بالىلارغا دىنىي تەربىيە بەرگەن ئامىنىخان ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىندى


2005.08.17
CHINA_XINJIANG_KORANIC_S_47.jpg
ئوقۇغۇچىلار، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئىنىستىتۇتىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقى ئېسىلغان بىر سىنىپتا تەلىم ئالماقتا. AFP

ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە بالىلارغا قۇرئان ئوقۇتقانلىقى ئۈچۈن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان ئامىنە خانىم بۇ يىل 56 ياشتا بولۇپ، ئۇ مەزكۇر جايدىكى بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ تەلىپى بويىچە 37 نەپەر ئوقۇغۇچىنى ئۆز ئۆيىگە يىغىپ، ئۇلارغا قۇرئان ئوقۇتۇپ، ئىسلام دىنى ھەققىدە دەرس بەرگەن ئىكەن.

يۇقىرى بەدەل

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئامىنە خانىمدىن دەرس ئالغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى 7 ياشتىن 18 ياشقىچە بولغان ياش ئۆسمۈر بالىلار بولسىمۇ، ساقچىلار ئامىنە خانىمنىڭ ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرگەندە، ئامىنە خانىمنى قولغا ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دەرس ئاڭلاۋاتقان بالىلارنىمۇ نەق مەيداندا تەڭ تۇتۇپ كەتكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، بىر قىسىم بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى تەلەپلەر بويىچە 7000 دىن 10000 يۈۋەنگىچە جەرىمانە تۆلەپ بالىلىرىنى قۇتقۇزۇپ چىققان.

بىر بىرىگە زىت جاۋابلار

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 15 - ئاۋغۇست كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى ئامىنە خانىم ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتقانلىقىنى ئېتراپ قىلغان. لېكىن ئۇلارنى نېمە ئۈچۈن تۇتۇپ كەتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

بىز مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە تېخىمۇ ئېنىق مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ئامىنە خانىم تۇرۇشلۇق شايار ناھىيىسىنىڭ تويبولدى كەنتى ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. تېلېفوننى ئالغان مەزكۇر ساقچى پونكىتىنىڭ خىتاي ساقچى باشلىقى "بۇ ئىشتىن مېنىڭ خەۋىرىم بار، لېكىن تەپسىلى ئەھۋالنى بىلمەكچى بولسىڭىز، ئۇيغۇر ساقچى باشلىقىمىزغا تېلېفون قىلىڭ، چۈنكى مەن پەقەت خەنزۇلارنىڭ ئىشىغىلا مەسئۇل، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىغا ئۇيغۇر باشلىق مەسئۇل " دەپ جاۋاب بەردى.

بىز خىتاي باشلىق دەپ بەرگەن قول تېلېفون نومۇرى ئارقىلىق مەزكۇر ساقچى پونكىتىنىڭ ئۇيغۇر باشلىقى بىلەن كۆرۈشتۇق. لېكىن ئۇ، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىن كەلگەن تېلېفون ئىكەنلىگىنى بىلگەندىن كېيىن، "كەچۈرۈڭ، بۇنداق ئەھۋال يوق ! " دەپ يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىمىدى.

شايار ناھىيىسى توي بولدى كەنتىنىڭ ئۇيغۇر ساقى باشلىقى مەزكۇر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلغىنى بىلەن، رادىئومىزنىڭ خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان شايار ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىدا دىژورنىلىك قىلىۋاتقان بىر ساقچى ئەمەلدارى بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات بېرىشنى خالىمىغان بولسىمۇ، ئامىنە خانىمنىڭ ھەقىقەتەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.

بالىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرىمۇ چېتىلىشى مۇمكىن

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رېشىت ئەپەندى خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئامىنە خانىمنى ۋە ئۇنىڭ 37 نەپەر ئوقۇغۇچىسىنى نەق مەيداندىلا بىرلىكتە تۇتۇپ كەتكەلىكى سۆزلەپ كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئامىنە خانىمدىن ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئامىنىخان ۋە تۇتۇلغان بالىلار بىلەنلا ئەمەس، بەلكى شۇ بالىلارنىڭ مەكتەپلىرىدىكى سىنىپ مۇدىرلىرىغىمۇ چېتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى..

دىلشات رېشىت ئەپەندى سۆزىدە يەنە، دۆلەت كونتروللىقى سىرتىدىكى پۈتۈن دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلىگەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنكلىكىنى بوغىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەت دېگەننى باھانە قىلىپ، ئۆزلىرى چىقارغان قانۇنغا ئۆزى خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.