ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى مەخسۇس كومىسسىيە قۇرۇپ، ئامېرىكىدىكى خىتاي تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنى تەكشۈرىدۇ

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكىدا سودا قىلىدىغان خىتاي تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتقان - سالمايۋاتقانلىقى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئۆز مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011.11.21
huawei-305 خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئېلانلىرىدىن بىر كۆرۈنۈش.
AFP
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكىدا سودا قىلىدىغان خىتاي تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتقان - سالمايۋاتقانلىقى تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر كومىتېتى يېقىندا ئامېرىكىدىكى خىتاي تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بىر قارار چىقاردى. ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى چىقارغان قارارىدا ئاۋام پالاتا مەخسۇس كومىسسىيىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئامېرىكىدىكى خىتاي تېلېفون ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قانداق تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ جاسۇسلۇق پائالىيىتىگە ياردەم قىلغان - قىلمىغانلىقى، ئامېرىكىنىڭ ئاچقۇچلۇق ئاساسى ئەسلىھەلىرىگە پەيدا قىلىدىغان تەھدىتىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. قاراردا يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل تەھدىتكە قارشى قانداق تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئالغانلىقىنىڭ تەكشۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى، ئىستىخبارات كومىتېتى رەئىسى مايك روجېرس مەزكۇر قارار ھەققىدە توختىلىپ: بىزنىڭ ئاچقۇچلۇق ئاساسى ئەسلىھەلىرىمىزنىڭ بىزگە قارشى ئىشلىتىلىش ئېھتىماللىقىدىن ئىبارەت بۇ پاكىت كۆڭۈل بۆلىدىغان جىددىي مەسىلە، دېگەن.

خىتاينىڭ ئامېرىكىدا مەشغۇلات ئېلىپ بارىدىغان دۇنياۋى ئۇچۇر - ئالاقە تېخنولوگىيە كارخانىلىرىدىن «خۇاۋېي تېخنولوگىيە چەكلىك شىركىتى» بىلەن ئۇنىڭ «جوڭشىڭ ئۇچۇر ئالاقە چەكلىك ھەسسىدارلىق شىركىتى» ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتى تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدىغان نۇقتىلىق شىركەتلەردۇر.

مايك روجېرس ئامېرىكا كارخانىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ: بىز پۈتكۈل ئاساس ئەسلىھەلەر دۇچ كېلىۋاتقان تەھدىتنى ئومۇمى يۈزلۈك كۆزدىن كەچۈرىمىز. خۇاۋېي شىركىتى بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ مەسىلە. بىراق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى باشقا شىركەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەن رەسمىي تەكشۈرۈش باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن، بىز ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى تولۇق ئېنىقلاپ چىقىشتىن بۇرۇن ئامېرىكا سودا ساھەسىدىكىلەر خۇاۋېي تېخنولوگىيە شىركىتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا ئېھتىيات قىلىشى كېرەك، دېگەن مەيداندا تۇرىمەن، دەپ ئەسكەرتتى.

دېموكراتىك ئاۋام پالاتا ئەزاسى داچ روپپېرسبېرگېر تەكشۈرۈش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ: بىز خىتاينىڭ تور سىستېمىمىزغا ئىلگىرىلەپ ھۇجۇم قىلىپ، ئاچقۇچلۇق ئاساس ئەسلىھەلىرىمىزگە تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى، ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ مىليونلىغان دوللار قىممىتىدىكى ئەقلىي مۈلكىنى ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى بىلىمىز. بۇ بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ دۇنيا بازىرىدىكى رىقابەت كۈچىگە زىيان سالماقتا، نۇرغۇن خىزمەت پۇرسىتىڭ بېشىغا چىقماقتا. لېكىن تور ھۇجۇمى تەھدىت بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇچۇر ئالاقە سانائىتىمىزنىڭ ئۇلارنىڭ قاتتىق دېتالىغا تايىنىشى بىزنىڭ ئاجىز نۇقتىمىز. مەزكۇر تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتى خىتاي ئۇچۇر ئالاقە شىركەتلىرىنىڭ دۇنياۋى مەشغۇلات كۆلىمى، بۇنىڭ مىللىي ۋە ئىقتىسادى بىخەتەرلىكىمىزگە ئېلىپ كېلىدىغان تەھدىتىنى قانداق قىلىپ ئازايتىش چارىسىنى تېپىپ چىقىش، دەپ كۆرسىتىدۇ.

دۆلەت مەجلىسىنىڭ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، قانداق خۇلاسە چىقىرىدىغانلىقىغا ھازىر بىر نېمە دېمەك بالدۇرلۇق قىلىدۇ. بىراق ئامېرىكىدا ياشايدىغان خىتاي تور ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىك مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى لى خوڭكۇەن خىتاي تېخنولوگىيە كارخانىلىرىنىڭ ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىۋاتقانلىقى راست، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ: بۇ ئەلۋەتتە بىر خىل خەۋپ. چۈنكى خۇا ۋېي شىركىتىگە ئوخشاش جۇڭگودىكى ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى مۇرەككەپ بۇنداق بىر شىركەتنىڭ بۇ خىل ۋەزىپىسىنىڭ بولۇشى چوقۇم. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە ئۇنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى چوقۇم ئۇنىڭغا بۇنداق تەلەپنى قويىدۇ. يەنى ئۇچۇر يىغىشنى، سىڭىپ كىرىشنى، ئامېرىكىنىڭ مۇھىم تېخنىكىلىرىنى توپلاش ۋە جۇڭگو ھەربىي تەرەپنىڭ ئىشلىتىشىگە بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ھەممىگە ئايان بولغان مەخپىيەتلىك، دەپ كۆرسەتتى.

بىراق لى خوڭكۇەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ مەسىلىدىكى ئاچقۇچلۇق نۇقتا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بۇنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدۇر. ئۇ ئامېرىكا خىتاي كارخانىلىرىنىڭ بۇ ئىشلارنى ئامېرىكا قانۇنىدىكى بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت، دەپ ئەسكەرتتى.

لى خوڭكۇەن مۇنداق دەيدۇ: بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلار بۇ ئىشلارنى قانداق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ تېخنىكا ۋە ئاخباراتىغا قانۇنى يوللار بىلەن ئېرىشىپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ نازارىتىدىن ئاتلاپ ئۆتۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئامېرىكا دۇچ كېلىش ئېھتىماللىقى مەۋجۇت مەسىلە. چۈنكى نەتىجىسى ئامېرىكىغا زىيانلىق نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەرگەن. ئۇلار ئامېرىكا قانۇنىدىكى بوشلۇققا كىرىۋالغان. جۇڭگونىڭ بۇ كارخانىلىرىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك سەرمايە ئاساسى بار. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ ناھايىتى قابىلىيەتلىك ئادۋوكات ۋە بوغالتىرلىرىنى ياللىيالايدۇ. بۇ كىشىلەر ئامېرىكا قانۇنىدىكى بوشلۇقنى ناھايىتى ياخشى بىلىدۇ. ئۇلار بۇ كىشىلەر ئارقىلىق ئۆزى ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىگە ئېرىشىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ قارارى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىكى خىتاي كارخانىلىرىنىڭ «بازار ئىقتىسادى پرىنسىپلىرىغا» ئاساسەن مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ سودىنى «سىياسىيلاشتۇرماسلىقى» كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاۋام پالاتا ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ خىتاي كارخانىلىرىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى قارارى پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ھاۋايدىكى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىقتىسادى ھەمكارلىقىنىڭ يىغىنى ۋە ھىندونېزىيىدىكى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىنىڭ يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قايتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خەلقئارا قائىدە نىزاملارغا رىئايە قىلىشقا چاقىرغان سەزگۈر بىر پەيتكە توغرا كەلگەن.

لى خوڭكۈەن ئەپەندى ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر مەسىلىسىنى بۇنداق بىر پەيتكە توغرىلاپ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىدىكى سەۋەبكە ئۆز پىكرىنى بىلدۈردى. ئۇ، مۇنداق دېدى: دۆلەت مەجلىسى جۇڭگوغا قارىتىلغان دۆلەت بىخەتەرلىك، ئىستىخبارات، جاسۇسلۇق مەسىلىلىرىدە دۆلەت مەجلىسىدە دائىم زور بېسىمغا دۇچ كېلىدۇ. ئۇلار دۇچ كېلىدىغان بېسىم ئاساسلىقى سەرمايىدارلارنىڭ بېسىمى. چۈنكى نۇرغۇن سەرمايىدارلارنىڭ جۇڭگودا زور مەنپەئىتى بار. ئۇلار ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ تىركىشىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ئىككى دۆلەت دوستانە مۇناسىۋەتنى ساقلىسا ئۇلار جۇڭگودا سودا قىلالايدۇ........... ئۇلارنىڭ بېسىمى ئىستىخبارات كومىتېتى قاتارلىق ئامېرىكا ئورگانلىرىنىڭ ھەرىكىتىنى مەلۇم دەرىجىدە چەكلەپ كەلگەن. ئىستىخبارات كومىتېتىنىڭ بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى ئۈچۈن چوقۇم مۇۋاپىق بىر پەيتنى كۈتۈشكە توغرا كېلەتتى. APEC نىڭ يىغىنى، جۇڭگونىڭ باش كۆتۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكياندىكى مەنپەئىتىگە تەھدىت سېلىشى ۋە ئامېرىكا جامائەت پىكرى قاتارلىق ئامىللار بۇ مەسىلىنىڭ ھازىر ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.