0:00 / 0:00
يېقىندىن بۇيان ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا ۋە تېلېۋىزور قاناللىرىدا خىتاينىڭ سۈپەتسىز ئەرزان ماللىرىنى ياۋروپادا تۆكمە قىلىپ سېتىشى ھەمدە ساياھەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتىپ كەتمەي سىياسىي پاناھلىق تىلىشى نەتىجىسىدە ياۋروپاغا ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى.
بۇ پروگراممىمىزدا، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەكرەمنىڭ ياۋروپا مەتبۇئاتلىرىدا چىقىۋاتقان بۇ خىل مۇلاھىزىلەر ۋە بۇ ھەقتە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىزگىل ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلايسىلەر.