تۈركىيە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، رەسمىي بولمىغان سىتاتىستىكىلارغا قارىغاندا پەقەتلا 1949-يىلىدىن كېيىن تۈركىيىگە كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ سانى 10مىڭ ئەتراپىدا ئىكەن.
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئۆرپ -ئادەتلىرىنى، تىلىنى، تارىخىنى پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇنتۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ ھالدا ئاۋاز بېرىپ كەلمەكتە.
مانا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، 6-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئوقۇش يېشىدىكى ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئانا تىلىنى كۈچەيتىش، ساۋاتىنى چىقىرىش، قۇرئان ئوقۇشنى ئۆگىتىش، مىللى كىملىكىنى تونۇش، ئۆرپ- ئادەت، ئەدەپ - ئەخلاق جەھەتلەردە تەلىم - تەربىيە بېرىش مەقسىتىدە يازلىق تەتىلدە ئىككى ئايلىق كۇرس باشلاندى.
بۇ كۇرسقا ئۇنۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن تالانتلىق ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 8 ئوقۇتقۇچى تەيىنلىگەن. كۇرسقا ئۇيغۇرلار زىچ ئورۇنلاشقان زەيتۇنبۇرنۇ ۋە ئاقساراي رايونىدىن 54، سەفاكۆيدىن 44 ئوقۇغۇچى بولۇپ، جەمئىي 98 ئوقۇغۇچى قاتناشقان. (ئەركىن)