سۆيۈملۈك ئانىلار، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!

0:00 / 0:00
Hkg577224-MD-200.jpg
ئانىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن، ئانىلارغا قىلىنغان سوۋغا، ياپونىيە، توكيو. Mother's Day at a Tokyo flower shop, 09 May 2007 / AFP PHOTO / Yoshikazu TSUNO

ئانا، ئۇ دۇنيادا ئەڭ ئۇلۇغ ئىنسان. دۇنيادا ئانىنىڭ بالىغا بولغان مۇھەببىتىدىنمۇ ساپ، مىننەتسىز، كۈچلۈك مۇھەببەت بولماس. ئانىنى ئۇلۇغلاش، ئانىنى ھۆرمەت قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ -ئادەت، ئەدەپ ‏- ئەخلاق، مەدەنىيىتىگە سىڭگەن ناھايىتى چوڭقۇر بىر تەرەپ، گەرچە ھېيت ‏- بايرام، تۈرلۈك ئۆرپ ‏- ئادەت مۇراسىملىرىمىزدا ئانىلارغا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرۈش، ئانىلارنى يوقلاش بىر ئادەت بولسىمۇ، ئەپسۇس ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۈچۈن مەخسۇس بايرام يوق ئىدى. نۆۋەتتە خەلقئارالىق ئانىلار بايرىمىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى ھەر قايسى ئەللەر ۋە مىللەتلەرگە ئورتاق بىر بايرام بولۇپ شەكىللىنىشى بىلەن ئۇيغۇرلارمۇ ئانىلار بايرىمىدا ئۆزىنى تۇققان، بېقىپ ئۆستۈرگەن ئانىلىرىنىڭ مېھنىتىگە، گۈل دەستىلەرنى، سوۋغاتلارنى تۇتۇپ تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرىدىغان بولدى.

سىلەرگە بەخت ‏- سائادەت، خاتىرجەملىك يار بولغاي !

مېھنەتكەش ئۇيغۇر ئانىلىرىمىز ئۈچۈن بىزنىڭمۇ بايراملىق سوۋغىمىز بار ئەلۋەتتە. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە -13 ماي خەلقئارالىق ئانىلار بايرىمىغا ئاتىغان سوۋغىمىزنى سىلەرگە ئۇزاتماقچى، ئانا ۋەتەندىكى بارلىق ئانىلارغا سالام!!! سىلەرگە بەخت ‏- سائادەت، خاتىرجەملىك يار بولغاي !

ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئانىلىرى، بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. سىلەر ھۆرمەت تۆرىدە بىباھا ئىنسان، سىلەر بىر قولىدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىشكە قادىر مېھرىبان ئىنسان. پەرىشتە كەبى ئانىلار سىلەر، سىلەر ئەقىل بۇلىقى، سىلەر بارلىق ئىجاد، بارلىق داستان، بارلىق مەدھىيىلەرنىڭ مەنبەسى.گۇزەللىك باشلانغان جاي، قەدىردان ئانىلار، سىلەرنىڭ باغرىڭلارنىڭ كەڭلىكىدىن ۋەتەننىمۇ ئانا دەيمىز.

سىلەرگە بېغىشلانغان مەدھىيىلەرنىڭ چېكى يوق، سىلەر بىر ئۆمۈر پەرزەنتىڭلار ئۈچۈن ئۆزەڭلارنى بېغىشلايسىلەر، ئەمما ئۇلاردىن ھېچ مىننەتدارلىق كۈتمەيسىلەر، بالىلىرىڭلارنىڭ بەختى سىلەرنىڭ بايرىمىڭلار بولۇپ كەلگەن. ئۇيغۇر ئانىلىرى ھەممىدىن جاپاكەش، مېھنەتكەش، مىننەتسىز ئانىلاردىندۇر، ئۇلار بالىلىرىنى تۇغۇپ قاتارغا قوشۇشنى بۇرچى دەپ بىلىپ بالىلىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ بارلىقىنى بېغىشلىغاندىن سىرت، ھەتتا بالىلىرىنىڭ بالىلىرىغىچە مېھرىنى ئايىمايدۇ، نەۋرىلىرى ھەتتا چەۋرىلىرىنىمۇ كۆز قارچۇغىسىدەك ئاياپ ئەتىۋارلاپ باقىدۇ. شۇڭا بىزدە ئانىنىڭ بەرگەن بىر تېمىم سۈتىگە يەتتە قېتىم ھەرەمگە يۈدۈپ ئاپارسىمۇ ئازلىق قىلىدۇ دەيدىغان كەلىمىلەر بار.

سۆيۈملۈك ئۇيغۇر ئانىلىرى سىلەرنىڭمۇ ھەقىقي دۇنياۋى بايرىمىڭلار بار، غەرب دۆلەتلىرىدە ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنى ئانىلار بايرىمى سۈپىتىدە ئىنتايىن داغدۇغىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ.

ئانىلار بايرىمىنىڭ كېلىپ چىقىش تارىخى

ئانىلار بايرىمى ئامېرىكىدا -1864 يىلىدىن -1948 يىلغىچە بىر ئۆمۈر توي قىلماي ئاپىسى بىلەن ياشىغان ئەنا جارۋىسنىڭ ئانىسى ئۆلۈپ كېتىپ،ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە -1907 يىلى ئانىسىغا قاتتىق قايغۇسى بىلەن سېغىنىشىنى، مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن دوستلىرىغا ئانىلارغا ھايات ۋاقتىدا ئۇلارنىڭ ئەجرىگە، مۇھەببىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن، ئانىلار ئۈچۈن مەخسۇس بايرام كۈنىنى بېكىتىش كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن باشلىنىپ تېز ئارىدا پۈتۈن ئامېرىكا ھەمدە ياۋرۇپادا تارقىلىشقا باشلىغان. 1913 - يىلى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ھەر يىلى ماي ئېيىنىڭ ئىككىنچى يەكشەنبە كۈنىنى ئانىلار كۈنى قىلىپ بېكىتىش قارارىنى تەستىقلىغان. مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئانىلار بايرىمىنى دۆلەتلىك بايرام قىلىپ بېكىتكەن دۆلەتلەر 43كە كۆپەيدى. شۇنداق، بۇ بايرام ھەر قايسى ئەللەردە ھەر قايسى مىللەتلەردە ئورتاق قارشى ئېلىنىپ، تەبىئىي ھالدا قوبۇل قىلىنماقتا. چۈنكى ئانىلارنىڭ ئەجرى ھەر قاچان يەردە قالمايدۇ، ئانىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھەر بىر ئىنساننىڭ بۇرچى، بۇ بايرام ئانىلار ئۈچۈن بايراملا بولۇپلا قالماي يەنە، پەرزەنتلەرگە مىننەتدار بولۇشنى، ھۆرمەتنى، مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنى ئۆگىتىدىغان ھەقىقي تەربىيىۋىي ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولۇپ كەلمەكتە.

ئانىلارغا رەخمەت ئېيتىڭ!

مېھرىبان مىننەتسىز ئانىلار بۈگۈنكىدەك بايرام كۈنىدىمۇ بەلكىم بالىلىرى ئۆزلىرىگە بايراملىق ئېلىپ كەلگەن سوۋغاتقا قاراپ، گۈللەرگە قاراپ، ئۆزىنىڭ بالىلىرىغا سىڭدۈرگەن ئەجرىدىن ئەمەس، بەلكى بالىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلىقىدىن تەسىرلىنىپ كۆز يېشى قىلىشى مۇمكىن،بىزنىڭ شۇنداق ئانىلىرىمىز بار، بالىسى " ئەجرىڭىزگە رەھمەت ئانا " دىسە "نىمىشقا ئاۋارە بولىسەن بالام، بۇنداق قىلمىساڭمۇ، رەھمەت ئېيتمىساڭمۇ مەن دېگەن ئاناڭ تۇرسام" دەيدىغان، چۈنكى ئۇلار بالىلىرى ئۈچۈن كۈيۈپ‏ - ئۆچۈشنى، جاپا چېكىشنى ئۆزىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى دەپ بىلىدۇ، بىزنىڭ شۇنداق ئانىلىرىمىز بار،ئەگەر بالىلىرىنىڭ مىننەردارلىقىغا ئېرىشەلمىسىمۇ رەنجىمەيدىغان،پەقەت كۆز يېشىنى كۆرسەتمەي ئېتىكىگە سۈرتۈپ بالىلىرىنى كۆرسە ئاپتاپتەك ئېچىلىپ جېنىم بالام دەيدىغان، بالىلىرىنى ساق ‏- سالامەت، بەختىيار كۆرسىلا شۇنىڭ ئۆزى ئۇيغۇر ئانىلىرى ئۈچۈن كۇپايە. ئەنە شۇ ئۇلار ئۈچۈن ئەڭ خوشاللىق بايرام، رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستۇم، ئەگەر سىز بالا بولسىڭىز، ئانىڭىز ئۈچۈن سىز مەڭگۈ بالا، بۈگۈن ئانىڭىز ئۈچۈن نېمە قىلىپ بەردىڭىز ؟ گۈلدەستە تىزالمىسىڭىزمۇ ئۇنىڭ باغرىغا بالىلارچە ئۆزىڭىزنى ئېتىڭ، قوللىرىغا سۆيۈڭ....

سىز ئاتا بولسىڭىز، پەرزەنتىڭىزنىڭ ئانىسىغا مىننەتدارلىقىڭىزنى، مۇھەببىتىڭىزنى يەتكۈزۆشنىمۇ ئۇنۇتماڭ، خىسلىتىڭىزدىن پەرزەنتلەر تەلىم ئالسۇن، ئانىنى قەدىرلەش، ئۇلارنىڭ ئەجىرىگە جاۋاب قايتۇرۇش ئەۋلادلارغا ئۇدۇم قالسۇن.

ئەگەر ئانا بولسىڭىز، بۈگۈن بىر كۈن بولسىمۇ ئارام ئېلىڭ ئانا، بۈگۈن سىزنىڭ بايرىمىڭىز، پۈتۈن دۇنيا سىزنى قۇتلۇقلايدۇ. (گۈلچېھرە)