ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. ھەتتا ئۇلار مانجۇلارنىڭ ئۇيغۇر يېزا - قىشلاقلىرىدا ئاچقان مەخسۇس تىل مەكتەبلىرىگىمۇ بالىلىرىنى بېرىشنى خالىمىغان. ئۇلار مانجۇلارنىڭ ئۆز مەكتەبلىرىدە ئوقۇپ چىققان ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئالىي مەنسەپ ۋە ياخشى ئىش ئورنى بېرىش ۋەدىلىرىگىمۇ ئالدانمىغان. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەقىللىق ئەجدادلىرى بالىلىرىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ كېتىشنىڭ ئالدىنقى سەۋەبلىرىدىن بىرى ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. شۇڭىمۇ ئۇلار ئۆز تىلىنى قەدىرلەش ۋە ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى قەتئىي تۈردە تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇلار ئەڭ ئاۋۋال، ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ مىللەت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن چوقۇم ئۆز تىلىنى بىلىشى شەرت ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى.
چەتئەللەردە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ ساپ ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى ئۇلاردىن تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىپ تۇرماقتا. ئەگەر ئۇلار بالىلىرىغا ئۆزلىرىنىڭ گۈزەل ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىپ، بۇ تىلنى ساقلاپ قالمىغاندا، چەتئەللەردىكى كېيىنكى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر مىللىتىگە مەنسۇپ قىلىش ئىشىمۇ ئاسانغا توختىمايدۇ. ئېنىقكى، بۇ ھالدا ئۇلار ياشاۋاتقان دۆلەتلىرىدىكى مىللەتلەرگىمۇ مەنسۇپ بولالمايدۇ. بۇ يا ئۆز مىللىتىگە ياكى باشقا مىللەتكە مەنسۇپ بولالماستىن ئوتتۇرىدا قېلىش دېگەنلىكتۇر. بۇ ئەڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر.
ئابدۇرەئۇپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇرلاردىن بىلىملىك ۋە ئاڭلىق كىشىلەر ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسىگە ھېلىھەم ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. شۇنداقتىمۇ يەنە كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ بۇ مۇھىم مەسىلىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرەلمىگەنلىكى مەلۇم. بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبلىرىمۇ كۆپ. ئۆتمۈشلەردە سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى ھىندىستان ۋە مىسىرغا ئوخشىغان مەملىكەتلەردىكى بىلىم يۇرتلىرىدا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چىققان كىشىلەردۇر.
كېيىن ئۇيغۇر ئېلىنى كوممۇنىستلار ئىستېلا قىلغانلىق سەۋەبتىن ئۆز يۇرتىغا قايتالماستىن، سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇرلارمۇ كۆپ. مۇنداقلار ئومۇمەن بويتاق كىشىلەر بولۇپ، ئۇ ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستانى ۋە باشقا ئەللەردە يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ھازىرقىدەك كۆپ بولمىغانلىقتىن، بۇ كىشىلەر مىسىرلىق، ھىندىستانلىق ۋە بېنگاللىق ئاياللارغا ئۆيلىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئېنىقكى، تىلى ئوخشاش بولمىغان ئىككى مىللەتنىڭ بىر- بىرى بىلەن سۆزلەشكىنىدە ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان ئۈچىنچى مەملىكەتنىڭ تىلىدا سۆزلەيدىغانلىقى تەبىئىي ئەھۋال. شۇ سەۋەبتىن بۇ ئۇيغۇرلار ئائىلىسىدە ئەرەب تىلى بىلەن سۆزلىشىش نەتىجىسىدە، ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلىنى سۆزلەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن.
بۇ ئەھۋالدا ئۇلارنىڭ بالىلىرى يا ئاتىسىنىڭ ياكى ئانىسىنىڭ ئانا تىلىنى بىلمەستىن، ئۆزلىرى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەملىكەتنىڭ تىلىدا سۆزلەپ چوڭ بولغان. يەنە بىر سەۋەب شۇكى، سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ياشاۋاتقان مىللەتلەردىن كۆپىنچىسىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ئۆگىتىدىغان مەخسۇس مەكتەپلىرى بولغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە، بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى ئۆگىتىدىغان بىرەرمۇ مەكتىپى يوق. بۇمۇ بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەسلىكىگە سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرىدۇر.
يەنە بەزى ئۇيغۇر ئائىلىلىرى ئەر - ئايال ھەر ئىككىسى ئۇيغۇر تۇرۇپمۇ، تىل مەسىلىسىگە سەل قارىغانلىقتىن، ئۇلار ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىشنى جارى قىلدۇرمىغان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۆز تىلىدىن بىرەر سۆزنىمۇ بىلمەيدىغان پەقەتلا ئەرەبچە سۆزلەيدىغان بولۇپ چىققان. ئۇلار يەنىلا بۇ يەردە " بۇ خارى" ياكى " تۈركىستانىي" دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار يۈز يىلدىمۇ ئەرەب بولالمايدۇ.
ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا ئۆز تىلىنى ساقلاپ قالالايدۇ؟
ئابدۇرەئۇپ ھاجىم ئۇيغۇرلار قانداق قىلغاندا ئۆز تىلىنى ساقلاپ قالالايدۇ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: " ئەڭ مۇھىمى ئاتا - ئانا ئۆز ئائىلىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىسە ۋە بالىلىرىغا ئۆز تىلىنى ئۆگىتەلىسە بولىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇيغۇرلار بۇ جايدا ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشىنىڭ باشقا چارىسى يوق. ئۆز تىلىنى بالىلىرىغا ئۆگىتىش ئاتا - ئانىلار ئۈستىدىكى ئامانەتتۇر. يەنە بىر چارە شۇكى، ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى ئانا ۋەتەنگە ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزۇپ كەلسە، شۇ جايدا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىپ كەلسە بولىدۇ.
ئەينى ۋاقتىدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى بوۋىسى خالىس ئەرەب تىلىنى ۋە ئەرەب ئادەتلىرىگە كۆندۈرۈش مەقسىتىدە، سەھرادىكى ھەلىمە سەئدىيە دېگەن بىر ئايالنىڭ يېنىدا تەربىيىلىنىشكە ئەۋەتكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارمۇ بالىلىرىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ ماكانى بولغان ئانا ۋەتەنگە ئاپىرىپ تۇرغۇزالىسا بولىدۇ. بولمىسا ئۆز تىلىنى بالىلىرىغا ئۆگىتىشنىڭ باشقا يولى يوق ."
ئابدۇرەئۇپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىدا بىرىنچى، ئىككىنچى، ئۈچىنچى ۋە تۆتىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلار باردۇر. بىرىنچى ئەۋلاد، يەنى سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تۇغۇلغان بىرىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرلاردىن ئۇيغۇر تىلىنى بىلىدىغانلار ئاران %30نى تەشكىل قىلىدۇ. قالغانلىرى پەقەت ئەرەب تىلىدا سۆزلىشىدۇ. (ئۆمەرجان توختى)