3 ئورۇندىكى ئانا تىل يەسلى سىنىپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

پەرزەنت بۈگۈننىڭ كىچىكلىرى، ئەتىنىڭ چوڭلىرى، پەرزەنت ئائىلىنىڭ خۇشاللىقى، جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى، ئەجدادلارنىڭ ئىز باسارى. پەرزەنت تەربىيلەش ھەر بىر ئائىلىنىڭ، ھەر جەمئىيەتنىڭ، ۋەتەن خەلقنىڭ مەسئۇلىيىتى.
ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئارسلان
2012.06.08
Istanbul-Ana-til-mektiwi-305 ﺳﯜﺭﻩﺕ، 2010 ‏- ﻳﯩﻠﻰ 8 ‏- ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 22 ‏- ﻛﯜﻧﻰ، ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﯞﻩ ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ، ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ﻛﻪﺭﯨﻢ ﯞﻩ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
RFA Photo / Arslan


بىر ئەۋلاد قانچىلىك ياخشى تەربىيىلىنىپ، ياراملىق قىلىپ يېتىشتۈرۈلسە، ئۇ ئەۋلاد ئائىلىسى ۋە ۋەتەن خەلقى ئۈچۈن شۇنچىلىك ياخشى خىزمەت قىلىدۇ، دەيدىغان قاراش بار.

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە ئۆرۈپ ئادەتلىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە پەرزەنتلىرىگە ئۆگىتىش ئۈچۈن ئۆزى ياشاۋاتقان شەھەر ۋە رايونلاردا ئانا تىلى سىنىپ ئېچىپ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى ئۆگىتىپ كەلمەكتە. ئەنە شۇلاردىن بىر مىسال شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقساراي قاتارلىق ئۈچ ئورۇندا ئايرىم - ئايرىم ئېچىلغان ئۇيغۇر ئانا تىل يەسلى سىنىپلىرى بولۇپ بۇ سىنىپلاردا ھازىر 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى تەربىيە ئالماقتا.

2012 - يىلى 6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئانا تىل يەسلى سىنىپلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلەرنىڭ يازلىق تەتىل قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى مۇكاپاتلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

بۇ مۇراسىم زەيتىنبۇرنۇ شەھەرلىك ھۆكۈمەت قورۇسىنىڭ ئىچىدىكى كازلىچەشمە مەدەنىيەت مەركىزى ئاقدېڭىز يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مۇراسىمغا ئىستانبۇلنىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى. 500 كىشىلىك يىغىن زالىدا ئولتۇرۇشقا ئورۇن قالماي كۆپ ساندا كىشىلەر ئۆرە تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

مۇراسىم قۇرئان كەرىم تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئېچىلىش نۇتۇقى سۆزلىدى ۋە پەرزەنت تەربىيىلەشنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا توختالدى. كېيىن زەيتىنبۇرنۇ، سەفاكۆي ۋە ئاقسارايدىكى ئانا تىل يەسلى سىنىپلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئايرىم - ئايرىم سەھنىگە چىقىپ قۇرئان تىلاۋەت قىلدى، ئۆزلىرى تەييارلاپ كەلگەن ھەر خىل تېمىدىكى ئېتۇت تەقدىم قىلدى، ناخشا ئوقۇدى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ يىغىن ئەھلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇراسىمدا يەنە زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى مۇرات ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نومۇرلىرىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى ۋە پەرزەنتلەرنى مۇشۇنداق ئۆزىنىڭ دىنى، مىللىي ئارتۇقچىلىقلىرىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا يېتىشتۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. مۇرات ئايدىن سۆزىدە يەنە يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇرلارغا خىتاپ قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئاسارەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ھۆرلۈككە ئېرىشكەن ھالدا، ساق - سالامەت قايتىپ بېرىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. مۇراد ئايدىن ئەپەندى سۆزىدە يەنە شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ قىلىپ كېلىۋاتقان خىزمەت - پائالىيەتلىرى ئۈچۈن چىن كۆڭلىدىن تەبرىكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئاخىرىدا ئۆزى ئېلىپ كەلگەن بىر يۈرۈش كىيىم قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى يەسلى سىنىپنىڭ پۈتكۈل ئوقۇغۇچىلىرىغا ھەدىيە قىلىپ تارقاتتى.

باشتىن ئاخىر قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە داۋام قىلغان بۇ مۇكاپاتلاش مۇراسىمى كەچ سائەت 21:00 دە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.