ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان "دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى" غا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاينىڭ قوراللىق قىسىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى دىققەت بىلەن كۈزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ يادروسى
خىتاينىڭ "2004 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى" دا، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى چەكلەش بۇنىڭدىن كېيىنكى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىنىڭ يادروسى، دەپ كۆرسىتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنىڭ بۆلۈنۈش ھەرىكىتى تەيۋەن بوغىزى ئىككى قىرغىقىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋەتتى، دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ، تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى چەكلەش يولىدا ھەر قانداق بەدەلگە تەۋەككۈل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەمدە خىتايغا كېلىدىغان خەلقئارا تەھدىتكە قارشى قوراللىق قىسىملارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تەكىتلەپ، ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكىنى ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىغا يان بېسىش، تەيۋەنگە قورال - ياراق سېتىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن.
ئامېرىكا: بىز يېقىندىن كۆزىتىۋاتىمىز
"خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى" غا دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكا تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى قاتتىق قول مەيدانى، ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش سىياسىتى شۇنداقلا "بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" چىقىرىش تەييارلىقىنىڭ، تەيۋەن بوغىزى ۋە شەرقىي ئاسىيا ۋەزىيىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەققىدىكى سۇئاللارغا جاۋاب بەردى.
ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى ۋەزىيەتنى دىققەت بىلەن كۈزۈتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن كولىن پوۋېل، ئامېرىكا خىتاينىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدىن ھەيران قالمايدۇ ياكى ئەندىشىگە چۈشۈپ قالمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى. كولىن پوۋېلل مۇنداق دەيدۇ : "مەن خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ زامانىۋىلىشىش باسقۇچىدا كېتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. بىز بۇ ھادىسىلەرنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز شۇنداقلا خىتاي تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن، مېنىڭچە بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى بەكمۇ جىددى ۋە ئەندىشە يارىتىدىغان ئەھۋال دەپ قارىمايمىز.
كولىن پوۋېل، تەرەپلەرنى تەيۋەن بوغىزىدا مۇقىملىقنى ساقلاشقا چاقىردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : "كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بىلىدۇ، ھازىر تەيۋەن بوغىزىدىكى ۋەزىيەتنى جىددىلەشتۈرۈش پەيتى ئەمەس. بىز بۇنىڭدىن كېيىنمۇ شۇنداق بۆلۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز."
ئامېرىكىنىڭ مەيدانى
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاق تاشلىق كىتاپتا ئامېرىكىنى تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىگە خاتا سىگنال بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئاق تاشلىق كىتابتا، ئامېرىكا بىر جوڭگو سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاي - ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ قوشما ئاخباراتنىڭ روھىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ ئامما، تەيۋەنگە سېتىپ بېرىدىغان قوراللارنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتىرىپ، تەيۋەن دائىرىلىرىگە خاتا سىگنال بەرمەكتە، بۇ تەيۋەن بوغىزى ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىسىز، دەپ كۆرسەتكەن.
دۈشەنبە كۈندىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا كولىن پوۋېلل، ئامېرىكىنىڭ بىر جوڭگو سىياسىتىنى يەنە تەكىتلىدى. ئۇ، ئامېرىكىنىڭ بىر جوڭگو سىياسىتى، خىتاي- ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۈچ قوشما ئاخبارات بىلەن ئامېرىكىنىڭ "تەيۋەن مۇناسىۋەت قانۇنى" دا ئۈستىگە ئالغان مەجبۇرىيىتى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئامېرىكا، تەيۋەن بوغىزىنىڭ ھازىرقى مەۋجۇت ھالىتىنى بىر تەرەپلىمىلىك ھالدا ئۆزگەرتىش يولىدىكى ھەر قانداق ئۇرۇنىشقا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. تەيۋەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ چىقىرىلىش ئالدىدىكى " بۆلۈنۈشكە قارشى تۇرۇش قانۇنى" ، بېيجىڭنىڭ تەيۋەن بوغىزىدىكى ھازىرقى مەۋجۇت ھالەتنى ئۆزگەرتىشكە قانۇنى ئاساس يارىتىش تىرىشچانلىقى، دەپ ئەيىپلىگەن. (ئەركىن)