مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى قەغەز يۈزىدىكى "پەدەز"


2005-04-14
Share

CHINA_XINJIANG_EDUCATION_46.jpg
كورلىدىكى مەلۇم مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار خىتايچە دەرس ئالماقتا. AFP

خىتاي ھۆكۈمىتى 100 مىليون پۇقرانىڭ چېگرا رايونلاردىكى بەش مىللىي ئاپتونوم رايوندا ياشايدىغانلىقىنى ئېلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي نوپۇسىنىڭ ٪ 9 گە يەتمەيدىغان يۇقىرىقى رايونلاردىكى مىللەتلەر، خىتاي تېررىتورىيىسىنىڭ ٪ 60 زېمىنىدا ياشايدۇ.

ئامېرىكىدىكى خىتاينىڭ مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنى شۇنداقلا خىتايدىكى ئېتنىك مەسىلىلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسسىسلەر، ئالدىنقى كۈنى دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي ئىشلار كومىتېتىدىكى ئىسپات بېرىش يىغىنىدا، ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ھوقۇقى قەغەز يۈزىدە قالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ مەقسىدى مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئەمەس، خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغداش

گەرچە خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسىدا پۇقرالارنىڭ سۆز قىلىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بار، دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئامما نۇرغۇن كىشىلەر سۆزلىگەنلىكى، يازغانلىقى، نامايىش قىلغانلىقى ياكى تىنچ يوللار بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان. پاكىتلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، بۇ چەكلىمىلەر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلمەكتە.

خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 4 - ماددىسىدا خىتايدىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ تەڭ - باراۋەرلىكى شۇنداقلا مىللەتلەرنىڭ قانۇنى ھوقۇقى، مەنپەئەتى، باراۋەرلىكى ۋە ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش قانۇننىڭ كاپالىتىگە ئىگە، دەپ جاكارلىغان. خىتاينىڭ ھازىرقى ئاپتونومىيە قانۇنى بويىچە ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز رايونىدا ئاپتونومىيە قۇرۇش شۇنداقلا يەرلىك دەرىجىلىك ئاپتونوم ئورگانلارنى تەسىس قىلىش ھوقۇقى بار. ئامما مۇتەخەسسىسلەر، ئاپتونومىيە قانۇنى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۈزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئەمەس، بەلكى دۆلەت مەنپەئەتى ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداشنى چىقىش قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

قانۇننىڭ "ئىچكى ئىشلار" ماددىسىنى چۈشەندۈرۈشتىكى ئىختىلاپلار

مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدا خىتاي بولمىغان مىللەتلەر " ئىچكى ئىشلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىدۇ،" دېيىلگەن. يىغىندا، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گاردنېر بوۋىڭدون، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسى تالاش - تارتىشلارنىڭ مەركىزىدە ، " ئىچكى ئىشلار" دېگەن بۇ ئاتالغۇغا قانداق تەدبىر بېرىش مەسىلىسى ياتقانلىقىنى بىلدۈردى. قانۇنىنىڭ كونكرېت ماددىلىرىدا ھەر بىر مىللەتنىڭ سايلاش ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن بوۋىڭدون، قانۇندا ئۇلارنىڭ باشقىلار بىلەن تەڭ- باراۋەت مۇئامىلە ئۇچرايدىغانلىقىنى، ئانا تىلىنى ئىشلىتىش شۇنداقلا مىللىي مەدەنىيىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى بەلگىلىگەن، دەپ كۆرسەتتى.

ئاپتونوم ھوقۇقىغا ئىگە مىللەتلەرنىڭ "ئىچكى ئىشلىرى" مۇداخىلىگە ئۇچرىماقتىكەن

بوۋىڭدۇن مۇنداق دەيدۇ: " ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ھەر بىر مەسىلىدە ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگانلارنىڭ تەستىقىنى ئېلىشكە توغرا كېلىدۇ." ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆچمەنلەرنى چەكلەش، سۇ ۋە تەبىئىي بايلىقلار، يەر - زېمىنلارنى ئېچىش ، تىل ۋە مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، دىنىي ئىبادەت قاتارلىق " ئىچكى ئىشلىرىمىز" بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇداخىلىگە ئۇچرىدى، دەپ قاراريدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. بوۋىڭدۇن مۇنداق دەيدۇ :

"گەرچە خىتاي ئاساسى قانۇنىنىڭ 35 - ماددىسىدا پۇقرالارنىڭ سۆز قىلىش، يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكى بار، دەپ كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، ئامما نۇرغۇن كىشىلەر سۆزلىگەنلىكى، يازغانلىقى، نامايىش قىلغانلىقى ياكى تىنچ يوللار بىلەن يىغىلىش ئۆتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن جازالانغان. پاكىتلار شۇنى كۆرسەتمەكتىكى، بۇ چەكلىمىلەر ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەرگە تېخىمۇ قاتتىق يۈرگۈزۈلمەكتە."

بوۋىڭدون: ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ھوقۇقلار كاپالەتكە ئىگە ئەمەس

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2000 - يىلدىن كېيىن باستۇرۇش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى تەكىتلىگەن بوۋىڭدۇن، خىتايلارنىڭ كىتاب كۆيدۈرۈش ۋە شىنجاڭدىكى قوراللىق قىسىملارنىڭ سانىنى كۆپەيتىش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى چۆچۈتىشكە ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چوڭ شەھەرلەردە قەد كۆتەرگەن ئىگىز بىنالار يەرلىكلەرنى مەنپەئەتدار قىلالمىدى، دەپ كۆرسەتتى.

بوۋىڭدۇننىڭ تەكىتلىشىچە، خىتايدا ئېتنىك مىللەتلەرنىڭ ھوقۇقى قەغەز يۈزىدە پەدەزلەنگەن بولسىمۇ، ئامما بۇ ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان نازارەت مىخانىزىمى يوق ئىكەن. ئۇ، مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدا ئېتنىك مىللەتلەرگە بېرىلگەن ھوقۇقلار رەت قىلىنسا قانداق قىلىش ياكى مىللىي ھوقۇقنى قوغداش يولىدا قايسى ئورگانغا ئەرز قىلىش توغرىسىدا كونكېرت بەلگىلىمىلەر يوقلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي " ش ئۇ ئا ر" دىكى سىياسىتى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان

بۇ قېتىمقى يىغىن، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكى كەڭ كۆلەمدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئېلان قىلىنغان مەزگىلدە چاقىرىلدى.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزۈتۈش تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىسلامنى ئۇيغۇر مىللىي كىملىكىنىڭ ئاساسى، دەپ قاراپ، ئۇيغۇرلاردىكى دىنىي ئىبادەت ۋە دىندارلارغا كەڭ كۆلەمدە زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن. دۆلەت مەجلىسى بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى خىتاي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئالدىنقى كۈنكى يىغىنىدا، ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ياردەمچى پرۇفىسسورى كرىستوفىر ئەتۋۇد ئىچكى موڭغولىيە ۋەزىيىتى، خارۋارد ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ ئالدى ئېلىش مەركىزىدىكى دەيۋىد فىلىپ، تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە دوكلات بەردى. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت