قار- يامغۇر ئاپىتى خوتەن دېھقانلىرىغا زور قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلدى
2005.04.13
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن ۋىلايىتىدە 6-ئاپرىلدىن 9-ئاپرىلغىچە ياغقان قار-يامغۇر ، مەزكۇر رايوندىكى دېھقانلارغا 20 مىليون يۈئەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي زىيان ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، كېرىيە ناھىيىسىدىلا 330 مىڭ مو يەردىكى كېۋەز، مىڭ مو يەردىكى بۇغداي ۋەيران بولغان. 13 مىڭ مو يەردىكى مىۋىلىك دەرەخلەر زىيانغا ئۇچرىغان. بۇنىڭدىن سىرت، 1639 ئېغىز ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، 3074 ئائىلىلىكنىڭ ئۆيى خەتەرلىك ئۆيگە ئايلانغان. 11 مىڭ توياقتەك مال- چارۋا ئۆلگەن. بىۋاستە ئىقتىسادىي زىيان 10 مىليون يۈئەندىن ئاشقان.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى مۇخبىرىمىز ئارزۇنىڭ ئاپەت رايونىدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرى ئارقىلىق تەييارلىغان تەپسىلىي خەۋىرىدىن ئاڭلاڭ
©
2005 Radio Free Asia