ئامېرىكا ۋە ياۋروپا خىتاينى تىبەتكە ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىشكە چاقىردى

بۈگۈن ياۋروپا پارلامېنتى تىبەت ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقىرىپ، خىتاينى تىبەت تەرەپ بىلەن سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشقا ۋە تىبەتكە ھەقىقىي ئاپتونومىيە بېرىشكە چاقىردى. تۈنۈگۈن، يەنى 2009 - يىلى 11 - مارت كۈنى، ئامېرىكا ئاۋام پالاتائىسىمۇ تىبەت ھەققىدە مەخسۇس قارار چىقىرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت خەلقىغە سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.03.12
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
Lxasada-xitay-eskerliri-305 2009 - ﻳﯩﻠﻰ 10 - ﻣﺎﺭﺕ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ، ﺧﻪﻳﻨﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ، ﮔﻮ ﻣﺎﻳﯩﯔ ﺑﺎﺯﯨﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
AFP Photo

بۇ يىل 10 - مارت كۈنى تىبەت قوزغىلىڭىنىڭ 50 يىللىق خاتىرە كۈنى، 14 - مارت بولسا ئۆتكەن يىلقى لخاسا ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مارت ئېيى تىبەتكە ئالاقىدار تەرەپلەر ئۈچۈن سەزگۈر ئاي سانالماقتا. شۇڭا بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تىبەت قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۈگۈنكى تىبەت ھەققىدىكى قارارى، پارلامېنتتا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئەزالارنىڭ قوللىشى بىلەن يەنى، 131 گە قارشى 338 ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. قاراردا، خىتاينىڭ تىبەت تەرەپ بىلەن سۆھبەتتە سەمىمىي بولۇشى، ۋە تىبەت خەلقى ئىچىدە ئالىي ئاپتونومىيە ھەققىدە رېفېروندوم يەنى راي سىناش ئېلىپ بېرىشى تەلەپ قىلىنغان. ياۋروپا پارلامېنتى، خىتاي تىبەت مەسىلىسىگە ئەمەلىي ھەم ئۈنۈملۈك چارە قوللانمىغان تەقدىردە، تىبەت ياشلىرىنى زوراۋانلىق يولىغا مەجبۇرلاپ قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. بىرقانچە كۈندىن بېرى ياۋروپا پارلامېنتىدا تىبەت بايرىقى ئېسىلغان.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى قارارى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللۇقتىن ئۆتكەن. قارار يەنە خىتاينى، چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تىبەتنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

نۆۋەتتە تىبەتتە ۋەقە چىقىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقان خىتاي، ئامېرىكا ۋە ياۋروپانىڭ مەزكۇر قارارلىرىنى تىبەت خەلقىنى قۇرۇتۇش دەپ قارىماقتا.

خىتاي تاشقى مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى بۈگۈنكى سۆزىدە ئامېرىكىنى، جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلاشتى، جۇڭگو خەلقىنىڭ قەلبىنى رەنجىتتى، دېگەن ۋە بۇ خىل ۋەزىيەتتە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ زەخمىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

تۈنۈگۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تىبەت ھەققىدە قارار ماقۇللاۋاتقان پەيتتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللاري كلىنتون خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جيېجى بىلەن كۆرۈشتى.

ھېللاري كلىنتوننىڭ بۈگۈن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ياڭجىيېجى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا، خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ۋە تىبەت مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھېللاري خانىم يەنە ئىككى تەرەپنىڭ ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىدا پىكىر بىرلىكىگە كېلەلمگەنلىكىنى شۇنداقتىمۇ، ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسدىكى مەيدانىدىن ھەر ۋاقىت ۋاز كېچەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھېللاري خانىم خىتاي زىيارىتى داۋامىدا، ئىنسان ھەقلىرىنى ئەمەس، ئىقتىسادىي كرىزىسنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغىنى ئۈچۈن خەلقارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى. ئۇ بۈگۈنكى سۆزىدە پۈتۈن دۆلەتلەرنىڭ ئىنسانىيەت ئالدىدا مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، خەلقئارا مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خىتاي تىبەت مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرى ھەم ئۇنى ئىنسان ھەقلىرى ياكى مىللىي مەسىلىسى ئەمەس، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى مەسىلىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويماقتا. شۇڭا خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ تىبەت ھەققىدىكى قارارنى خەلقئارا كېلىشىملەرگە خىلاپ دەپ ئەيىبلىگەن.
 
خوڭكوڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە تەشكىلاتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سىچۈئەنننىڭ ئابا ۋىلايىتىدىكى تىبەت راھىبلىرى 3 ‏- مارت كۈنى دۆلەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. ئەمما، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر نامايىشنىڭ دۆلەتكە قارشى نامايىش ئەمەس، بەلكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تىبەتتە ھاكىمىيەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى خاتىرىلىگەن تەبرىك نامايىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.