شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ يازلىق كۇرسى ئاياقلاشتى
2007.08.27
چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈش، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىگە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ - ئادىتى، دىنىي ، ئەخلاقى پەزىلىتىنى ئۆگىتىش، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا - ئانىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېسابلانماقتا. ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ خىل خىزمەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، شۇلارنىڭ قاتارىدا پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشكە زور كۈچ چىقىرىۋاتقان شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئانا تىل مەكتىپى بۇ يىل يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ستوكخولم شەھىرىدە يازلىق كۇرس ئاچتى.
2 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان كۇرس نەتىجىلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر بىر ئارىغا جەم بولۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزدى، مۇراسىمغا 40 نەچچە ئائىلىدىن بولۇپ 70 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، ئاتا - ئانىلار كۇرسىنىڭ بالىلارغا كۆرسەتكەن ئۈنۈمىدىن سۆيۈندى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئىستانبۇلدا ئۇيغۇرلارنىڭ يازلىق تەتىل كۇرسى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى
- چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىل ئۆگىنىشىگە ئەھمىيەت بەرمەكتە
- سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىنى ساقلاپ قېلىشتىكى قىيىنچىلىقلىرى
- تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر بالىلار ئۈچۈن ئانا تىل كۇرسى رەسمى باشلاندى
- تىل- مىللىي قەدىرىيىتىمىزنىڭ بەلگىسى
- ۋەتەندىكى ئۇيغۇر بالىلىرى بىلەن ياۋرۇپا ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ پەرقى
- مانجۇ تىلى ئۆز يۇرتلىرىدا يوقىتىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر يۇرتلرىدا تەرەققى قىلىۋاتىدۇ
- قازاقىستاندا ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىل مەكتەپلىرىدە ئوقۇماقتا
- نورۋېگىيىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر ئۈچۈن مىللى تەلىم – تەربىيە سىنىپلىرى ئېچىلدى
- خىتاي ھۆكۈمىتى سەبىيلەرگە خىتاي تىلى مائارىپىنى كۈچەيتمەكتە
- خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى خىتايچىلاشتۇرۇش سىياسىتىگە تىلشۇناسلار قانداق قارايدۇ؟
- ئۇيغۇر ئانا تىلى مائارىپىنىڭ چىقىش يولى نەدە؟