0:00 / 0:00
15-فېۋرال ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدە يەر تەۋرەپ بۈگۈڭىچە ئىككى ئاي بولدى. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلاردىكى خەلققە ياردەم بېرىدىغانلىقى ۋە ياردەم ئۈچۈن خېلى كۆپ مىقداردا ئىئانە توپلانغانلىقى ھەققىدە ئېيتقان ئېدى.
ئىككى ئايدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچراپ چېدىرلاردا يېتىۋاتقان خەلقلەرنىڭ ھەممىسى ئۆيلەرگە كىرەلىدىمۇ؟ ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرى تولۇق ھەل بولدىمۇ؟
ئۆز مۇخبىرىمىز پەرىدە، ئاپەت تەسىرىگە ئۇچرىغان خەلقلەرنىڭ قانداق تۇرىۋاتقانلىقى، ئۇلارنىڭ قىيىنچىلىقلىرىنىڭ ھەل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ئۈچتۇرپان ناھىيىسىدىكى ھەر قايسى يېزىلارغا شۇنداقلا دېھقانلارغا تېلېفون ئېچىپ ئەھۋال ئىگىلىدى.