خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى


2006.04.18

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يېقىندا ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇشتىن 20 ‏- ئاپرىل كۈنى خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكىنىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى جىددىي ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. مەزكۇر ئوچۇق خەتتە،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2001 ‏- يىلى دۇنيا ئولىمپىك يىغىنىنى خىتايدا ئېچىش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاش ھەققىدە نۇرغۇن ۋەدىلەرنى قىلغانلىقى لېكىن، يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ياخشىلىنىش بىرياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە بارغانسېرى ناچارلىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئىش بېجىرگۈچىسى دوكتور ۋىليەم ئېف شالز ۋىللىئام ف سچۇلز بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە" پرېزىدېنت بۇش چوقۇم بۇ قېتىمقى پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەينى چاغدا بەرگەن ۋەدىلىرىگە ئاساسلىنىپ، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشتا،خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك " دەپ تەكىتلەپ " ئەگەر ئۇ بۇنداق قىلمايدىكەن، ئۇنداقتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئامېرىكا بىزنىڭ پۇقرالارغا تۇتقان پوزىتسىيىمىزنى يوللۇق دەپ قارايدۇ ' دېگەندەك خاتا سىگنال بېرىپ قويۇشىمىز مۇمكىن " دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئوچۇق خېتىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 2001 ‏- يىلى " ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئېچىلىشى خىتاي جەمئىيىتىنىڭ ئىلگىرىلىشى، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئىلگىرىلىشىگە بەكمۇ پايدىلىق" دەپ تۇرۇپ 2008 ‏- يىلى ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقارا ئولىمپىك يىغىنىنىڭ خىتايدا ئېچىلىش ھوقوقۇقىغا ئىگە بولغان. لېكىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىنلا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاشقا ھېچبىر ئەھمىيەت بەرمىگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى كۈندىن ‏- كۈنگە ئېغىر دەرىجىدە ناچارلاشقان.

خەلقارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تەرىپىدىن يېزىلغان مەزكۇر ئوچۇق خەتنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ بىرى، رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سۇزىن خانىم مەزكۇر خەتتە ئوتتۇرىغا قويۇلغان تەلەپلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى :

"بىزنىڭ ئۈمىد قىلىدىغىنىمىز،خىتاينىڭ ئەمگەك بىلەن تەربىيىلەش تۈزۈمى بىكار قىلىنىشى كېرەك، چۈنكى ھازىر خىتايدا 250 مىڭ ئادەم ھېچقانداق قانۇنىي رەسمىيەتسىزلا قاماپ قويۇلغان ؛ بىز يەنە 1989 ‏- يىلى يۈز بەرگەن تيەنئەنمىن ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس ئايرىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز شۇنداقلا مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى ۋە خەلق ئىچىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا بېرىپ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ئائىت دىلولار ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز ؛ ئاخىرىدا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى پۇقرالارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە يول قويۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز "

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سىيىتوف ئەپەندى مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئوچۇق خەت يازغانلىقىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئالىم سىيتوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ يېقىندا مەزكۇر قۇرۇلتايغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوج بۇشقا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئوچۇق خەت يازغانلىقىنى ھەمدە ئامېرىكىدا يۈز بەرگەن 11 ‏- سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ بەك ناچارلىشىپ كەتكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى. (مېھرىبان)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.