قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە

0:00 / 0:00

ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى شارائىتىنىڭ يېتىشىچە پەرزەنتلىرىنى ئۇيغۇر تىلى مائارىپىدا تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە.

جۈملىدىن قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك ئەتراپىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلار، ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا زور كۈچ بىلەن ياردەم قىلىپ يېڭى ئوقۇش يىلىنىڭ باشلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بەردى.

1 - سېنتەبىر كۈنى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان لېبىدىنوفكا يېزىدىكى يېزىلىق مەكتەپ دەرس باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز تۇرسۇن ئىسلامنىڭ مەزكۈر مۇراسىم مەيدانىدىن بەرگەن خەۋەرنى ئاڭلايسىز.