0:00 / 0:00
خۇ جىنتاۋنىڭ كانادادىكى زىيارىتى باشلىنىشنىڭ ھارپىسىدا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كانادا بۆلۈمى مەسۇللىرى كانادا باش مىنىستىرى پائۇل مارتىنغا خەت يوللاپ، ئۇنىڭدىن خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتايدىكى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مەزكۇر خېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دائىرىلىرىنىڭ "ئۈچ خىل كۈچ" كە زەربە بېرىشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ قاتتىق باستۇرىۋاتقانلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە توختالغان.