ئامېرىكا-ياپونىيە-خىتاي- تەيۋەن مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدىكى يېڭى ئۇچۇرلار


2007.02.01

جەنۇبىي كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا يېقىندا 'كېچە لاچىنى' F-117 بەلگىلىك ۋە F-22 بەلگىلىك بومباردىمانچى ئايرۇپىلانلىرىنى ياپونىيە ۋە كورىيە يېرىم ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىنلا، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ 'رىگان' بەلگىلىك يادرو قۇۋىتى ئاۋىئاماتكىسى 1 ‏- ئاينىڭ 27 ‏- كۈنى سىندىيەگو پورتىدىن ياپونىيىگە قاراپ يولغا چىققان. ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوكىناۋا پورتىنى تايانچى بازا قىلىپ تۇرىدىغان، قايتۇرۇپ كېلىپ رىمۇنت قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان 'كىچىك لاچىن' بەلگىلىك ئاۋىئاماتكىسى ، ھازىر كورىيە يېرىم ئارىلىدا تۇرۇپ، غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدا ۋەزىپە ئۆتەش بۇيرۇقى كۈتۈپ تۇرماقتا. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ يېڭى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇشى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو قوراللىرىنى سىناق قىلىشىنى ۋە خىتاي كوممۇنىست ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي كېڭەيمىچىلىكىنى توساشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ياپونىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سېىىستىمىسى تىكلەشنى تىزلەتمەكتە

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ۋاشىنگتوندىن خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ئۆتكەن يىلى 7 ‏- ئايدا يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئامېرىكىنىڭ مارتىن لوكېت شىركىتى بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش مەقسىتىدە تېخىمۇ ئىلغار، بەلكى يادرو، خېمىيە ۋە بىئو-خېمىيىلىك ئوق ئۇچىنى ئېلىپ ماڭالايدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەبلەغ سېلىش ھەققىدە سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان ۋە بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ سېلىپ 'ۋەتەنپەرۋەر ‏-ئۈچ' بەلگىلىك مۇداپىئە بومبىسىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا باشلىغان.

يېڭى نام، يېڭى بەلگە ۋە يېڭى ئۇقۇم قوللىنىلغان ھەربىي مەشىق

رايسېئون ( Raytheon) شىركىتىنىڭ 31 ‏- يانۋاردىكى خەۋىرىگە ئاسالانغاندا، 2 ‏- ئاينىڭ 1 ‏- كۈنى باشلىنىدىغان 2007 ‏- يىللى ئامېرىكا-ياپونىيە بىرلەشمە ھەربىي مەشىقىدە، ئامېرىكا قىسىملىرى ئۆزىنىڭ يۈز بەرگەن ھادىسىگە تىز ئىنكاس قايتۇرۇش ۋە ھەر ئىككى تەرەپكە مەنپەئەتلىك بولغان ئۇرۇشقا قۇماندانلىق قىلىش، تىركىشىش ۋەزىيىتىنى بىرتەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدۇ. ياپونىيىنىڭ 'كيوتو خەۋەرلىرى'گە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى ئامېرىكا-ياپونىيە بىرلەشمە ھەربىي مەشىقىدە يېڭى نام، يېڭى بەلگە ۋە يېڭى ئۇقۇم قوللانغاننىڭ سىرتىدا، 'جەنۇبتىكى ئاراللاردا يېڭى ۋەقە يۈز بەرسە، ئۇنىڭغا قانداق تاقابىل تۇرۇش' ، 'ئاراللارنى يىراقتىن قوغداش' تېمىسى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنىدىكەن. بۇ قېتىمقى مەشىقنىڭ بۇرۇنقىغا ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى، بۇ قېتىم مەشىققە قاتناشقان ھەربىي قىسىملار خىتاينى' تەسەۋۋۇردىكى دۈشمەن' دەپ مۇئامىلە قىلىدىكەن. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى مەشىقتە ياپونىيىنىڭ 660 كىشىلىك پەۋقۇئاددە قىسىمى ئۆتكەلنى بۆسۈش، ھاۋا بوشلۇقىدىن قۇرۇقلۇققا چۈشۈش، چارلاش قاتارلىق ئاراللارنى قوغداش جەھەتتىكى پەۋقۇلئاددە ئىقتىدارىنى كۆرسىتىدىكەن. ئاخىرىدا ياپونىيىنىڭ 125 كىشىلىك زەربىدار ئەترىتى ئۆزىنىڭ 'تۆمۈر مۇش ھەرىكىتى' دەپ ئاتالغان مەشىقى ئارقىلىق سەنكاكۇ ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىش مەزمۇنىدا جەڭ مەشىقى قىلىدىكەن.

تەيۋەن 'جۇڭگو' دېگەن ئاتالغۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى قارار قىلغان

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ 1 ‏- فېۋرال كۈنى تەيبېيدىن خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەندە ھوقۇق تۇتۇۋاتقان پارتىيە ئۆزىنىڭ چوڭ قوشنىسى ئالدىدا تەيۋەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى، يەنى 1949 ‏- يىلى چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى گومنىداڭ پارتىيىسى بېسىۋالغان ئارال دۆلىتى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا 'جۇڭگو' دېگەن ئاتالغۇنى ئۆچۈرۈپ تاشلاشنى قارار قىلغان. تەيۋەننىڭ بۇ ھەرىكىتى 1949 ‏- يىلى قۇرۇلغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى غەزەبلەندۈرمەكتە.

خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى 988 گە يەتكەن

تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۇيبيەننىڭ تېلېۋىزىيە نۇتقىدا بايان قىلىنىشىچە، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەنگە قارىتا ئورۇنلاشتۇرغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانى ھازىر 988 گە يەتكەن. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىمۇ بۇنىڭ بىلەن ئوخشاش، بەلكى ئۇنىڭدا مەلۇم بولۇشىچە، ئىككى تەرەپنىڭ كۈچ سېلىشتۇرمىسى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتقان.

تەيۋەن ياپونىيىنىڭ ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەيۋەننىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىسىتىرى كې چېڭشياڭ ئەپەندى كانادا مۇخبىرلىرىنىڭ سۇئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'ئەگەر كەلگۈسىدە ياپونىيە ئۆزىنىڭ ھەربىي تېخنىكىسىنى ئىدارە قىلىش جەھەتتىكى سىياسەتلىرىنى تەڭشىسە، تەيۋەن ياپونىيىنىڭ ھەربىي تېخنىكا بىلەن تەمىنلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ' دەپ جاكارلىغان. كانادا دا چىقىدىغان 'مۇداپىئە تەتقىقات مۇنبىرى' دە "ياپونىيىنىڭ 'ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى'نىڭ دەرىجىسى 'مۇداپىئە مىنىستىرلىقى' دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەندىن كېيىن، ياپونىيىنىڭ قورال ئىكىسپورت قىلىشىمۇ نورمال ئىش باشلىشى مۇمكىن" دەپ بايان قىلىنغان. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.