خىتاي دۇنيادىكى ئۆلۈم جازاسىنى ئەڭ كۆپ ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت
2005.04.05
" خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى" نىڭ دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2004 - يىلى دۇنيادىكى 25 دۆلەتتە ئاز دېگەندە جەمئىي 3797 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ سانىلا 3400 گە يېتىدىكەن. بۇ دېگەنلىك، دۇنيادا 10 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنسا، ئۇنىڭ توققۇزى خىتايدا دېگەنلىكتۇر.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ سانى 25 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى چەككە يېقىنلاشقان.
ئەمەلىيەتتىكى سان بۇنىڭدىنمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن
خىتايدا ھەقىقىي ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ سانى ناھايىتىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن.
" خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى" نىڭ لوندوندىكى ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارى بەن كاردېرس ئۆتكەن يىلى خىتايدا ئېلان قىلىنغان ئۆلۈم جازاسىغا ئىجرا قىلىنغۇچىلارنىڭ كۆپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:
- بىز ئېلان قىلغان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغۇچىلار سانىنىڭ كۆپ بولۇشىدىكى سەۋەب، ئاساسلىقى بىز ئۇلارنىڭ سانىنى ئىگىلەش ۋاستىمىزنى ئۆزگەرتتۇق. بۇ يىل بىز خىتاي تىلىدىكى تور بېتىدىن پايدىلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تور بەتلىرىدە ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغۇچىلار سانىنى ھېسابلاپ چىقتۇق. ئىلگىرى بىز گېزىتلەردە ئېلان قىلىنغان ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلار سانىنىلا توپلايتۇق. شۇڭا، بۇ قېتىم بىزنىڭ ئىگىلىگەن سانلىق مەلۇماتلىرىمىز ئۆتكەنكى يىللارنىڭكىدىن كۆپ چىقتى. بىراق، كىشىلەر خىتايدا ئەمەلىيەتتە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلار سانىنىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ بىر خەلق قۇرۇلتىيى ئەزاسى خىتايدا يىلىغا ئون مىڭ كىشىگە ئۆلۈم ئىجرا قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت، چىڭداۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى بۇ يىلنىڭ باشلىرى ئېلان قىلغان بىر خەۋىرىدە، ئۆتكەن يىلى مەزكۇر سوتنىڭلا 57 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھالبۇكى چىڭداۋ ئوتتۇرا سوتى، خىتايدا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىش ھوقۇقى بار 600 سوتنىڭ بىرى. شۇڭا، خىتايدا ھەقىقىي ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلارنىڭ سانى ناھايىتىمۇ كۆپ بولىشى مۇمكىن.
خىتايدا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ تۈرى كۆپ
بەن كاردېرس ئەپەندى يەنە، خىتاينىڭ قانۇنىدا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدىغان جىنايى قىلمىشلارنىڭ تۈرىنىڭ كۆپلۈكى، سوتنىڭ ئادىل بولماسلىقى قاتارلىقلارنىڭ خىتايدا ئۆلۈم جازاسىنىڭ كۆپ قوللىنىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
"خىتايدا ھەتتا چىرىكلىك، خىيانەتچىلىك قاتارلىق زوراۋانسىز جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلارغىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدۇ. ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدىغان بۇنداق جىنايەتلەردىن خىتايدا 67 سى بار. بۇنىڭدىن سىرت، خىتاينىڭ ئەدىلىيە سىستېمىسى ئىشەنچىلىك ئەمەس. تېخى بۈگۈنكى بىر خەۋەردە، خۇبېيدا بىر كىشىنىڭ 1994 - يىلى ئايالىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، كىيىن بەختىگە يارىشا، كېسىمى 15 يىللىق قاماق جازاسىغا ئۆزگەرتىلگەنلىكى، بىراق يېقىندا ئايالىنىڭ قايتا پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇ كىشى قىيىن- قىستاققا ئېلىنغان ئەھۋالدا قىلمىغان "جىنايىتى" نى ئىقرار قىلغان ۋە بۇنىڭ بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىكەن. بۇ پەقەت ئاددىيلا بىر مىسال. بىز بۇنداق مىساللاردىن نۇرغۇن- نۇرغۇنلىرىنى ئاڭلىدۇق.
ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى بىز ئۇيغۇر ئېلىدە تۆت كىشىنىڭ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە " دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق.
ئۇيغۇرلار سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراۋاتىدۇ
" خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى"، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق جەمئىيەتلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بەن كاردېرس ئەپەندى، بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەردىن ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچراۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى بىز ئۇيغۇر ئېلىدە تۆت كىشىنىڭ ئۈچ ھەپتە ئىچىدە " دۆلەتنى پارچىلاشقا ئۇرۇنۇش" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلۈم جازاسىغا ئۇچرىغانلىقىدىن خەۋەر تاپتۇق. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئەيىپلەشتە ئىشلەتكەن " ئىسپات" لارنى ئەزەلدىن ئاشكارىلاپ باقمىغان. شۇڭا بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سوتنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەت قىلالمايۋاتقانلىقىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىمىز.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللانمىدى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئىشلىتىلىشىنى قاتتىق چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋمۇ ئۆتكەن ئايدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدىلىيە سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى ئادىل ۋە ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
" خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى" نىڭ خادىمى بەن كاردېرسنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدىكى نۇرغۇن قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بارلىق ئۆلۈم جازالىرىنى خىتاينىڭ ئالىي سوت مەھكىمىسى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان ئىكەن. خىتايدا 90٪ ئۆلۈم جازالىرى ئۆلكىلىك سوت مەھكىمىلىرى تەرىپىدىن تەستىقلىنىۋاتقان بولۇپ، ھەر قايسى سوتلارنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۆلچەملىرى بىر- بىرىگە پۈتۈنلەي ئوخشاپ كەتمەيدىكەن. شۇڭا خىتاي مۇتەخەسسىسلىرى ئۆلۈم جازالىرىنى ئالىي سوت مەھكىمىسى بىر تۇتاش تەستىقلىغاندا، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلار سانىنىڭ ھازىرقىغا قارىغاندا ٪ 30 كېمىيىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ يۇقىرىقى قىياسى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز دېگەندەك٪ 30 كىشىگە ئۆلۈم جازاسىنى ئارتۇق قوللانغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانلىقدىن دېرەك بېرىدىكەن. بىراق ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى توختىتىش ئۈچۈن ھازىرغىچە بىرەر تەدبىر ئالمىغان. خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى بارلىق ئۆلۈم جازالىرىنى تەستىقلاش ئىسلاھاتىنى ئېلىپ بارغان تەغدىردىمۇ، بۇ خىتايدىكى قىيىن- قىستاققا ئېلىش مەسىلىسى، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ قانۇن ۋاكالەتچىلىرىگە ئۇلىشالماسلىق مەسىلىسى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان جىنايەت تۈرلىرىنىڭ كۆپلۈكى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى دوكلاتى: خىتاي چاغاننىڭ ئالدىدىكى 2 ھەپتىدە 200 كىشىنى ئاتتى
- خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى تەدبىقلەش بەلگىلىمىسىنى ئۆزگەرتىدۇ
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىش بېسىمىغا دۇچ كەلدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە بىر ئۇيغۇر ياشقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى 50 تىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەردى