە كومپيۇتېر يۇمشاق دېتاللىرى خىتايلار تەرىپىدىن خالىغانچە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىلماقتا، خىتاينىڭ بۇ خىل ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى ھۆرمەت قىلماستىن، خالىغانچە ماركا ئوغرىلاپ، خالىغانچە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشلىرى يىلدىن - يىلغا ئەۋج ئېلىپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىگە ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا دۆلىتىگە مىلياردلاپ زىيان ئېلىپ كەلمەكتە" دەپ كۆرسەتتى.
مەسىلە بۇ ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ قانداق چارە -تەدبىر قوللىنىشى مەسىلىسى
خىتاي سودا ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ئۈستىدىن ئەرز قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بۇنى "پۈتۈنلەي يولسىزلىق " دەپ كۆرسەتتى. لېكىن تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئامېرىكىنىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا سۇنغان مەزكۇر ئەرزى توغرىسىدا ئېچىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سابىق ئامېرىكا سودا تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى ھەمدە مەزكۇر ئەرزنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان كالا. خىلس ئەپەندى ئامېرىكىنىڭ بۇ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنىشىنىڭ ئىنتايىن يوللۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنغان ئەرزنى يېزىشقا مەسئۇل بولغان كالا. خىلس ئەپەندى سۆزىدە "مەن، بىزنىڭ بۇنداق قىلىشىمىز خىتايدىكى ئەقلى مۈلۈك مەسىلىسىنىڭ ياخشىلىنىشقا قاراپ مېڭىشىدا رول ئوينىيالىشىنى ئۈمىد قىلماقتىمەن، ھازىر بۇ ساھەدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا نۇرغۇن ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت. مەنچە، خىتايدا ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش مۇمكىنچىلىكى يوق ئەمەس، بار، مەسىلە بۇ ئىشتا ھۆكۈمەتنىڭ قانداق چارە -تەدبىر قوللىنىشى مەسىلىسى. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر مەسىلىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدىكەن، ئۇنداقتا مەسىلىنى چوقۇم ناھايىتى تېز ھەم ئۈنۈملۈك ھالدا بىر تەرەپ قىلىۋېتەلەيدۇ " دەپ كۆرسەتتى.
ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى توسالىشى ئاسانغا توختىمايدۇ
كانادادا تۇرۇشلۇق خىتاي ئىقتىسادشۇناسى شۈ ديەنچىن خىتاينىڭ سودا ساھەسىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ساختىلىق مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:
"خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان ماۋ تەي ھارىقىنى مىسالغا ئالايلى، 10 نىنىڭ ئىچىدە 9 ئى ساختا بولۇپ چىقىدۇ. شۇڭا ھازىر خىتايدىكى بۇ مەسىلە ئىككى تەرەپلىمىلىك مەسىلە بولۇپ، ئالدى بىلەن ئاممىنىڭ قانۇن ساھەسىدە ئېلىۋاتقان تەربىيىسى بەكمۇ ئارقىدا قالغان، ئۇلار پۇلغا يارىغىدەكلا نەرسە بولىدىكەن، ئامال بار ئۇنىڭ ساختىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، ھۆكۈمەتنىڭ بۇ ھەقتىكى نازارەت قىلىش كۈچى بەكمۇ ئاجىز. ماركا ئوغرىلاش ۋە قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش دېگەندەك قىلمىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىش كېرەك. لېكىن ھۆكۈمەت دېگەندەك كۈچ چىقارغىنى يوق"
ئامېرىكا ئىندىئانا ئىشتاتىدا تۇرۇشلۇق پروفېسسور جىن جۇيۈ|ن ئەپەندى ئۆزىنىڭ خىتايدا ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش مەسىلىسىدىن ئىنتايىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئالالىشىغا كۆزى يەتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ "قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش مەسىلىسى خىتايدا ھەقىقەتەن ناھايىتى ئېغىر. لېكىن مەنچە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئەھۋالنى توسالىشى ئاسانغا توختىمايدۇ. چۈنكى خەلق ئارىسىدىكى قانۇنسىز كۆچۈرۈپ سېتىش قىلمىشلىرى ناھايىتى مەخپىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغان. ھۆكۈمەتنىڭ ئۇنى بىر -بىرلەپ ئېنىقلاپ چىقالىشى بەكمۇ تەسكە توختايدۇ" دەپ كۆرسەتتى.
خىتاي بۇ ھەقتە تا ھازىرغىچە جىددىي چارە- تەدبىر قوللانغىنى يوق
ئامېرىكا سودا تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلى سۇزەن خانىم ۋاشىنگتوندا ئېچىلغان بۇ ھەقتىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، "ئامېرىكا بۇندىن ئىلگىرى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى ھەققىدە خىتاي بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتتە بولغان، لېكىن خىتاي بۇ ھەقتە تا ھازىرغىچە جىددىي چارە- تەدبىر قوللانغىنى يوق. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەرز سۇنىشىدىكى سەۋەب دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئارقىلىق، خىتاينى ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشقا مەجبۇرلاش ۋە شۇنداقلا كەڭ ئىستېمالچىلارنىڭ بۇندىن كېيىن قانۇنلۇق مەھسۇلاتلارغا ئىگە بولالىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن " دەپ بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى سۇزەننىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھازىر بىر تەرەپتىن ئامېرىكىدىن كىنو فىلىملىرى ۋە مۇزىكا دېسكىلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلىگەن بولۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئوغرىلىقچە كۆچۈرۈپ بازارغا سېلىش ئىشلىرىغا يول قويۇپ كەلمەكتە. مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكا تاموژنىلىرىدا قولغا چۈشۈرۈلگەن ئەتكەس مەھسۇلاتلارنىڭ 80%ئى خىتايدىن كەلگەن ساختا مەھسۇلاتلار ئىكەن شۇنداقلا 2005 - يىلىدا خىتايدا سېتىلغان DVD دېسكىلىرىنىڭ ئىچىدە ئاز دېگەندە 10 نىڭ 9 ئى ئوغرىلىقچە كۆچۈرۈپ بازارغا سېلىنغان ساختا مەھسۇلات بولۇپ ھېسابلانغان.
مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەرز سۇنغاندىن كېيىن، دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئىككى دۆلەتنىڭ مەزكۇر مەسىلىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشىغا 60 كۈن ۋاقىت بېرىدىكەن. ئەگەر مەسىلە كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل بولمىسا، دۇنيا سودا تەشكىلاتى كېسىم چىقىرىدىكەن. ئەگەر بۇ داۋادا ئامېرىكا يەڭسە، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا جازالاش تەدبىرى قوللىنىدىكەن. (مېھرىبان)
