
ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. يېقىندىن بۇيان پەرغانە ئاگېنتلىقى ئۇيغۇرلار ھەققىدە خېلى كۆپ ماقالە-ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپچىلىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ۋەزىيىتىنىڭ ناچارلىشىۋاتقانلىقى شۇنىڭدەك يەنە كانادا پۇقراسى ھۈسەيىنجان جېلىلنىڭ ئۆزبېكىستان دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىگە ئائىت ئۇچۇرلار ۋە باشقىلاردىن ئىبارەت.
يېقىندا پەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ ئىنتېرنەت تورىدا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغان گىلزى بانۇ ئىسىملىك بىر ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىزچىسىنىڭ "ئۇيغۇرلار خىتايدا قانداق ئاپتونومىيىدە ياشاۋاتىدۇ؟ " ناملىق ئۇزۇن بىر پارچە ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزبېك قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرى بىلەن تۇغقان ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە يەنە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە كۆرگەن بىلگەنلىرى ۋە ھەس قىلغانلىقىنى تەپسىلى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى پەرقلەر
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەم دوستلۇقى شۇنىڭدەك خەلقئارا جەمئىيەتنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان پەرغانە ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، ئانالىزچى گىلزى بانۇنىڭ "ئۇيغۇرلار خىتايدا قانداق ئاپتونومىيىدە ياشاۋاتىدۇ؟" ناملىق ماقالىسىنىڭ ئىككىنچى قىسىمى ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيە ۋە باشقا جەھەتلەردىكى پەرقلىرى مەسىلىسىگىمۇ بېغىشلانغان بولۇپ، ئاپتورنىڭ يەكۈنىچە، گەرچە بۇ رايوندا مول يەر ئاستى بايلىقلىرى بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلار كەمبەغەلچىلىكتە ياشايدۇ. بايلىقلارنىڭ زور كۆپ قىسىمى خىتاينىڭ شەرقىي رايونلىرىغا كەمبەغەلچىلىك ۋە ئىشسىزلىقنى يوقىتىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئەمەس بەلكى، ھەربىي تەرەققىياتقا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلىدۇ".
ئاپتور ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر پەرقلىق تەرىپى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛ دۆلەت ھاكىمىيىتىدىكى كۆپلىگەن ئاچقۇچلۇق ئورۇنلارنى خىتايلار ئىگىلىگەن بولۇپ، ھۆكۈمەت تۈزۈلمىلىرىدە ئىشلەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەگەر مەسچىتكە بارسا ئىشتىن ھەيدىلىشى ھەققىدە نارەسمىي شەكىلدە ئاگاھلاندۇرۇشلار بېرىلگەن. خىتاينىڭ ئىچكىرى شەھەرلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلار مەسىلەن، بېيجىڭ ئۇنىۋەرسىتېتى، تيەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىقلاردا ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى ئازدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە سىياسىي چۈشەنچىلەر تۈپەيلىدىن كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار بالىلىرىنى خىتايچە مەكتەپلەرگە بەرمەكتە.
ئاپتورنىڭ بايان قىلىشىچە، كۆپلىگەن ئوتتۇرا ياشلاردىكى ئۇيغۇرلار كەمبەغەلچىلىك تۈپەيلىدىن، سودا-سېتىق قاتارلىق ئاددىي تۇرمۇش ئىشلىرىنى بىلەن بولۇپ كېتىپ، بۇ دۆلەتتە ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا بولۇۋاتقان كۆپلىگەن ئىشلار ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچىگە ئىگە بولماي قالغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى كۈچلۈك
ئاپتور گىلزۇ بانۇ ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسمىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان سىياسىي ۋەزىيەتكە بېغىشلىغان بولۇپ، ئۇ، 90-يىلاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى، ئىلگىرى كېيىن قەشقەر، خوتەن ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ھەم پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتكەن.
ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرىكىتىنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە توختىلىپ،" خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىگە خاتا ھالدا ئىسلام دىنى نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ، تېررورىزم، ئىسلام رادىكال گۇرۇپپىلىرى بىلەن كۈرەش قىلىش باھانىسى بىلەن پۈتۈن خەلقنى ئەزمەكتە، ئەمما، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىلىرىنى تەشۋىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئىمكانىيىتى يوق، مەسىلەن، ئۇچۇر چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن تىجارەتتە نەتىجە قازانغان، سىياسىيون ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقى ھەم ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان رابىيە قادىرنىڭ 2006-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ نامزىتى بولغانلىقىنى ئاز ئادەم بىلگەن ھەتتا بىلگەنلەرمۇ بۇ ھەقتە ئاغزىنى ئېتىپ يۈرگەن. لېكىن، بۇنىڭ ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي تەسىر ئاجىز بولغان بىر جەمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئاممىۋى تەشۋىقاتلارنى يېتەرلىك دەرىجىدە ياخشى ئېلىپ بارماقتا." دەپ يازىدۇ.
ئاپتورنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇشىچە. ئۇيغۇر رايونىدىكى شەھەرلەردە بىر قارىماققا مۇسۇلمانلارنىڭ ھوقۇقى دەخلى-تەرۈزگە ئۇچرىمىغاندەك كۆرۈنىدۇ، ھەتتا كىچىك شەھەرلەردىكى مەسچىتلەرنىڭ ئىشىكلىرى ئوچۇق بولۇپ، كىشىلەرنىڭ كەچلىك ناماز ئوقۇشقا كىرىۋاتقانلىقىنى كۆرۈش مۇمكىن، لېكىن، ئىش باشقىچە بولۇپ، ئەمەلىيەتتە مەسچىتلەر كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغان. ئىماملار پەقەت ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەيىنلىنىدۇ.
ئاپتور يەنە ئۈرۈمچى 30-يىللاردا شىنجاڭغا كەلگەن رۇسلار تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان خرىستىيان دىنىنىڭ پراۋىسلاپ مەزھىپىنىڭ چېركوۋىنىڭ بارلىقى، بۇنىڭغا بىر قىسىم خىتايلارنىڭ يوشۇرۇن كىرىدىغانلىقى، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن دىن تارقاتقۇچىلارنىڭ خرىستىيان دىنىنى يوشۇرۇن ھالدا تارقىتىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ پائالىيىتىنىڭمۇ چەكلىمىگە ئۇچرايدىگانلىقىنى كۆرسىتىپ ئۆتىدۇ.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئاشكارا ئىپادىلىشى قىيىن
ئوتتۇرا ئاسىيا ئانالىزچىسى گىلزى بانۇ يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى كۆپلىگەن مەۋھۇم تەرەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە يەنە "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئىقتىسادىي سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش، سانائەت ۋە تاشقى ئېكىسپورتنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم چەتئەل مەبلەغلىرىنى جەلپ قىلىشقىمۇ كۈچ چىقارغانلىقىنى، مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇشىدا كېيىنكى ئون نەچچە يىللار ئىچىدە ياخشىلىنىش بولغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقىنى" ئەسكەرتىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىدە ئۆسۈش بولغانلىقىدىن ئىبارەت پاكىتنى نەزەرگە ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قاتتىق كونتروللۇق ئورناتقانلىقىنى، ھېچ كىمنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلىش ۋە ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ماقالىسىنىڭ ئاخىرقى قىسىمىنى " تاملاردا قۇلاق بار" دەپ ئاتىغان.
"ئومۇمەن، ھەر قانداق بىر ئۇچۇرغا ئىگە بولۇش تولىمۇ قىيىن، چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرلارنىڭ چىقىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن بارلىق كېرەكلىك چارىلەرنى قوللانغان. كىشىلەر خىتايدا ئادەتتە تاملاردىمۇ قۇلاق بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىدۇ، چەتئەللىكلەر ئەگەردە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە بىرەر ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسا، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇشقا ئۇچرايدۇ. كىشىلەر ئۆزارا شەخسىي پاراڭلىرىدا كوممۇنىستلارنىڭ سىستېمىلىرىنى تەنقىد قىلالمىسىمۇ، لېكىن ئاشكارا ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى قوللىشى ۋە ياكى ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، ھەتتا بىر ئائىلىدە دائىرىسىدىمۇ مۇنداق قىلىشى مۇمكىن ئەمەس بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن قولغا ئېلىنىش تەھدىدى مەۋجۇت" دەپ بايان قىلىدۇ گىلزى بانۇ.
ئاپتور ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تاشقى دۇنيادىكى ئۇچۇرلارنى خەۋەر تېپىشىنى چەكلەش ئۈچۈن ب ب س، ۋكىپېدىيا، ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىقلارنىڭ ئىنتېرنەت تورلىرىنى ھەتتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تور بەتلىرىنى توسۇۋەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.
شۇ نۇقتىنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش مۇمكىنكى، ئالدىنقى بىر قانچە يىللار ئىچىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئاستىدىكى ۋە ئايرىم ھەمكارلىقلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەرىكەتلىرىگە تېررورىزم قالپىقى كىيدۈرۈلۈپ، بىرلەشمە زەربە بېرىش ئېھتىياجى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي، ئىنسان ھوقۇقى ھەرىكەتلىرىگە سەلبىي باھا بېرىدىغان ۋە پاكىتنى بۇرمىلايدىغان ماقالىلار ئوتتۇرا ئاسىيا مەتبۇئاتلىرىدا كۆپىيىپ قالغان ئىدى. بىراق، يېقىندىن بۇيان مۇنداق ئەھۋاللار ئازىيىشقا، ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىش مەزمۇنىدىكى ئۇچۇر ۋە ماقالىلار كۆپىيىشكە قاراپ يۈزلەنگەن. قازاقىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېشىشى جۈملىدىن خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەشكە قاراپ يۈزلىنىشى بىلەن قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا "خىتايدىن ھۇشيار بولۇش، خىتاينى تەھدىد دەپ قاراش" ھەققىدىكى ئىنكاسلار كۆرۈلۈشكە باشلىغان. بۇ ھەقتە يېقىندا قازاقىستاندىكى " جۇمھۇرىيەت " گېزىتىدە بىر قىسىم ئىنكاس ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)