ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تەيۋەنگە تۇتقان پوزىتسىيىسىدە ئۆزگىرىش كۆرۈلدى
2008.03.06
22 - مارت ئۆتكۈزۈلىدىغان تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىدا تەيۋەن ھۆكۈمىتى يەنە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا "تەيۋەن" نامىدا ئەزا بولۇپ كىرىش ئومۇمىي خەلق راي سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلىغان ئىدى. گەرچە، ئامېرىكا ۋە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئەزەلدىن تەيۋەننىڭ شۇنداق بىر قەدەمنى ئېلىشى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدۇ دەپ قاراپ، بۇ خىل ئىنتىلىشكە قارشى ھەر خىل ئاگاھلاندۇرۇشلارنى بېرىپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، تەيۋەننىڭ ھازىرقى پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەن ئۆزىنىڭ بۇ ئىرادىسىدىن قەتئىي يانمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، بۇ نۆۋەتلىك تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرىش ئومۇمىي خەلق رايى سىناش پائالىيىتىنىمۇ قوشۇپ تەڭ ئېلىپ بېرىش قارارىنى ئالغان ئىدى.
ۋېن جىياباۋ": تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق قارشى تۇرىمىز"
خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ يەنە بۇ نۆۋەت بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان ئىككى قۇرۇلتىيىدا تەيۋەننىڭ مۇستەقىل بولۇش ئىرادىسىگە قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە 5 - مارت بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مەملىكەتلىك ئومۇمىي يىغىنىدا، خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جىياباۋ ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بەرگەن دوكلاتىدا تەيۋەن مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان ۋە ئېنىق قىلىپ تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ھالبۇكى، ئىلگىرى تەيۋەندە پرېزىدېنتلىق سايلىمى ۋە باشقا شەكىلدە ھەرخىل سايلاملار ئېلىپ بېرىلغاندا خىتاي تەيۋەنگە ھەربىي بېسىم ئىشلىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ نۆۋەت تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمى ۋە ئومۇمىي خەلق رايى سىناش پائالىيىتىگە قارشى ۋېن جىياباۋ ۋە خۇ جىنتاۋلارنىڭ دوكلاتلىرىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشلاردىن باشقا، خىتاي تەرەپتە ئەسكىرىي بېسىم ئىشلىتىدىغان بىرەر شەپە سېزىلمىگەن بولۇپ، ئەكسىچە خىتاينىڭ تەيۋەن ئىشلىرى ئىشخانىسى ئالدىنقى ھەپتە ھازىر خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشايدىغان 1 مىليوندىن ئارتۇق تەيۋەن پۇقراسىنىڭ ھاياتىنى قانداق ئاسانلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار چارىلەرنى ئېلان قىلغان.
ئىلشات ئەپەندى:"تەيۋەن خەلقى مۇستەقىلچىلەرنى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىپ ئۆز ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى"
خىتاينىڭ ئىلگىرى تەيۋەنگە قارىتا يۈرگۈزگەن ھەربىي بېسىم ئىشلىتىش ھەرىكىتىنىڭ ئەكس تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن سىياسىي كۆزەتچى ئىلشات ئەپەندى، خىتاي بېسىم ئىشلەتكەنسېرى، تەيۋەن خەلقى ئەكسىچە مۇستەقىلچىلەرنى تەيۋەننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىرىپ ئۆز ئىرادىسىنى بىلدۈردى، دېدى.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ بۇ نۆۋەت تەيۋەنگە قاراتقان پوزىتسىيىسىنى تۇيۇقسىز ئۆزگەرتىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىتاينىڭ ئىلگىرى يۈرگۈزگەن بېسىم ئىشلىتىش سىياسىتى كارغا كەلمىگەندىن كېيىن، بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ يەنە ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مۇستەقىللىقنى ئانچە خالاپ كەلمەيدىغان گومىنداڭچىلار پارتىيىسىنىڭ سايلىنىشنى خالايدىغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى.
كاندىلىزا رايس تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى سەل ئۆزگەرتكەن
خىتاينىڭ "بىر جۇڭگو" سىياسىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ تەيۋەندە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان ئومۇمىي خەلق رايى سىناش ھەرىكىتىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە مۇخالىپ دەپ قاراپ، مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا ۋە مەيلى تەيۋەن رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم ئۇچراشقاندا بولسۇن، ئۆزىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەتكە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ كەلگەن ئىدى.
ھالبۇكى، يېقىندىن بېرى بۇ خىل ئەھۋالدا مۇئەييەن ئۆزگىرىش كۆرۈلۈشكە باشلىغان بولۇپ، ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى تەيۋەندە ئومۇم خەلق رايى سىناش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشنى بىر "خەتەرلىك پىكىر" دېگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كاندىلىزا رايس خانىممۇ ئۆزىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى سەل ئۆزگەرتكەن.
ئۇ يېقىندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېيچى بىلەن كۆرۈشكەندە، تەيۋەننىڭ بىر دېموكراتىك پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى ھەمدە تەيۋەندە ئېلىپ بېرىلىش پىلانلانغان ئومۇم خەلق رايى سىناش ھەرىكىتى ئۆتكۈزۈش - ئۆتكۈزمەسلىكنىڭ تەيۋەن رەھبەرلىرى ئۆزى قارار چىقىرىپ بەلگىلەيدىغان مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قارارنى ماقۇللاپ تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
گەرچە،بۇ نۆۋەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ ئومۇم خەلق رايى سىناش پائالىيىتىگە قارىتا ئۆز مەيدانىنى قايتا ئىپادىلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن بۈگۈن 6 - مارت كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى 1گە قارشى 409 ئاۋاز بىلەن 278 - نومۇرلۇق بىر قارار ماقۇللاپ، تەيۋەندە 22 - مارت ئېلىپ بېرىلىدىغان پرېزىدېنت سايلىمىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
قارار لايىھىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەننىڭ دېموكراتىيىسى ۋە بىخەتەرلىكى ھەققىدە بەرگەن ۋەدىسىنى قايتىدىن تەكىتلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەتتىن تەيۋەننىڭ بۇ نۆۋەتلىك سايلىمىنى كۆزىتىشكە كۆزەتچىلەرنى ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلغان.
" تەيۋەن ئامېرىكىنىڭ ئەڭ قەتئىي، دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى"
بۇ قاراردا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تەيۋەننىڭ بۇ نۆۋەت ئېلىپ بارىدىغان سايلىمىنى قوللايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماي،بەلكى يەنە تەيۋەننىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايوندىكى ئەڭ قەتئىي دېموكراتىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى، شۇنداقتىمۇ تەيۋەن دېموكراتىيىسىنىڭ ئىزچىل ھالدا خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىت سېلىشىغا ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى شۇڭا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ چوقۇم تەيۋەنگە بەرگەن ۋەدىلىرىنى قايتا تەكىتلىشى لازىملىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارار لايىھىسىنى ئەيىبلىدى
مەزكۇر قارار ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەيۋەن ھۆكۈمىتى مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قارار لايىھىسىنى قاتتىق ئەيىبلىدى.
خىتاي تاش ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى چىڭ گاڭ بايانات ئېلان قىلدى ۋە " ئامېرىكا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپ ۋە سەزگۈرلۈكىنى ھەمدە تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتىپ، مەزكۇر قارارنىڭ سەلبىي تەسىرىنى ئازايتىشقا چارە قىلىپ " تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرى " گە ھەر قانداق شەكىلدىكى خاتا سىگنال بېرىپ قويۇشنى توختىتىشى كېرەك" دېدى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى ھەققىدىكى 2008- يىللىق دوكلاتى ئىنكاس قوزغىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى خىتاينى ئولىمپىك ۋەدىسىدە تۇرۇشقا چاقىردى
- ئۈزۈلۈپ قالغان خىتاي - ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگى قايتىدىن باشلانماقچى
- تەيۋەندە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاتالغۇلىرى دەرسلىك كىتابلاردىن چىقىرىۋېتىلدى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئاقساراي ئالدىدا بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى مۇناسىۋىتى بىلەن كۈچ كۆرسەتتى
- بىر تۈركۈم ئامېرىكا پالاتا ئەزالىرى: " تەيۋەننىڭ كېلەچىكىنى خىتاي ئەمەس، تەيۋەن خەلقى بەلگىلىشى كېرەك"
- گومىنداڭنىڭ پارتىيە مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىش تەجرىبىسىدىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
- " ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاي شىركەتلىرىگە ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنى سېتىشنى توختىتىشى كېرەك"
- خىتاي ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۆز پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتىنى كونترول قىلىۋاتقان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چۈشۈپ قالدى
- تەيۋەن ئومۇم خەلق رايىنى سىناشتا غەلىبە قىلسا قانداق ئاقىۋەتلەر مەيدانغا كېلىدۇ
- سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى جىمى كارتېر دېڭ شاۋپىڭ بىلەن تۈزگەن خۇسۇسىي كېلىشىمنى ئاشكارىلىدى
- 'كىچىك لاچىن' ۋەقەسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ يىغىنچاقلانغان كۆرۈنۈشى
- ئامېرىكا بىلەن خىتايدىكى پەرقلەرنى بىلىشكە قىزىققۇچىلار ئۈچۈن ئۇچۇرلار (2)
- ئامېرىكا پالاتا مەسلىھەتچىلىرى، خىتاي جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى 1 - دەرىجىلىك تەھدىت دەپ ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ئىشلار بىرلەشمە كومىتېتى 2007- يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى ئېلان قىلدى (2)