خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدە دوكلات ھازىرلىماقچى

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ لوندوندا تۇرۇشلۇق دائىمىي باش كاتىپلىقى، ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرى ھەققىدە يېڭى بىر دوكلات ئېلان قىلىش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرمەكتە. ئۇلار ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى بىلەن يېڭىدىن قولغا چۈشۈرگەن ماتېرىياللىرىنى قايتا رەتلەش پائالىيىتىنى باشلىغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۇ خىزمىتىنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشىنى سورىغان بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتى.