شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلىرى

يېقىندا، چەتئەللەردىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى توغرىسىدا مۇلاھىزە دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇ ماقالىنى ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىي ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندى يازغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012-08-06
Share
Abdureshit-Abdulhemit-305.jpg ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرېشىت ئابۇلھەمىت ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Arslan

بۇ ماقالىدە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان ئىقتىسادى قىيىنچىلىقلىرىنى قانداق ھەل قىلىش ئۇسۇللىرى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت پائالىيەتلىرىنى يۈرگۈزۈش ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن ئىقتىسادى جەھەتتە قانداق چارە تەدبىر قوللىنىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا توختالغان.

بۇ ماقالىدە، تەشكىلاتلار ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئىقتىسادنى قانداق ھەل ئۇسۇللىرى توغرىسىدا توختالغان. ماقالىدە يەنە، ھەر قانداق بىر ئاممىۋى تەشكىلات ئۈچۈن مۇھىم بولغان 3 چوڭ ئامىلنىڭ بىرى ئىقتىساد ئىكەنلىكىنى تەكىتلەنگەن.

ماقالىدە يەنە، تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قېلىش ۋە خىزمەت پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلدۇرۇشتا ئىقتىسادنىڭ ئالدىنقى شەرت ئىكەنلىكى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئىقتىسادىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر قىسىم ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر قىلىش كېرەكلىكى تەكىتلەنگەن.

بۇ ماقالىدە يەنە، ئىقتىساد ھەل قىلىش ئۈچۈن، پىلان-لايىھە تۈزۈش كېرەكلىكى. قىلماقچى بولغان پىلاندىن قولغا كېلىدىغان نەتىجىلەرنى ئېنىق ئىپادىلەش. ئىئانە توپلاش ئۈچۈن تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ توغرا-راستچىل ۋە باشقىلار تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان بولۇش كېرەكلىكى ئىپادىلەنگەن.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىت ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت