ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە شىمالىي كورىيىنى جازالاش قارارىدا ھەمكارلىشىشقا ۋەدىلەشتى

0:00 / 0:00
rice-2006_10_18_japan1_600.jpg
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندالىزا رىيس ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسو 18 – ئۆكتەبىر كۈنى ياپونىيىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا. Image Courtesy: U.S State Department

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رائىس چارشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ بارلىق ھەربىي كۈچىنى ئىشقا سېلىپ ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىنى قولايدىغانلىقى ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ياپونىيىدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس خانىم": ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ھەمكارلىشىپ، شىمالىي كورىيىگە يۈرگۈزۈلگەن قورال ئىمبارگوسىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى قولغا كەلتۈرىدۇ" دېدى.

كوندىلىزا رايىس بۇ ئىپادىسىنى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇ بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن بىلدۈردى.

شىمالىي كورىيە، مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرى ، يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، مەزكۈر دۆلەتنى جازالاش ھەققىدىكى تاشقى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرى جىددىي ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. رايىسنىڭ بۇ قېتىم ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشى، ئۇنىڭ ئاسىيادىكى 4 دۆلەتتە ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ مۇھىم بىرقىسمى بولۇپ، مەزكۈر زىيارەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مەقسىدى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قاراتقان 1718 ‏- نومۇرلۇق جازالاش قارارىنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت.

رايىس بىلەن تارو ئاسۇ سۆھبەتتىن كېيىن يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىىنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ياپونىيىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە، خەلقئارا جەمئىيەت يەنىلا شىمالىي كورىيىنىڭ داۋاملىق تۈردە يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان ياكى بارمايدىغانلىقىنى كۆزەتمەكتە.

ئامېرىكا ۋە ياپونىيە تەرەپنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇزاكىرىسى

ياپونىيە تەرەپ، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىش ھەرىكىتىنى ئىزچىل تۈردە كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، كوندىلىزا رايىس ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تارو ئاسۇ ، ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدە دۇنياۋىي خاراكتېرلىك مۇنازىرە قوزغايدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ئۆزىنىڭ يادرو قوراللىرى جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا قارار قىلىش مۇمكىنچىلىكىنىڭ بار ‏- يوقلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى.

بىراق تارو ئاسۇنىڭ تەكىتلىشىچە، ياپونىينىڭ ھازىرچە يادرو قوراللىرىنى تەرەققى قىلدۇرۇش پىلانى يوق ئىكەن.

شىمالىي كورىيە، 17 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى كەچتە چوڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ، " كوممۇنىستىك پارتىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى"نى تەبرىكلىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتى، ئامېرىكىغا بىلدۈرگەن نارازىلىقىنىڭ سىگنالى ئىكەن.

ياپونىيە بۇ مەسىلىدە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ قەتئىي بوشاشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە

ياپونىيە بۇ ئارىدا ، شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىلىرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئىنتايىن مۈستەھكەم ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىپادىلىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىسىتىرى، كوندىلىزا رايىس ياپونىيىنى زىيارەت قىلىشتىن بۇرۇن، ۋاشىنگتون تەرەپنىڭ نۆۋەتتە كۈچىيىۋاتقان خەتەرلىك ۋەزىيەتنى كۆرۈشنى خالىمايدىغانلىقىنى، بىراق شىمالىي كورىيە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تەھدىت تۈپەيلى، دوست دۆلەتلەرنى چوقۇم قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا تەرەپ ئېلان قىلغان ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، شىمالىي كورىيىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە يادرو قوراللىرى سىنىقى ئېلىپ بارغان ئورۇندىكى پائالىيىتى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر ، بۇنىڭ يادرو سىنىقىنىڭ يەنە داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى قىياسلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

نۆۋەتتە شىمالىي كورىيىنى جازالاش تەدبىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈمىد قىلىنماقتا

ياپونىيە بىلەن ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ شىمالىي كورىيىگە بەرگەن "ئىمبارگو" قارارىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلماقتا.

ياپونىيە بۇ جەھەتتە خەلقئارا قانۇننىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ بىۋاستە ھەرىكەتكە قاتنىشىش ھوقۇقى يوق ، بىراق ياپونىيە تەرەپ ئامېرىكىنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى ئارقا سەپ ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى كۈتمەكتە.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، ئامېرىكا تەرەپ، شىمالىي كورىيىگە بېرىلگەن " ئىمبارگو " قارارى رەسمىي ئىجرا قىلىنىغاندا، شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيىگە كىرىپ چىقىدىغان يۈك پاراخوتلىرىنى تەكشۈرۈشتە ھالقىلىق رول ئوينىشىنى خالايدىكەن. بىراق مەتبۇئاتلاردا شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنىڭغا قوشۇلمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

سىياسيونلار بولسا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىسنىڭ بۇ قېتىم ئاسىيادا ئېلىپ بارغان تۆت دۆلەت زىيارىتىنىڭ ئەڭ چوڭ قەدىمى، قانداق قىلىپ مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ " ئىمبارگو" قارارىنى تەلتۈكۈس ئىشقا ئاشۇرۇش ھەرىكىتىگە قاتنىشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. (ئەقىدە)