ئاسىيا -تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
2004.11.19
ئاسىيا- تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك باشلىقلىرى يىغىنى پەيشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىش ئالدىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ باياناتتا مۇنداق دەپ تەكىتلەنگەن» يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئورتاق يوسۇندا ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىدىكى نۇقتىلىق دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، ھەر قايسى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا مەسئۇل رەھبەرلەر زامانىۋىلاشقان بىر سودا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە، ئەركىن سودا سېستىمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقسادىي گەۋدىسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تەكىتلەنگەن، بىرلەشمە باياناتتا يەنە، چىرىكلىكنىڭ ئاسىيا- تېنچ ئوكيان ئىقسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت ئىكەنلىكى، چىركلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش چىركلىككە زەربە بېرىشنىڭ رايوننىڭ ئىقسادىي تەرەققىياتى ۋە روناق تېپىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكى ئالاھىدە ئوتتۇرغا قويۇلغان.
يىغىندا يەنە، تېررورچىلىققا زەربە بېرىش ۋە ئىنسانىيەت دۇنياسىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەمدە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن چوقۇم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قانۇنىي، خەلقئارا قانۇن بولۇپمۇ كىشىلىك ھوقۇق قانۇنلىرىغا بويسۇنۇپ، ھەر خىل شەكىلدىكى تېررورچىلىق ھەرىكەتلىرىنى بىتچىت قىلىش، ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا تەۋە ھەر بىر ئىقتىسادىي قۇرۇلما تېررورلۇققا قارشى تەدبىر قوللىنىپ، سودا يولىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا ئاساس تىكلەش تەكىتلەنگەن.
يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى ئىقتىسادىي قۇرۇلما، سەھىيە بىخەتەرلىكىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، 2003 – ۋە 2004 - يىللىرى سارس ۋە قۇش زۇكىمى كېسىلىنىڭ پارتلىشى ئاسىيا - تېنچ ئوكيان رايونىدىكى خەلقىنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كەلگەنلىكى ئەسكەرتىپ، مۇشۇ خىل ۋابا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇ خىل كېسەللەرنىڭ خەلقىنىڭ ساغلاملىقىغا ۋە ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسۈتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق مەسىلىلەرمۇ ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى، يىغىننىڭ يەنە بىر مۇھىم نۇقتىسى بولۇپ، ھەر قايسى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ مىنىستىرلىرى يىغىندا يەنە ، نېفىت باھاسىنىڭ نۆۋەتتە ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ باشلىقلار يىغىنى ئاياقلاشقاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ سودا ۋەكىلى زولىك ئەپەندى سانتېياگودىكى مۇخبىرلار مەركىزىدە مۇخبىرلارغا مۇنداق دىگەن: "بۈگۈن مەن، بىر مۇھىم ئۇچۇرنى سىلەرگە يەتكۈزىمەن، ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىزچىل تۈردە ئۆز - ئارا ھەمكارلىق سۆھبەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ، چۈنكى بىز بۇ جەھەتتە مۇھىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردۇق، 2005 ۋە 2006 - يىللىرى مەزكۇر ھەمكارلىق سۆھبىتىنى تامامەن ئورۇنداپ بولالايمىز، بىراق بۇ تەرەققى قىلغان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە قولغاكېلىدۇ." (ئەقىدە)