شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مەكتىپىنىڭ يازلىق كۇرسى ئاياقلاشتى


2007-08-27
Share

چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئىسمى - جىسمىغا لايىق ئۇيغۇر قىلىپ يېتىشتۈرۈش، بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىگە يالغۇز ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلەشنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆز مىللىتىنىڭ مىللىي ئۆرپ ‏- ئادىتى، دىنىي ، ئەخلاقى پەزىلىتىنى ئۆگىتىش، نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاتا ‏- ئانىلارنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى ھېسابلانماقتا. ھەر قايسى ئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ خىل خىزمەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن بولۇپ، شۇلارنىڭ قاتارىدا پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشكە زور كۈچ چىقىرىۋاتقان شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئانا تىل مەكتىپى بۇ يىل يازلىق تەتىلدىن پايدىلىنىپ، ستوكخولم شەھىرىدە يازلىق كۇرس ئاچتى.

2 ئايغا يېقىن داۋاملاشقان كۇرس نەتىجىلىك ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئاتا - ئانىلار ۋە پەرزەنتلەر بىر ئارىغا جەم بولۇپ مۇراسىم ئۆتكۈزدى، مۇراسىمغا 40 نەچچە ئائىلىدىن بولۇپ 70 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى، ئاتا ‏- ئانىلار كۇرسىنىڭ بالىلارغا كۆرسەتكەن ئۈنۈمىدىن سۆيۈندى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلىرىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت