
ئىلگىرىكى يىللارغا ئوخشاشلا باھار كېلىشى بىلەن نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ تۈركۈملەپ كېلىش باسقۇچى باشلاندى.
ھەر يىلى شۇنداق تاش يول، تۆمۈر يول قاتارلىق قاتناش ترانسپورتلىرىدىن پايدىلىنىپ خىتاينىڭ خېنەن، جاڭسۇ، شەنشى، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كۈنىگە نەچچە ئون، نەچچە يۈز مىڭلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى، ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپلا ھەر قايسى شەھەرلەردىن تارتىپ يېزىلارغىچە سىڭىپ كەتمەكتە.
قاتناش ۋاستىلىرى يېتىشمەي قالغان.
3 - ئاي كىرىشى بىلەن خىتاي ئاققۇنلىرى دولقۇنى نۆۋەتتە يۇقىرى باسقۇچقا چىققان بولۇپ، بۇ پەۋقۇلئاددە يولۇچىلاردىن ھاسىل بولغان بېسىمدىن، خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى ئۇيغۇر ئېلىغا ماڭىدىغان پويىز قېتىم سانى ۋە ۋاگوننىڭ كۆلىمىنى كېڭەيتكەن.
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ دۈشەنبە بۇ ھەقتە خەۋەر بېرىشىچە، يېقىندا خىتاي تۆمۈر يول مىنىستىرلىقى، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە كېلىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن جەمى 175 قېتىملىق پويىز قاتنىشىنى ئورۇنلاشتۇرغان. بۇلار ئاساسەن چىڭدۇ، چوڭچىڭ، لەنجۇ، شىئەن قاتارلىق خىتاي شەھەرلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە قاتنايدىغان تومۈر يول لىنىيىلىرى ئىكەن.
ھۆكۈمەت ئاققۇنلارغا ئاسانلىق تۇغدۇرۇپ بەرمەكتە
خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئۇيغۇر ئېلىغا يۈز مىڭلاپ كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئىش تېپىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئۇلارنىڭ تۇراقلىق ئىش ھەققىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن " باھار شامىلى كارتىسى" نامىدا ئىش تېپىش قوللانمىسىنى تارقاتقان. 20 -مارت كۈنى ئۈرۈمچىدە يەنە مەخسۇس، خەلق ئىشچىلىرى مۇلازىمەت مەركىزى تەسىس قىلغان. مەركەز ئىش باشلاپلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 70 تىن ئارتۇق شىركەت ھەم ئىشقا ئېلىش ئورۇنلىرى، بىر كۈن ئىچىدىلا 3000 دىن ئارتۇق خىتاي ئاققۇنلىرىنى خىزمەتكە ئالغان.
تەڭرىتاغ تور بېتىنىڭ بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىغا تۈركۈملەپ كېلىۋاتقان بۇ خىتاي ئاققۇنلىرىنى مۇۋاپىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئەمگەك نازارىتى، ياشلار ئىتتىپاقى، تۆمۈر يول ئىدارىسى، سودا- سانائەت باشقۇرۇش تارماقلىرى بىرلىشىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئىش تېپىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئاساسەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ، مۇلازىمەت، يىمەكلىك، قۇرۇلۇش، يول ياساش قاتارلىق ساھەلىرىگە خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. شۇنداقلا ئۇلارنى، بۇ خىل خىزمەتلەرنىڭ ھۆددىسىن چىقىشى ئۈچۈن مەخسۇس تېخنىكا بويىچە تەربىيىلەش كۇرسلىرىغا ئۇيۇشتۇرىدىكەن.
غادايلىقتىن خوجايىنلىققا
كې مىڭچۋەن ئىسىملىك بىر خىتاي ئاققۇن، شىنخۇئا ئاخباراتى مۇخبىرىغا "مەن شىنجاڭدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتقانغا تۆت يىل بولدى، ھازىر بىر خىش زاۋۇتىنى كۆتىرىگە ئالدىم، بۇ قېتىم 39 ئادەمنى مەن ئېلىپ كەلدىم" دېگەن.
يەنە بىر ئون نەچچە ئادەمنى باشلىۋالغان بىر خىتاي، بۇ خىتاي ئىشچىلارنى غۇلجىدىكى بىر قۇرۇلۇش ئورنىغا ئېلىپ ماڭغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بولسا 1993 - يىلىدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە پۇل تېپىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدە خىتاي ئۆلكىلىرىگە قارىغاندا جىقراق پۇل تاپالايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نۆۋەتتە كېلىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسى بىر كىشىنىڭ باشلامچىلىقى بىلەن گۇرۇپپىلار بويىچە كېلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ئىشلەمچىلەر گۇرۇپپىسىنى تەشكىللىگۈچىلەر ئاساسەن بىر قانچە يىل ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىغا كېلىپ پۇل ھەم يول تاپقاندىن كېيىن يەنىمۇ كۆپ خىتاي ئاققۇنلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم شىركەت ياكى قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىغا تونۇشتۇرۇپ ئېلىپ كەلمەكتە ئىكەن.
ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقى
ئۇيغۇرلارنىڭ پىكرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كۆچمەن بولۇپ كېلىشىگە ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش تېپىشىغا قولاي شارائىتلارنى يارىتىپ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە سىياسەتلەرنى چۈشۈرىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، ئەكسىچە ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسى بارغانچە ئېغىرلاشماقتا.
بۇ ھەقتە رادىئومىزغا تېلېفون قىلغان بەزى ئۇيغۇرلار، گەرچە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدە غەربنى ئېچىش پروگراممىلىرى بويىچە نۇرغۇن چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇشلار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇ قۇرۇلۇشلاردا ئۇيغۇرلارنى ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى ئىنكاس قىلىپ، خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشى ھەمدە ئۇلارنىڭ بارلىق ئىش پۇرسەتلىرىگە ئىگە بولىۋېلىشىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى
بۇ يىل 3 - ئاي باشلانغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىغا كەلگەن خىتاي ئاققۇنلار بىر مىليوندىن ئاشقان. خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كېلىش سانى ھەم سۈرئىتى بارغانچە يۇقىرىلاۋاتقان بولۇپ، يازغىچە يەنە قانچىلىك خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا سىڭىپ كىرىشىنى ھازىرچە مۆلچەرلىمەك تەس ئىكەن. (گۈلچېھرە)