0:00 / 0:00
8 - ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا قاتتىق يامغۇر يىغىش داۋامىدا، بىر قىسىم رايونلار قاتتىق يامغۇر زەربىسىگە ۋە ھەتتا كەلكۈن ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن بولۇپ، 10 - ئاۋغۇست كۈنىگە قەدەر، كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ئۆلگەن ئادەم سانى 7 گە، ئاپەتتە زىيانغا ئۇچرىغان ئادەم سانى 230 مىڭغا يەتكەن.
بۇ ھەقتە تەپسىلى مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن، مۇخبىرىمىز ئەقىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم جايلارغا تېلېفون ئۇرۇپ ئەھۋال ئىگىلىدى.