خىتاي - قىرغىنچىلىق خاراكتېرلىك قوراللارنى قىسقارتىش ۋە كونترول قىلىش مەسىلىسى بويىچە ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00
bashqurulidighan-bomba.jpg

خىتاي دۆلەت كابىنتى پەيشەنبە كۈنى "جوڭگونىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش، قىسقارتىش ۋە ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدىكى ئاق تاشلىق كىتابى" نى ئېلان قىلىپ، خەلقئارا ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ۋە قىسقارتىش تىرىشچانلىقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يادرو قوراللارنى چەكلەش ۋە ئۈزۈل - كېسىل يوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلىش بىلەن بىرگە، ئامېرىكىنى تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ساتماسلىققا ئاگاھلاندۇردى.

خىتاينىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ئۆزىنى مۇداپىئە قىلىشكەن

ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، خىتايلار 1964 - يىلى تۇنجى قېتىملىق يادرو قوراللار سىنىقى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتكە يادرو قوراللارنى ئومۇمى يۈزلىك چەكلەش ۋە ئۈزۈل – كېسىل يوقىتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاق تاشلىق كىتاپتا خىتاي ھۆكۈمىتى 1964 -يىلدىن كېيىن يادرو قوراللارنى يوقۇتۇشنى تەشەببۇس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ نىمە ئۈچۈن 1996 - يىلغىچە 47 قېتىم يادرو سىناق ئېلىپ بارغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. ئەمما خىتاينىڭ يادرو قوراللارنى تەرەققىي قىلدۈرۈشدىكى مەقسىدى مۇداپىئە ئۈچۈن، دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي يادرو قوراللىرىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەيدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ھەربىي ھازىرلىقلارنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يەننىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا تەكىتلىشىچە، جوڭگو ھەرقانداق ۋاقىت ۋە ھەر قانداق ئەھۋالدا يادرو قوراللىرىنى ئالدى بىلەن ئىشلەتمەيدىكەن. جاڭ يەن، خىتاينىڭ شەرتسىز يادرو قوراللىرىغا ئىگە بولمىغان دۆلەتلەر ۋە رايونلاردا يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ۋە شۇنداقلا يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا تەھدىت سالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جاڭ يەن " جوڭگو يادرو قوراللار مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىرغىچە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش پوزىتسىيىسى تۇتۇپ كەلدى. يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۆلەتلەر ئىچىدە جوڭگو ئەڭ ئاز يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان دۆلەت. جوڭگو ئىلگىرىمۇ يادرو قوراللار مۇسابىقىسىغا قاتناشمىغان، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قاتناشمايدۇ" دېدى.

گېنىرال جۇ چىڭخۇ، يادرو قوراللارنى ئىشلىتىش بىلەن تەھدىت سالغان

يېقىندا خىتاي دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى گېنېرال مايور جۇ چىڭخۇنىڭ، ئەگەر ئامېرىكا تەيۋەن مەسىلىسىگە ئارلاشسا، جوڭگو ئۇنىڭغا يادرو قوراللار بىلەن زەربە بېرىشى كېرەك، دېگەن سۆزى ئامېرىكىدا زور غۇل - غۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دونالد رامسفېلد، جۇ چىڭخۇنىڭ سۆزى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ رەسمى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېگەن.

خىتاي تەيۋەننى باشقۇرۇلۇدىغان بومبا مۇداپىئە كۈنلىكى ئاستىغا ئېلىشقا قارشى

ئاق تاشلىق كىتابتا تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، تەيۋەن مەسىلىسى جوڭگونىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە چېتىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى. ئاق تاشلىق كىتابتا تەكىتلىنىشىچە، خىتاي ھەر قانداق دۆلەتنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇللار بىلەن تەيۋەنگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سېتىش ياكى ئۇنى باشقۇرۇلىدىغان بومبا مۇداپىئە قالقىنى بىلەن تەمىنلەشكە قارشى تۇرىدىكەن.

جاڭ يەن " بۇ ئەھۋال دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتكە، رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ شۇنداقلا بۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ بۇ جەھەتتە ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز،" دەيدۇ.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، جاڭ يەننىڭ سۆزىدىكى ئالاقىدار دۆلەتلەر ئامېرىكا بىلەن ياپونىيىنى كۆزدە تۇتىدىكەن. بۇ يىلنىڭ باشلىرى ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلغاندا ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە، تەيۋەن بوغۇزىنى ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك شەرتنامىسىنىڭ مۇداپىئە كۈنلىكى ئاستىغا ئالغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

جاڭ يەن خىتاينىڭ بىئولوگىيىلىك قوراللارغا ئىگىلىكىنى رەت قىلدى

جاڭ يەن، خىتاينىڭ بىئولوگىيىلىك قوراللارنى تەرەققى قىلدۇرۇش پروگراممىسى بارلىقىنى رەت قىلدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 50 - يىللاردىن قالغان بىئولوگىيىلىك قوراللار پروگراممىسىدىكى بەزى مەھسۇلاتلار ۋە ئەسلىھەلىرنىڭ ھازىرغىچە ساقلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. جاڭ يەن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىنى " ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، مەسئۇلىيەتسىزلەرچە ھەرىكەت،" دېدى. ئەمما سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 1980 - يىللارنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كورلا ئەتراپىدىكى بىر ھەربىي بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدىن مىنىڭگىر ۋىرۇسى چىقىپ كېتىپ، ئەتراپتىكى يەرلىك پۇقرالاردا مىنىڭگىت كېسىلىنىڭ تارقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

جاڭ يەن خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتىدىكى ئارتىشنى ئاقلىدى

جاڭ يەن، جوڭگونىڭ ھەربىي خام چوتنى جىددى كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاينىڭ يىللىق ھەربىي خام چوتى يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بېرى يىلىغا 10 ٪ تىن ئارتۇق سۈرئەت بىلەن كۆپەيمەكتە. خىتاينىڭ 2005 - يىلدىكى ھەربىي خام چوتى 29 مىليارد 900 مىليون دوللار بولۇپ، 2004 - يىلغا قارىغاندا 12 ٪ كۆپەيگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ دوكلاتىدا، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتى 70 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. خىتاينىڭ ھەربىي خام چوتنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش ھەرىكىتى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى تىل قىسىنچىلىقىنى ياراتماقتا. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكىتلىشىچە، بىر تەرەپتىن تىنچ تەرەققى قىلىشنى تەكىتلەش، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربىي خام چوتنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش، خىتاينىڭ سەمىمىلىكىگە گۇمان تۇغدۇرماقتىكەن. (ئەركىن)