بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتى ۋە كوفى ئاننان

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا تايلاندنىڭ سابىق باش مىنىستىرى بېنياراچۇن پەيشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرىتارى كوفى ئاننانغا "تېخىمۇ بىخەتەر دۇنيا: بىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتىمىز" دېگەن تېمىدا 95 بەتلىك ئىسلاھات دوكلاتىنى سۇندى.

كۆزەتكۈچىلەر بۇ دوكلاتنىڭ ب د ت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۈرەكلىك بىلەن تۈزۈلگەن بىر پارچە ئىسلاھات لايىھىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. ئىسلاھاتچىلار گۇرۇپپىسى تۈزگەن 101 تۈرلۈك ئىسلاھات تەكلىپى يەنە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنى كېڭەيتىش لايىھىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كوفى ئاننان ھەققىدە سوئاللار سورالدى

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېنياراچۇن ۋە نورۋىگىيىنىڭ سابىق باش مىنىستىرى گروبلۇتران سىرتقا مەزكۇر دوكلاتنى رەسمىي جاكارلاپ، مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سۇئاللىرىغا جاۋاپ بەردى. ئەمما خەلقئارا جەمئىيەت نۆۋەتتە نېفىتكە ئاشلىق تېگىشىش پروگراممىسىدا بايقالغان سەتچىلىككە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگەچكە، مۇخبىرلار ئاساسلىقى ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئانناننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش ياكى بەرمەسلىك مەسىلىسىگە ئائىت سۇئاللارنى سوراشتى.

ب د ت ئىسلاھاتچىلار گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى بېنياراچۇن ئۆزىنىڭ كوفى ئاننانغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ، "بىز يەنىلا ئانناننىڭ ئادىل كىشى ئىكەنلىكىكە ئىشىنىمىز. مېنىڭچە ب د ت ھازىر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ھالقىلىق پەيتتە تۇرىدۇ. شۇڭا بىز ئۇنىڭ ئىسلاھات مۇساپىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، بىز سۇنغان تەكلىپ لايىھىنى ئەمەلىيلەشتۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز" دېدى.

ئوخشىمىغان ئىنكاس

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى نورم كولمېن چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋولسىچىت 8ئورنىلىدا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئانناننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ تىزدىنلا خەلقئارا جەمئىيىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان ئىدى. ئارقىدىنلا رۇسىيە، خىتاي، ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر كوفى ئانناننى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ ب د ت باش سېكرىتارلىقىغا لايىق كىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خىتاينىڭ مەيدانى

خىتاينىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى ۋاڭ گۇئاڭيا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئانناننى ياخشى خىزمەت قىلىۋاتىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭغا قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ ئادىل ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئانناننىڭ كېلەركى ئىككى يىلدا قىلىشقا تېگىشلىك يەنە مۇھىم ۋەزىپىلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش پەيشەنبە كۈنى ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئانناننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىش مەسىلىسىگە تۇتقان مەيدانىنى ئېنىق ئىپادىلىمىسىمۇ، لېكىن نېفىتكە ئاشلىق تېگىشىش پروگراممىسى ئۈستىدىن ئوچۇق ۋە ئادىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. كولمەن تارماق تەكشۈرۈش كومىتىتى ئىككى ھەپتە ئاۋال، ب د ت نىڭ نېفىتكە ئاشلىق تېگىشىش پروگراممىسى ئۈستىدە ئېلىپ بارغان تەكشۈرىشىگە ئاساسەن، ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىننىڭ، نېفىتكە ئاشلىق تېگىشىش پروگراممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ب د ت نىڭ ئىراققا بېرىلگەن ئىقتىسادىي جازالىرىغا خىلاپ ھالدا قانۇنسىز 21 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى توپلىغانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. شۇنداقلا بۇنىڭ بىلەن بىرگە، كوفى ئانناننىڭ ئوغلى كوجو ئانناننىڭ نېفىتكە ئاشلىق تېگىشىش پروگراممىسىغا مۇناسىۋەتلىك شىۋىتسارىيىدىكى بىر شىركەتتىن 125 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل ئالغانلىقىمۇ مەلۇم بولدى.

كوفى ئانناننىڭ ئىپادىسى

كوفى ئاننان دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنى چاقىرىپ، ئوغلىنىڭ بۇنداق قىلغىنىدىن ئۆزىنىڭ تولىمۇ "ھەيران قالغانلىقى ۋە ئەپسۇسلانغانلىقى" نى بىلدۈردى. كوفى ئانناننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى نورم كولمەن نېفىتقا ئاشلىق تېگىشىش پروگراممىسىدىكى بۇ سەتچىلىكنىڭ " ب د ت تارىخىدا كۆرۈلگەن كۆلىمى ئەڭ چوڭ ساختىپەزلىك ۋەقەسى" ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئەمما بۇ ئارىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدىكى 3 مىڭدىن ئوشۇق خىزمەتچى خادىم بىرلىكتە ئىمزا قويۇپ خەت سۇنۇپ، كوفى ئانناننى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.