ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ سۆھبەتلەشتى
2004.11.22
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش بىلەن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چىلىنىڭ پايتەختى سانتىئاگودا ئۆتكۈزۈلگەن، ئاسىيا - تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىدا ئۇچرۇشۇپ ئۆز - ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، مەزكۇر سۆھبەت چىلىنىڭ ۋاقتى سائەت 8 يېرىمدا رەسمىي باشلىنىپ، بىر يېرىم سائەت داۋاملاشقان. مەلۇم بولىشىچە، كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى تېنچلىق يولى بىر تەرەپ قىلىش ئىككى دۆلەت رەھبىرىنىڭ بىر يېرىم سائەتلىك سۆھبىتنىڭ ئاساسلىق تېمىسى ھىساپلىنىدىكەن.
خىتاي دۆلەت رەئىسى ئالدى بىلەن، پرېزىدېنت بۇشنىڭ بىر دۆلەت پرىنسىپى، ئۇچ خىل بىرلەشمە بايانات ۋە شۇنىڭدەك تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىق مەيدانىغا قارشى تۇرۇش ئىپادىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويغان.
پرېزىدېنت بۇش خۇ جىنتاۋ بىلەن بولغان سۆھبەت جەريانىدا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە توختالغان، ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، جورج بۇش كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىك مەسىلىسىنىڭ يەنىلا خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
بۇنىڭدىن سىرت بۇش يەنە، تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لامانى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قوشۇلغانلىقىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىككى دۆلەت رەھبىرى سۆھبەت جەريانىدا يەنە، تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاي خەلق پۇلىنىڭ ئالماشتۇرۇلۇش قىممىتى شۇنىڭدەك كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان.
بۇ قېتىمقى يىغىندا، پرېزىدېنت بۇش كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىدىكى پوزىتسىيىسىنى ئېنىق كۆرسەتكەن بولۇپ، ئۇ » يادرو قوراللىرى پىلانىنى قەتئىي بىكار قىلىشنى « جىددى يوسۇندا تەكىتلىگەن.
21 دۆلەتنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرى قاتناشقان بۇ قېتىمقى يىغىندا خەلقئارا سودا ۋە تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش قىلىش ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، يىغىنغا قاتناشقان ھەر قايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنى كورىيىگە قارىتا بېسىم ئىشلىتىشىنى ۋە كورىيىنىڭ 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىشىنى تەلەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. چۈنكى، كورىيە دائىرىلىرى 9 - ئايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان 4 - نۆۋەتلىك 6 تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقتىن، مەزكۇر سۆھبەت بىكار قىلىنغان ئىدى.
ئاسىيا تېنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالى دەرىجىلىك باشلىقلىرى يىغىنى ئاخىرلىشىش ئالدىدا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان ، باياناتتا، "يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ھەر قايسى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، ئورتاق يوسۇندا ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونىدىكى نۇقتىلىق دۆلەتلەر دۇچ كېلىۋاتقان رىقابەتكە تاقابىل تۇرۇشى كېرەك ھەر قايسى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىغا مەسئۇل رەھبەرلەر زامانىۋىلاشقان بىر سودا تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك" دىيىلگەن . (ئەقىدە)