ئۆزىنىڭ 40 نەچچە يىلىنى پەلەستىننىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىغا بېغىشلىغان پەلەستىن رەھبىرى ياسىر ئارافات پەيشەنبە كۈنى 75 يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئارافات ياتقان پارىژنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان فرانسىيە ھەربىي دوختۇرخانىسى پەيشەنبە كۈنى ئارافاتنىڭ رەسمىي قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. دوختۇرخانا گەرچە ئۇنىڭ ۋاپات بولۇش سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتمىسىمۇ، ئەمما ئارافاتتا نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا مېڭىسىگە قان چۈشۈش ئالامەتلىرى كۆرۈلگەنلىكىنى، ھەمدە ئۇنىڭ جىگەر ۋە بۆرىكىنىڭ ئىنتايىن ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.
بۇ خەۋەردىن پۈتۈن پەلەستىن خەلقى قاتتىق ئازابلىنىپ، "قەھرىمان" ئوبرازىدا كۆرىدىغان ئارافاتنىڭ ۋاپاتى ئۈچۈن يىغا-زارە قىلىپ ئاھ ئۇرۇشتى ھەمدە غەززە رايونىدا ئاسمانغا ئوق ئېتىپ تەزىيە بىلدۈردى.
بۇنىڭ بىلەن بىرگە پەلەستىن دائىرىلىرى پەيشەنبە كۈنى ئارافاتنىڭ ۋاپاتىغا پەلەستىننىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا 40 كۈنگىچە ماتەم بىلدۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنداقلا ئارافاتنىڭ ماتەم مۇراسىمى مىسىر پرېزىدېنتى ھۆسنى مۇبارەكنىڭ تەكلىۋى بويىچە جۈمە كۈنى مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى.
ئارافاتنىڭ ۋاپاتىغا قارىتا دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەت رەھبەرلىرى قايغۇسىنى بىلدۈردى ۋە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ تىنچ يول بىلەن تېزراق ھەل قىلىنىشىغا بولغان ئۈمىدىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج ۋ بۇش ئارافاتقا ئەمىنلىك تىلەش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدىغانلىغىغا ئىشەنچ قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇش سۆزىدە يەنە، ھەتتا شەخسەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىغا قاتنىشىپ، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى ھەمدە يېڭى رەھبەرلەر بارلىققا كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننىڭ مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە دۆلەت ئاپپاراتىنى قۇرۇشىغا ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
ئەنگلىيە باش مىنىستىرى تونى بلېرمۇ بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ ياسىر ئارافاتنى چوڭقۇر سېغىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تونى بلېر سۆزىدە يەنە، نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىنىڭ يەنىلا ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
ئارافاتنى " تېررورچىلىق ھەرىكەتلەرنى قوللىدى " دەپ ئەيىپلەپ كەلگەن ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئارىئال شارون، ئارافات ۋاپاتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنىڭ " تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى" ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئەمدى تېرروچىلىقنى توختىتىشقا ھەرىكەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شارون ھەتتا سۆزىدە ئارافاتنىڭ ئىسمىنى ئاتاشنى رەت قىلغان.
ئارافات ھايات چېغىدا ئۆزىنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئىزچىل تەكىتلەپ، ئىسرائىلىيىنىڭ پەلەستىننىڭ زىمىنىنى ئىگەللىۋېلىشىنى ئەسلى تېررورلۇق دېسە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ياۋروپا بىرلىگىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتى باشلىقى جېۋېر سولانا، فىرانسىيە پرېزىدېنتى جەك شىراك، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش سېكرىتارى كوفى ئاننان، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بىل كلىنتون قاتارلىق ھەرقايسى دۇنيا ئەللىرىنىڭ رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئارافاتنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ھەممىسى بىردەك ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق پىلانىنىڭ تېزدىن ئەمەلگە ئېشىشىغا بولغان ئارزۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئارافات ۋاپاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ چىقىشى ھازىر پەلەستىن كۆڭۆل بۆلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلە بولۇپ، نۆۋەتتە پەلەستىن پارلامېنت باشلىغى راۋھى فاتۇخ 60 كۈن يەنى چوڭ سايلام ئېلىپ بېرىلغىچە ۋاقىتلىق پەلەستىن رەھبىرى بولۇپ تۇرماقچى. (پەرىدە)