خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق دوكىلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
2006.05.23
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان يىللىق دوكىلاتىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدە ھېچقانداق بىر ئىلگىرىلەشنىڭ مەيدانغا كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن خىتايغا قاراتقان قورال ئىمبارگو چەكلىمىسىنى بىكار قىلمايلا قالماي ، بەلكى داۋاملاشتۇرۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش شۇئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە
مەركىزى لوندوندىكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۇرۇشلۇق شۆبىلىرى ئارقىلىق بىرلا ۋاقىتتا 2006 - يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شەرقىي ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل تارمىقىنىڭ مۇدىرى (Mark Allison) مارك ئاللىسون، "بىر قىسىم دۆلەتلەر تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش شۇنىڭدەك بىخەتەرلىكنى قوغداش باھانىسىدا كىشىلىك ھوقۇققا زىيانكەشلىك قىلماقتا. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورچىلىققا زەربە بېرىش شۇئارى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتمەكتە " دەپ كۆرسەتتى.
ئاللىسون سۆزىدە يەنە": دوكلاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى شۇكى، نۆۋەتتە پۈتۈن دۆلەتلەر دىققىتىنى تېررورچىلىققا زەربە بېرىشكە مەركەزلەشتۈرگەن بولۇپ، بۇ بەزىدە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرمەكتە، بولۇپمۇ نېپال، ئافغانىستان بىرما ۋە خىتاي قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتلەردە مۇشۇ خىل مەسىلىلەر كۆرۈلدى" دېدى.
خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خىتايدىكى دېھقان ۋە ئىشچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ يېرىنى رۇخسىەتىسىز تارتىۋىلىش، دىخانلارنى يېتەرلىك داۋالاش مەنبەسى بىلەن تەمىنلىمەسلىك ۋە ئۇلارنى مائارىپسىز قويۇش شۇنىڭدەك كەمبەغەل بىلەن باي ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ چوڭىيىپ كېتىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق ئەھۋالى كۈندىن -كۈنگە كۈچەيمەكت،" دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەڭ كۆپ جازالايدىغان دۆلەت
دوكلاتتا ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ستاتىستىكا نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دۇنيا بويىچە جىنايەتچىلەرنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەڭ كۆپ جازالايدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدىكەن، خىتايدا 2005 -يىل بىر يىل ئىچىدىلا 3900 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ ، ئاز دېگەندە 1 مىڭ 770 ئادەم ئۈستىدىن ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.
مارك ئاللىسون سۆزىدە ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ كىشىنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە تەرەققى قىلغانلىقىنى، ئەمما كىشىلىك ھوقۇقتا ھېچقانداق بىر ئۆزگىرىشنىڭ مەيدانغا كەلمىگەنلىكىنى قايتا - قايتا تەكىتلەش بىلەن بىرگە، " دېھقانلار ۋەزىيىتىنىڭ ناچار بولۇشى خىتاينىڭ ئەسلىدىكى ناچار بولغان كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تېخىمۇ ناچارلاشتۈرۋەتتى " دېدى.
دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ " تېررورچىلىق" ھەمدە " دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاش" دېگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن جىنايەتچىلەرنى خەلقئارا قانۇنلارغا خلاپ ھالدا مەخپى سوت قىلىپ جازالىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇشنىڭ خەلقئارادىكى تەلەپلەرگە قارىماي گۇەنتانامودىكى ھەربىي تۈرمىنى تاقىمىغانلىقىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ قاتتىق تەنقىد قىلىندى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خادىمى بىلەن ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەت
- ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىش خەۋپى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى
- خىتاي ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلدى
- ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا خىتاينى ئەيىبلىدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى، خىتاينىڭ دىنىي ئەركىنلىكنى بوغۇش قىلمىشىنى ئەيىبلىمەكتە
- مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى