ئىلىدا 100 مىڭ كىشى ھۆل يېغىن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى

0:00 / 0:00

ئىلى تەۋەلىكىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئىلى دەريا ۋادىلىرىنى ئاساس قىلىپ يۈز بەرگەن ھۆل يېغىن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە غۇلجا شەھىرى ۋە ئىلى ئوبلاستىنىڭ چاپچال، قورغاس، نىلقا، تېكەس قاتارلىق ناھىيىلىرى ئېغىرراق ئۇچرىغان بولۇپ، ئۆتكەن ھەپتىدىن باشلاپ ياققان قار ئارىلاش يامغۇر ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا ئىكەن.

ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋەر تورلىرىغا بەرگەن خەۋېرىگە قارىغاندا، ئىلى تەۋەلىكىدە 70 نەچچە سائەت ياققان قار -يامغۇردا ھازىرغا قەدەر100 مىڭ كىشى سۇ ئاپىتىدە قالغان بولۇپ، نۇرغۇن ئۆيلەردىن سۇ ئۆتۈپ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، ئۆيسىز قالغانلار 40 مىڭ كىشىگە يەتكەن.ھەمدە 109 قوتان ۋەيران بولۇپ 181 تۇياق مال چارۋا ئۆلگەن، تۆت مەكتەپتىكى يەتتە ئېغىز سىنىپ ئۆرۈلگەن، 40 نەچچە سىنىپتىن سۇ ئۆتۈپ كەتكەن.

ھەر ھالدا ھازىرغا قەدەر ئاپەتتە ئاممىنىڭ ئۆلۈم - يېتىم ياكى يارىدار بولغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بېرىلمىدى.

ئۈرۈمچى ئىستىمالچىلار گېزىتىنىڭ ئىلى تەۋەلىكىدىكى بۇ ئاپەت ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونلاردا 90٪ كە يېقىن ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرى لاي كېسەك ئۆيلەر بولۇپ، ئاساسەن ھەممىسىدە سۇ ئۆتكەن ھەمدە دەز كەتكەن ئەھۋاللار كۆرۈلۈپ خەتەرلىك ئۆيلەرگە ئايلانغان. ئاپەت ئېغىرراق بولغان ناھىيىلىلەردە، ئامما مەكتەپ ۋە باشقا ئىدارە بىنالىرىدا ئاپەت ئۆتۈپ كەتكۈچە ۋاقىتلىق پانالانماقتا ئىكەن.

بىز بۇ ھۆل - يېغىن ئاپىتىنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان زىيانلىرى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، ھۆل - يېغىن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە بىر قەدەر ئېغىر ئۇچىرىغان نىلقا ناھىيىسىگە تېلىفون قىلغىنىمىزدا بىر ئايال زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ۋە سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.

بىز يەنە ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىدىن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ قانداق ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى سوراش ئۈچۈن تېلىفون قىلغىنىمىزدا، ئەجەپلىنەرلىكى ئۇلار، ئىلىدا ئاپەت يۈز بەرمىدى، ھاۋا بەك ياخشىغۇ دەپ جاۋاپ بەردى.

نۆۋەتتە ئاپەت بولغان ئىلى تەۋەلىكىدىكى ناھىيە، يېزىلاردا ھاۋا تېمپراتورىسىمۇ تېز تۆۋەنلەپ، ئاپەتكە ئۇچىرىغانلار سانى بارغانچە كۆپىيىپ،ئۇلار تۇرالغۇئۆي ۋە يامغۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرى ھەمدە باشقا ئەپەتتىن قۇتقۇزۇش بويۇملىرىغا جىددى ئېھتىياجلىق بولۇپ تۇرماقتا ئىكەن. (گۈلچېھرە)