خىتاي پۈتۈن ئارمىيىسىنى قايتا رەتلەشكە باشلىدى
2005.07.18
خىتاينىڭ "ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق ئارمىيىنى تەرتىپكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ كۆلىمى ئەزەلدىن كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە چوڭ بولغان. شۇنداقلا تەرتىپكە سېلىش چارىلىرى بولسا، ئارمىيىنىڭ ئىچكى قىسىم قۇرۇلمىسىنى ئىلغارلاشتۇرۇش، يۇقىرى تېخنىكىلىق تەركىبىنى كۆپەيتىش، ئۇنىۋېرسال قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بىرلەشمە ئۇرۇش قىلىش قوماندانلىق ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ھەمدە ئوفېتسېر ۋە ئەسكەرلەرنىڭ نىسبىتىنى ياخشىلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئومۇمىيۈزلۈك ئېيتقاندا، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتى، ئارمىيىنى كىچىك تىپلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈنلۈككە كەلتۈرۈش ۋە ئىقتىدارلاشتۇرۇش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي دۇنيانىڭ ھەربىي ئىسلاھات يۆنىلىشىگە ماسلاشماقچى
ئامېرىكا ئوكلاخوما مەركىزىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ غەربىي تىنچ-ئوكيان تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى دوكتۇر لى شياۋبىن، خىتاينىڭ ئارمىيىسىنى تەرتىپكە سېلىشىنىڭ، سوغاق ئۇرۇشتىن كېيىن پۈتۈن دۇنيا يۈزلىنىۋاتقان ھەربىي ئىسلاھات چوڭ يۆنىلىشىگە ماسلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"چوڭ دائىرىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دۇنيادا ھازىر ھەربىي ئىسلاھات ۋە ھەربىي ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ سوغاق ئۇرۇشتىن كېيىن ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە ئاساسلىق دۆلەتلەر ھەربىي ساھەسىدە زور ئىسلاھات ئېلىپ بېرىپ، ھەربىي ئورگانلارنى قىسقارتتى ھەمدە ئارمىيىنىڭ تېخنىكىلىق سەۋىيىسىنى ئاشۇرۇشقا ئەھمىيەت بەردى. خىتاي دەل مۇشۇ ئېقىمغا ماسلاشماقچى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكىنىڭ 1992 - يىلىدىكى پارىس قولتۇغى ئۇرۇشى ۋە بوسنىيە، كوسوۋا ئۇرۇشلىرىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتمۈشتىكى كونا ئارمىيە تۈزۈمى ۋە كونا ھەربىي ئىقتىدار بىلەن ھازىرقى ۋەزىيەتكە ماسلاشقىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ يەتتى".
ئامېرىكا بۇ ئىسلاھاتنى پارىس قولتۇغى ئۇرۇشىدىلا باشلاپ بولغان
خوڭكوڭدىكى ھەربىي ئىشلار ئوبزورچىسى ما دىڭشېڭ، خىتاينىڭ ئارمىيە تۈزۈلمىسىنى رەتكە سېلىش ھەرىكىتىنىڭ، ئۇلارنىڭ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش پرىنسىپىغا چۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ ئارمىيىنى كىچىك تىپلاشتۇرۇش نىشانىدا توختۇلۇپ، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەتنىڭ ئاساسلىقى، قوماندانلىق قاتلىمىنى ئازايتىش ئارقىلىق ئارمىيە كۆلىمىنى زامانىۋىيلاشقان ھەربىي ئەسلىھەلەرگە ماسلاشتۇرۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"ئارمىيىنى كىچىك تىپلاشتۇرماقچى بولغىنى، ئامېرىكىنى دوراپ نۇرغۇن قوماندانلىق قاتلاملىرىنى قىسقارتماقچى بولغىنى. چۈنكى كۆپ قاتلامغا بۆلۈنۈپ كەتكەندە، بۇنىڭ ئۈنۈمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ ھەمدە ئۇرۇش تاكتىكىسىنى ياخشى ئىگىلىگىلى بولمايدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى زامانىۋىيلاشقان قورال ئەسلىھەلىرىگە شۇنداقلا قوماندانلىق كونترول قىلىش سېستىمىسىنىڭ ئېلېكتىرلىشىشىغا ماس كەلمەيدۇ. ئامېرىكا ئون نەچچە يىلنىڭ ئالدىدىكى پارىس قولتۇغى ئۇرۇشىدىلا ئارمىيىنى ئىسلاھات قىلىپ بولغان. شۇڭا خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى ھازىر دەل مۇشۇ يولنى مېڭىۋاتىدۇ".
خىتاينىڭ ھەربىي تەرەققىياتى غەرب ئەللىرىگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئارقىدا
ما دىڭشىڭ سۆزىدە يەنە، ئارمىيىنى قايتا رەتكە سېلىشنىڭ خىتاي ئارمىيىسىنى تېخىمۇ پاراسەتلىك قىلىشقا پايدىسى بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنى تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ ئارمىيىسىگە سېلىشتۇرغاندا، خىتاي ئارمىيسىنىڭ ئەقلىي قابىلىيەت ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىيۈزلۈك سەۋىيىسىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە يەنىلا قالاق ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:
"گەرچە ھازىر 'خىتاي تەھدىتى نەزەرىيىسى' ۋە خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ئوخشاش پەرەزلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە، كەمبەغەللىكتىن ئەمدىلا قۇتۇلۇشقا باشلىغان بۇنداق بىر چوڭ دۆلەت شۇنداقلا كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئاران 1000 دوللار ئەتراپىدا بولۇۋاتقان بۇ دۆلەت تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرگە ئۇنداق ئاسان يېتىشەلمەيدۇ. خىتاي ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئىلغارلىشىشى مۇمكىن، لېكىن غەرب ئەللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا پەرق يەنىلا چوڭ".
دوكتور لى شياۋبىن خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھازىر يەنىلا، يېرىم ماشىنىلاشقان باسقۇچتا بولۇپ، ئەقلىي قابىلىيەت ئىقتىدارىنىڭ يەنىلا كەمچىل ئىكەنلىكىنى، مۇشۇ سەۋەبتىن خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ "چوڭ سەكرەش ئىسلاھاتى" نى يولغا قويۇشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى. (پەرىدە)