ئۇيغۇر ئېلىدە، "2007 ‏- يىللىق باھار شامىلى" ئۇيغۇرلارغا ئېغىر ئىشسىزلىق ئاقىۋەتىنى ئېلىپ كەلمەكتە


2007.04.16

ishsiz.jpg
كۈندىن-كۈنگە كوپىيىۋاتقان خىتاي ئاققۇنلىرى، ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىكنى كوپەيتمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىدە، "2007 ‏- يىللىق باھار شامىلى" نامىدا زور كۆلەملىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلغان بولۇپ، خىتاي ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۈر ھەرىكەت خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە ئىش ئىزدەپ چىققان ئىشسىزلارغا قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان شۇنىڭدەك ئۇلارغا 30 مىڭدىن كۆپرەك خىزمەت ئورنى تونۇشتۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشسىزلىق مەسىلىسى ئەۋج ئالغان بىر پەيتتە، مەيدانغا كەلگەن بۇ ھەرىكەت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا قاتتىق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئىشسىزلىق مەسىلىسى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بىر پەيتتە، خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىدا " شەھەرگە كىرىپ ئىش ئىزدىمەكچى بولسىڭىز، سىزنىڭ قىيىنچىلىقىڭىز 2007‏ - يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى" ئۈرۈمچى نەنخۇ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن، زور كۆلەملىك ئىشقا قوبۇل قىلىش پائالىيىدە ھەل بولىدۇ، 370 دىن ئارتۇق ئىدارە قاتناشقان بۇ پائالىيەتتە 137 خىل خىزمەت ۋە 30 مىڭدىن كۆپرەك ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇلىدۇ" دىگەنگە ئوخشاش ئېلان خاراكتېرلىك خەۋەرلەر ئارقا ‏- ئارقىدىن تارقىلىشقا باشلىدى.

خەۋەردە، ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىتتىپاق كومېتىتى، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى ۋە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەمگەك كاپالەت ئىدارىسى بىرلىكتە، يېزىلاردىكى ئارتۇق ئەمگەك ئېشىنچى كۈچى ۋە كۆچمەن ئاققۇن ئىشچىلارغا ھەقسىز مۇلازىمەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۈرۈمچىدىكى نەنخۇ مەيدانى، ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى ۋە قۇمۇل پويىز ئىستانسىلىرىدا نەق مەيداندا ئىش تونۇشتۇرۇش مەسلىھەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئاققۇن ئىشلەمچى جۇ شىئەننىڭ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلگەن خەۋەردە، ناھايىتى تېز ئارىدا خىزمەت تاپقان جۇ شىئەن" مەن، خېنەندىن تۇنجى قېتىم شىنجاڭغا كېلىشىم، بۇ يەردە مۇۋاپىق بىر ئىش تېپىشنى ئۈمىد قىلىمەن" دېگەن.

ئاپتونوم رايونلۇق ئەمگەك ۋە ئىجتىمائى كاپالەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خىتاي ئاققۇن ئىشلەمچىلەر ئۈچۈن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئىشلەمچىلەرنىڭ ئۇزۇندىن بېرى ئىش تېپىشى قېيىن، ئۆز ھوقۇقىنى قوغدىشى قېيىن بولغاچ، ئۇلار ئىنتايىن ئاجىز كىشىلەر ئىدى، ئىشلەمچىلەر ئالاھىدە ھۆرمەتكە ۋە كۆيىنىشكە مۇھتاج، باھار شامىلى ھەرىكىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ۋاقتىدا ياققان بىر مەيدان يامغۇر ھېسابلىنىدۇ."

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۈت ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلماي تۇرۇپ، خىتاي ئۆلكىرىدىن كەلگەن ئاققۇن ئىشلەمچىلەرگە ئىش تونۇشتۇرۇش ۋە قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى، ئەلۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى مەيدانغا كەلتۈردى، ئۇلار " باھار شامىلى" ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەۋەردە ئىشلەمچىلەر ئىشقا قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېيىغا 1000 يۈئەندىن ئوشۇق مائاش ئالىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان بولۇپ، "باھار شامىلى ھەرىكىتى" يولغا قويۇلۇۋاتقان ئۈچ يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ياخشى نەتىجىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىقى، بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئاققۇن ئىشلەمچىلەر قاچان شەھەرلەردە ئىش تېپىپ، ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلغاندا، ئاندىن بۇ ھەرىكەت ھەقىقىي نەتىجە كۆرسەتكەن ھېسابلىنىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى ئالىم سېيىتوف ئەپەندىلەر، ئۆزلىرىنىڭ "باھار شامىلى ھەرىكىتى" توغرىسىدىكى قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نارازىلىكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.