چەت ئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ مائارىپ سىستېمىسى بويىچە تەربىيىلىنىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ، داڭلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇل قىلىنماقتا. ئەمما، ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنىڭ نەتىجىلىرىدىن قانائەتلىنىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇلارنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگىمۇ ناھايىتى ئەھمىيەت بەرمەكتە.
بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 3 ياشتا
مەيلى قايسى دۆلەتتە بولمىسۇن، ئۇيغۇرلارنىڭ بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈن مەكتەپلەرنى ئاچقانلىقىنى، ھېچ بولمىسا بالىلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، ئۆيلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسى بېرىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرىسىز. ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانجىلىس شەھىرىدىكى ياش زىيالىيلار خالىسانە تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئانا تىل دەرسى ئۆتۈشنى ئۆزىگە ۋەزىپە قىلغان بولۇپ، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغىنى شۇكى ئانا تىل ئۆگىنىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 3 ياشتا ئىكەن.
ئامېرىكىنىڭ لوس - ئانجىلىس شەھىرىدىكى ياش ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، بۇ شەھەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىش قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، بالىلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىپ، ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتمەكتە.
ھەپتىدە بىر كۈن بالىلار ئۈچۈن
خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ۋەزىپىلىرىنىڭ ئېغىرلىقى شۇنىڭدەك ۋاقىتنىڭ قىسلىقىغا قارىماي، بالىلارغا ئۇيغۇر تىلى ئۆگىتىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن مېھراي ، زەمىرە، قۇربانجان ۋە نۇرنىسالار ھەپتىدە بىر كۈننى ئاجرىتىپ دەرس ئۆتكەندىن سىرت، دەرس ئۆتىدىغان سىنىپ بولماسلىقتەك قىيىنچىلىقلارنى بولسا، ئۆز ئۆيلىرىنى سىنىپ قىلىپ ئىشلىتىش ئارقىلىق يەڭگەن.
بولۇپمۇ كىشىنى ھاياجانلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ئانا تىل ئۆگىنىۋاتقان بالىلارنىڭ ئەڭ كىچىكى 3 ياشتا بولۇپ، ئىنگلىز تىلى يەسلىلىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلارنى نەزەردە تۇتقان ئوقۇتقۇچىلار كىچىك ياشتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگىمۇ، ئانا تىلى ئۆگىتىش كېرەكلىكىنى تونۇپ يەتكەن.
ئوقۇتقۇچىلار ، كىچىك ياشتىكى بالىلارغا قىزىقارلىق ئويۇنلار، تېپىشماق ھېكايىلەر سۆزلەش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ تىل ئۆگىنىشىگە قولايلىق شارائىت ھازىرلىغان.
ياش زىيالىي زەمىرە خانىم، ئۆز ئۆيىنى بالىلارغا دەرسخانا قىلىپ ھازىرلاپ، بالىلارغا ئۆزىگە لايىق قىزىقارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر تىلى ئۆگەتمەكتە .
يەنە بىر ئوقۇتقۇچى مېھراي خانىم بولسا، بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ زورلۇقىنى تەكىتلىدى. (ئەقىدە)