ئۇچ تۇرپان ناھىيىسى ياركۆۋرۈك يېزىسىدىكى ئاپەتتە كۆپلىگەن دېھقانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىدى
2007.08.22
ئۇچتۇرپان ناھىيىسى ياركۆۋرۈك يېزىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 288 دېھقان ئاپەتكە ئۇچراپ، 100 دىن ئارتۇق ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا بۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىقتىسادىي زىياننىڭ قىممىتى 5 مىليونغا يەتكەن. يا كۆۋرۈك يېزىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ نامرات يېزىلاردىن بىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ. گەرچە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىلگىرى بۇ جايدىكى بارلىق دېھقانلارغا ئاپەتكە چىداملىق ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ ، بۇ زېمىندىكى دېھقانلار يەنىلا ئاپەت قۇربانىغا ئايلانماقتا .
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن ئاپەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان تارتتى
ئىككى كۈن ئىلگىرى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ مەلۇمات بېرىشىچە، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە 288 دېھقان ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆي - ماكان، تېرىلغۇ - يەر ۋە چارۋا - ماللىرىدىن ئايرىلىپ، تېخىمۇ ئېغىر نامراتلىققا دۇچ كەلدى. بولۇپمۇ يا كۆۋرۈك يېزىسى 3 - كەنتىنىڭ ئاھالىسى ئاپەتكە ئەڭ ئېغىر ئۇچرىغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەتتىن مەيدانغا كەلگەن ئىقتىسادىي زىياننىڭ قىممىتى 5 مىليون يۈەنگە يېتىدىكەن.
بىراق، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر، ئۈچ تۇرپان ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن زىيان قىممىتىنىڭ بۇنىڭدىن ئېغىر ئىكەنلىكىنى قىياس قىلىشماقتا.
گەرچە بىز ئۇچتۇرپان ناھىيىسى يا كۆۋرۈك يېزىسى 3 - كەنتىدىكى دېھقانلاردىن بىۋاستە ئەھۋال ئىگىلەش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان بولساقمۇ، كەلكۈن ئاپىتىدىن مەيدانغا كەلگەن تېلېفون سىملىرىدىكى ئۆزگىرىش سەۋەبلىك مەزكۇر كەنت ئاھالىسى بىلەن ئالاقە باغلىيالمىدۇق.
شۇڭا ئەتراپتىكى قوشنا يېزا ئاھالىلىرىدىن ، ئاپەت ھەققىدە ئازراق مەلۇمات ئىگىلىدۇق. قوشنا يېزىلاردىكى دېھقانلار، ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتتە ئۆي ماكانىدىن ئايرىلغان دېھقانلارغا چېدىر ئۆي تارقىتىپ بەرگەنلىكىنى، بىراق يەنە ئۆرۈلۈش ئېھتىماللىقى بار ئۆيلەرنىڭ ئىگىلىرى تەشۋىش ئىچىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بىر قانچە يىللار ئىلگىرى، ئۇچ تۇرپان ناھىيىسى تەۋەسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىدە بۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ چوقۇم يەر تەۋرەشكە ئوخشاش ئاپەتلەرگە چىداملىق ئۆيلەرگە كۆچۈرىلىدىغانلىقىنى ۋەدە قىلغان ئىدى. بىز دېھقانلاردىن ھۆكۈمەتنىڭ مەزكۈر ۋەدىسىنىڭ ئەمىللىشىش ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، كىملىكى ئېنىق بولمىغان بۇ كىشى بىزگە مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى.
ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ يەر ئاستى بايلىقى خەلقنىڭ ئاپەتتىن قۇتۇلىشىغا ياردەم كۆرسىتەلمىگەن
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئاپەتكە ئۇچرىغان رايون خەلقىنى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش يالغۇز ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەرىپىدىنلا ئېلىپ بېرىلماستىن، بەلكى ئاپەتكە ئۇچرىمىغان قوشنا يېزا دېھقانلىرى ھاشار ئەمگىكى ئۇسۇلى بويىچە ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرىغا سېلىنغان .
يەر ئاستى ۋە ئۈستى بايلىقلىرىنىڭ موللۇقى ۋە يېرىنىڭ مۇنبەتلىكى بىلەن تارىختىن بۇيان گۈزەل، باي زېمىن دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇچتۇرپان ناھىيىسىگە ، خىتاي " غەربتىكى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان مەرۋايىت " دېگەن نامنى بەرگەن.
مەزكۇر ناھىيە يەنە دۆلەتنىڭ ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق بازىسى بولۇشتىن سىرت، نۆۋەتتە، بۇ ناھىيىدىن ئالتۇن قاتارلىق 16 خىل مەدەن بايلىقلىرىنىڭ 59 كانى بايقالغان.
بىراق، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى، بۇ بايلىقلارغا ئىگە ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ ئاھالىسى ئاپەتلەرگە بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ئەمەس ، بەلكى بۇ ناھىيە خىتاي بويىچە، دۆلەت دەرىجىلىك قۇتقۇزىلىدىغان نۇقتىلىق نامرات ناھىيىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن . شۇڭا بۇ مەسىلە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مۇنازىرە پەيدا قىلماقتا.(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئۇيغۇر ئېلىدە كەلكۈن ئاپىتى داۋاملاشماقتا
- يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆيلەر قۇرۇلۇشىدا مەسىلە كۆپ
- ئۇلۇغچاتتا يەر تەۋرىدى
- ئىلى دەريا ۋادىسىدا كەلكۈن ئاپىتى ئېغىرلاشماقتا
- جياڭشىدا قاتتىق يەر تەۋرىدى
- "رىتا" چاپقۇنى سالغان زىيان مۆلچەرلىگەندىن تۆۋەن بولدى
- مېكسىكا قولتۇقىغا "كاترىنا" چاپقۇنىدىن كېيىن "رىتا" كېلىۋاتىدۇ
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزلىرى ئېيتقاندەك تەبىئىي ئەپەتلەردىكى ئۆلۈم – يېتىم سانىنى ئېلان قىلامدۇ؟
- ئۇيغۇر ئېلىدە 230 مىڭ ئادەم كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى
- تۇرپان تەۋەسىدىكى خەلق كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىدى
- قورغاس ناھىيىسى قاتتىق كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىدى
- ئۇيغۇر دېھقانلىرى مەجبۇرى ئۆرۈك تېرىپ زىيان تارتقانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا